پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىستىنجا قىلىش جەريانىدا كىيىمگە تۆكۈلۈپ كەتكەن سۇنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    ئىستىنجا قىلىش جەريانىدا جۈمەكتىن كىيىمگە تۆكۈلۈپ كەتكەن سۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە  بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

     كىيىمگە ياكى بەدەنگە جۈمەكتىن تۆكۈلۈپ كەتكەن سۇ شەكسىز پاكتۇر، چۈنكى تۇربىنىڭ سۈيى پاكىزدۇر.

    ئەمما چوڭ-كېچىك تەرەتلەرنى تازىلاۋاتقاندا كىيىمگە تۆكۈلۈپ كەتكەن سۇ بولسا، ئۇنىڭ ھۆكمى: ئەگەر بۇ سۇ نىجاسەتتىن ئايرىلغاندا ئۇنىڭ بەزى سۈپەتلىرى ئۆزگەرگەن بولسا نىجىس بولىدۇ، ئەگەر بۇ سۇ كىيىمگە ياكى بەدەنگە تۆكۈلۈپ كەتكەن بولسا، سۇ تۆكەلگەن جاينى يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، ئەمما سۇ يۇيۇۋاتقان نىجاسەتتىن ئايرىلغان ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولمىسا، بۇ پاكىز بولىدۇ، كىيىمگە ياكى بەدەنگە تۆكۈلۈپ كەتسە ھېچ نەرسە بولمايدۇ. مانا بۇ ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر. ["پىقھى توپلاملىرى" 29-توم 99-بەت].

     بۇ مەسىلىنى ياخشى بىلىش كېرەك،  بولمىسا، شەيتان ئىنساننى ۋەسۋەسە قىلىپ ئاشقۇنلۇققا ۋە شەرىئەتكە مۇخالىپ ئىشنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تەرەت سۈندۇرىۋاتقان ۋاقىتتا چاچرىغان سۇدىن شەك قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ئەمما چاچرىغان سۇدا نىجاسەت بار ئىكەنلىكىگە كەسكىن ئىشەنچ قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا كېيىمىنىڭ ياكى بەدىنىنىڭ سۇ چاچرىغان ئورۇننى يۇيىۋېتىدۇ، سۇنىڭ نىجىس بولغانلىقى: سۇنىڭ رەڭگى ۋە پۇرىقىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىلىنىدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سۇنىڭ ئۆزى پاكىزدۇر، لېكىن سۇغا نىجاسەت ئارىلىشىپ كەتسە، بۇ ئېنىق بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ سۇنى ئىشلىتىش پاسكىنا نەرسىنى ئىشلەتكەنگە ئوخشاش بولىدۇ. سۇ پاسكىنا بولماستىن، سۇغا پاسكىنا نەرسە ئارىلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پاسكىنا نەرسە ئارىلىشىپ قالغان سۇنى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ، ئەگەر سۇغا پاسكىنا نەرسە ئارىلىشىپ قالغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان ئالامەت بولمىسا، سۇنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئەتتە قىيىنچىلىق قىلمىغانلىقى، بىزدىن قىيىنچىلىقلارنى كۆتۈرۋەتكەنلىكى بابىدىن ھەر ئېھتىمالدا سۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پاكىزلىق ھالىتىدە بولىدۇ.

    ئەسەرلەردە بايان قىلىنىشچە، تۈرلۈك ئېھتىماللىقنىڭ بولىشى بىلەن تۇرۇقلۇق، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خرىستىيان ئايالنىڭ كوزىسىدىن سۇ قۇيۇپ تەرەت ئالغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قېتىم ھەمراھى بىلەن كۆلگە سۇ قويۇلىدىغان نوكەشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەمراھى: ھەي نوكەشنىڭ ئىگىسى! بۇ سۇ پاكىزمۇ ياكى پاسكىنىمۇ؟ دېگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئەي نوكەشنىڭ ئىگىسى! بۇنىڭغا گەپ قىلمىغىن، بۇ ئۇنىڭ ئىشى ئەمەس دېگەن.

    ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئالىملار بۇ مەسىلىنى دەلىللەپ: بىر ئادەمنىڭ ئۈستىگە نوكەش ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەردىن سۇ چۈشكەن بولسا، چۈشكەن سۇدا نىجىسلىقنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلەر بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا سۇنىڭ ھۆكمىنى سوراش كېرەك بولمايدۇ، سوراش مەكروھ بولىدۇ دېگەن". ["پەتىۋالار توپلىمى" 1-توم 225-226-بەت].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى تەرەت سۇندۇرغان ئورۇندا تەرەت ئالسا، كىيىمى نىجىس بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولسا، ئۇ كىشىگە كىيىمىنى يۇيۇش كېرەك بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "مەن سوئالغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن بىر سۆزنى دەيمەن: ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، ئىسلام شەرىئىتى ھەممە تەرەپتىن مۇكەممەل، ئاللاھ ئىنساننى ياراتقان تەبىئىتىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان، ئاسانلىق ۋە يەڭگىللىك ئاساسىغا قۇرۇلغان، ئىنساندىن ئەسلى بولمىغان خىيال، ۋەسۋەسىلەرنى يىراق قىلىدىغان دىندۇر. شۇنىڭغا ئاساسەن، ئەسلىدە ئىنسان ئۆزىنىڭ كىيىملىرى بىلەن پاك بولۇپ، كىيىمى ۋە بەدىنىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغانلىقىغا ئىشەنچ قىلمىدى، بۇنى بىر كىشىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ دائىم نامازدا تەرىتى بۇزۇلغاننى خىيال قىلىدىغانلىقىنى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ كىشىگە دېگەن مۇنۇ سۆزى ئىسپاتلايدۇ: «سەن ئوسۇرۇقنىڭ ئاۋازىنى ياكى پۇرىقىنى پۇرىمىغىچە نامازدىن چىقىپ كەتمە». ئەسلى قائىدە، ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىدە قىلىشتۇر. شەك بىلەن ئەسلى ھالەت يوقالمايدۇ.

    سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، ئۇ كىشىنىڭ ھاجەتخانىغا كىرگەن ۋاقىتتىكى كىيىمى سۇ بىلەن ھۆل بولغان بولسا بۇنى كىم بۇ نەملىك نىجاسەت ياكى نىجاسەت بىلەن ئارىلاشقان سۇ دېيەلەيدۇ؟. بۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالمىغاندا ئەسلى بولغان پاكىزلىق ھالىتىدە قالىدۇ، توغرىسى پەقەت ئۇ كىشىنىڭ گۇمانىغا كېيىم نىجىس نەرسە بىلەن بۇلغاندى دېگەن قاراش كەلگەن، لېكىن نىجىس بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايدىكەنمىز، ئەسلىدىكى پاكىزلىق ھالىتىدە قالىدۇ.

   بۇ سوئالنىڭ جاۋابىدا شۇنداق دەيمىزكى: ئەگەر ئۇ كىشى كىيىمىگە نىجاسەت يەتكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىسا، ئەسلىدىكى پاكىزلىق ھالىتىدە قالىدۇ، كىيىمىنى يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ، شۇ كېيىم بىلەن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"11- بۆلۈم 23-نومۇرلۇق سوئال].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى