چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان دەم سېلىش بەزى ۋاقىتتا زىياننىڭ ھاسىل بولىشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

دەم سېلىشنى بىلمەيدىغان بىر ئايال ئېرىغا دەم سىلىپ قويدى، كېيىن ئۇ ئايال كېسەل بولۇپ قالدى، سالما ۋە پاتمۇچۇققا ئوخشاش نەرسىلەر كۆز ئالدىغا كېلىۋالىدىغان بولۇپ قالدى، كېيىن ئۇ ئايالنى يولدىشى تالاق قىلىۋەتتى، بىلمەي تۇرۇپ دەم سالغاننىڭ ئۇ ئايالغا تەسىرى بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

     ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ دەم سىلىپ ئوقۇغىنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئۇيغۇن، شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن دەم سىلىش ئۇسۇلى بويۇنچە دەم سىلىپ پاناھلىق تىلەش بولسا شەرىئەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى بىلەن بېكىتىلگەن. بۇنىڭ ھېچ زېيىنى يوق، بەلكى بۇنداق قىلىش يوللۇق، بۇنىڭ ئۇ ئايال ئۈچۈن يۈز بەرگەن ئىشلار بىلەن ئالاقىسى يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن 3476-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئەمما ئۇ ئايالنىڭ ئوقۇغىنى شەرىئەتتە كۆرسىتىلمىگەن بىدئەت ۋە شېرىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەم سىلىش بولسا، بۇنىڭ بىمارغا پايدىسى بولمايدۇ ئەكسىچە بۇ دەم سالغۇچى ۋە سالدۇرغۇچىغا زېيىنى يېتىدىغان توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن دەم سىلىش ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ دەم سالغۇچى ياكى دەم سالدۇرغۇچىدىن ئىبارەت ئىككىسىنىڭ بىرىدە بىدئەت ۋە شېرىكنىڭ تۈرلىرى بولۇپ قالسا شۇنداق بولىدۇ.

    پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەم سالغاندا شېرىك سۆز ۋە مەنىسى بىلىنمەيدىغان سۆزلەر بولمىغان ئەھۋالدا،   قۇرئان، زىكىر ۋە دۇئالار بىلەن دەم سېلىشقا رۇخسەت قىلغان، بۇ توغرىدا ئەۋىپ ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىز جاھىلىيەت دەۋرىدە رۇقىيە ئوقۇپ دەم سالاتتۇق، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز توغرىمۇ؟دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «دەم سالغان رۇقىيە دۇئالىرىڭلارنى ماڭا كۆرسىتىڭلار؟ئەگەر ئۇنىڭ تەركىبىدە شېرىك سۆزلەر بولمىسا توغرا بولىدۇ» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى].

    ئۆلىمالار رۇقىيە ئوقۇپ دەم سىلىش يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بويىچە بولسا ۋە بۇنىڭ پەقەت بىر سەۋەپ ئىكەنلىكى، پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئىتىقاد قىلىش بىلەن دەم سالسا توغرا بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 1-توم 244-بەت].

    شەرىئەتتە كۆرسىتىلمىگەن رۇقىيە دۇئالىرىنى ئوقۇپ دەم سالغان كىشى بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ۋە سۈننەتتە بايان قىلىنغان رۇقىيە دۇئالىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك.

   شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن رۇقىيە دۇئالىرىنى ئوقۇپ دەم سالسا، بۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شىپا تېپىشقا سەۋەپ بولىدۇ، ئەمما شەرىئەتتە كۆرسىتىلمىگەن رۇقىيە دۇئالىرى بىلەن دەم سىلىش بولسا بەزى ۋاقىتتا ئىنسانغا بالا-مۇسىبەت، قىيىنچىلىقلارنىڭ يېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَا أَصَابَكُمْ مِنْ مُصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ  تەرجىمىسى: «سىلەرگە(يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا)ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ(ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار)» [سۈرە شۇرا 30-ئايەت].

   ئۇ كىشى ئۈچۈن يۈز بەرگەن ئىشنىڭ ھەقىقىتى ئاللاھقا تاپشۇرىلىدۇ، ھېچ كىشى ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىغا كەسكىن ھۆكۈم قىلالمايدۇ، يەنى بۇ ئىش نېمە ئۈچۈن بولدى؟، رۇقىيە ئوقۇش سەۋەبىدىنمۇ؟ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ؟ياكى ئۇ پەقەت ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن بالا-مۇسىبەتمۇ؟ بۇنى بىلمەيدۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان بارلىق خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى كېرەك بولىدۇ، ئىنسانغا يېتىدىغان بارلىق مۇسىيبەتنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقىدۇر، ئىنسان ئۆزىگە يەتكەن زىيان-زەخمەت ۋە ئەزىيەتلەرنى يوق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىلاج قىلىش ئۈچۈن شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن رۇقىيە دۇئالىرىنى ئوقۇپ دەم سىلىش ۋە داۋالىنىشنىڭ سەۋەپلىرىنى تۇتۇش بىلەن بىرگە ئاللاھقا بەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دائىم ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرۇشى، ئەتتىگەن-كەچتە، ئۇخلىغاندا، كىيىم كىيگەندە، ئۆيگە كىرگەن-چىققاندا ۋە باشقا ھالەتلەردە ئوقۇشقا تىگىشلىك بولغان زىكىرلەرنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىشى كېرەك، ئىنسان شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھەممىدىن بەكرەك ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش ئارقىلىق ساقلىنىدۇ.

   توغرا شەكىلدە رۇقىيە ئوقۇشنىڭ شەرتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن 13792- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

    تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 11290-122272- 149490- بۇ نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى