سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ئايالنىڭ يېنىدا يەنە بىر ئايالنىڭ بولىشى بىلەن خىلۋەتنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالامدۇ؟

175176

تارقاتقان ۋاقىت : 12-01-2013

كۆرگۈچىلەر : 5634

سۇئال

ئايالىم ئۆيدە گاز تۈگىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، گاز تۇڭىنى ئالماشتۇرۇش زۆرۈر ئىدى، مەن ئۆيدە ئەمەس، گاز تارقاتقۇچى ئۆيگە كىرىپ يېڭى گاز تۇڭىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقىپ كەتسە بولامدۇ؟، ئايالىمنىڭ يالغۇز قالماسلىقى ئۈچۈن يەنە بىر ھەمشىرە بىرگە بولسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپتۇر.

1- بارلىق دىنى ئالىملاريات ئايال بىلەن يات ئەرنىڭ يالغۇز جايدا بىرگە تۇرۇشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ياتئەركىشىمەھرىمىبولمىغانياتئايالبىلەنيالغۇزقالمىسۇن. [بۇخارى رىۋايىتى 5233-ھەدىس، مۇسلىم رىۋايىتى 1341- ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يات ئەر يات ئايال بىلەن ئۈچىنچى بىر كىشى بولمىغان بىر جايدا يالغۇز قىلىشى، بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن چەكلەنگەندۇر يەنى ھارامدۇر". [سەھىھ مۇسلىمشەرھى 9- توم 109- بەت].

ئىمام سەنئانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىس،ئەر كىشىنىڭ يات ئايال بىلەن بىر جايدا يالغۇز قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئىسپاتلايدۇ.بۇ بارلىق دىنى ئالىملارنىڭ بىردەك كۆز قارىشىدۇر". [سۇبۇلۇس سالام 1- توم 608 - بەت].

2- قىز-خانىملار مەھرىمى ياكى يولدىشى ئۆيدە بولمىغان ھالەتتە، يات ئەركەكنىڭ ئۆيگە كىرىشىگە تۆۋەندىكىدەك ئىككى شەرت ئاستىدا رۇخسەت قىلىدۇ:

بىرىنچى شەرت: بۇنىڭ ئۈچۈن يولدىشى رۇخسەت قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى شەرت: ئۇ ئايال ئۆيدە يالغۇز بولماسلىق بەلكى ئۇنىڭ يېنىدائوغلى، قېرىندىشى ياكى دادىسىغا ئوخشاشنىكاھلىنىشى ئەبەدىي چەكلىنىدىغان تۇغقانلىرىدىن بولغان مەھرىمى بولىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ ئايال بىلەن مەھرەم بولماستىن بەلكى باشقا بىر ئايال بولسىمۇخىلۋەت يەنى يالغۇز قىلىشنىڭ چەكلىنىشى، بىرگە تۇرغان ئايالنىڭ ئىشەنچىلىك يەنى ئىماندار بولىشى شەرت ئاستىدا ئەمەلدىن قالىدۇ. چۈنكى يېنىدىكى ئايال ئىشەنچىلىك بولغاندا يات ئەردىن ئەنسىرەشتىن خاتىرجەم بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يات ئەر يات ئايال بىلەن ئۈچىنچى بىر كىشى بولمىغان بىر جايدا يالغۇز قىلىشى، بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن چەكلەنگەندۇر. ئەمما ئەركىشى بىرنەچچە ئايال بىلەن بىر جايدا تۇرسا، توغرا قاراشتا جايىز دېيىلىدۇ. [سەھىھ مۇسلىمشەرھى 9- توم 109- بەت].

ئىمام سەنئانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەدىستە، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتاندۇردەپ كەلگەن، يەنى مۇشۇنداق ھالەتتە مەھرەم بولالمايدىغان بىرى بۇلار بىلەن بىرگە بولسا يالغۇز قىلىش دېگەن ئۇقۇم يوق بولامدۇ؟ دېگەندە، يوق بولىدۇ. چۈنكى، ئۈچىنچى بىر شەخسنىڭ ھازىر بولىشى بىلەن ئىككەيلەن ئارىسىغا شەيتاننىڭ پىتنە سىلىپ قويۇش قورقۇنچىسىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ. [سۇبۇلۇس سالام 1- توم 608].

خۇلاسە:سىز گاز يەتكۈزگۈچى خادىمنى، ئايالىڭىز يالغۇز قالمىغان ۋە يېنىدىكى يەنە بىر ئايالنىڭمۇ ئامانەتدارلىقىغائىشەنچ قىلالىغان شەرت ئاستىدا، ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىشىنى دۇرۇس دەپ قارايمىز. ئەسلىدە شەرئى پرىنسىپدا، يۇقىرىقىدەك ئىشلار سەۋەبلىك، قىز-خانىملارنىڭيات ئەركىشىنىڭ ئۆيىگە كىرىشىگە رۇخسەتبېرىشى ئۈچۈن، يېنىدا مەھرەم بولۇشىلازىمدۇر.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىئاللاھدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى