جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز چېچىنى بويىشى ۋە كېسىشىنىڭ ھۆكمى

174932

تارقاتقان ۋاقىت : 30-09-2012

كۆرگۈچىلەر : 4983

سۇئال

ئەرنىڭ ئايالىنىڭ چېچىنى كېسىش ۋە بوياشتىن چەكلىشى توغرىمۇ؟، ئايال شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىشلارنى ئېرى رازى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قىلسىچۇ؟ گۇناھ - مەئسىيەت بولمايدىغان ئىشلاردا ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنىڭ چەك-چىگراسى نېمىلەردىن ئىبارەت؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ،چۈنكى ئەر ئۇ ئايالنىڭ ھامىيسى ئاستىدا بولغانلىقى ئۇچۇندۇر.بۇ ھەقتە ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ:ٱلرِّجَالُ قَوَّٰمُونَ عَلَى ٱلنِّسَآءِتەرجىمىسى: ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر [سۈرە نىسا 34-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

ئىبنى كەسىر(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)،ئەلي ئىبنى ئەبى تەلھەنىڭ ئبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇردېگەن ئايەتنى تۆۋەندىكىدەك تەپسىرلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئەمىرلىرى.يەنى ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشى،ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلاردا ۋە ئۆز ئەھلىگە ياخشىلىق قىلىشتا،ئېرىنىڭ مال-دۇنياسىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا بولىدۇدېگەن.شۇنىڭغا ئوخشاشلا مۇقاتىل ۋە سەددي،دەھھاكلارمۇ شۇنداق دېگەن.[تەپسىر ئىبنى كەسىر 2293].

ئايالنىڭ ئېرىگەئىتائەت قىلىشى ۋاجىپ بولغان ئىشلار ئىچىدىن، تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك ئىش مۇستەسنادۇر:

بىرىنچى:گۇناھ-مەئسىيەتكە ئىلىپ بارىدىغان ئىشلاردا ئەرگە ئىتائەت قىلمايدۇ.يەنى ۋاجىپ بولغان ئىشلارنى تەرك قىلىش ياكى ھارام ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇلغاندا، ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى جايىز بولمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا ئاسيلىق قىلىش بەدىلىگە، بەندىگە ئىتائەت قىلىش يوق.[بۇخارى رىۋايىتى6830- ۋە  مۇسلىم رىۋايىتى1840-ھەدىسلەر].

ئىككىنچى:ئەرگە ئىتائەت قىلىش نەتىجىسىدە، ئايال ئۇچۇن زىيانلىق ياكى ئۇ ئايالنىڭ ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچراشقا ئىلىپ بارىدىغان ئىشلار بولسا،بۇ ھالەتتە ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى ۋاجىپ بولمايدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:شۈبھىسىزكى، ئىتائەت قىلىش ياخشى ئىشلاردا بولىدۇ.[بۇخارى رىۋايىتى].

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:ئۆزىگىمۇۋەباشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزۇش يوق.[ئىبنى ماجە ۋە دار قۇتنى رىۋايىتى].

ئايالنىڭ چېچىنى كېسىشى ۋە بويىشى شەرتلىك ئەھۋالدا جايىز بولۇپ، ئۇلارنىڭئەرلەرگە،كاپىرۋەپاسىق ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشتىن ساقلىنىشى ھەمدە قارا بوياقتا بويىماسلىقى كېرەك.

ئەگەر ئېرى ئايالىنىڭ چېچىنى كېسىش ۋە بويىشىغارۇخسەت قىلمىسا، ئۇ ئىشلارنى قىلشى جايىز بولمايدۇ.شۇنداقلا ئەر ئايالىنى گۇناھ ئىشلارغا بۇيرۇمىسىلا، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى لازىم بولىدۇ.

چاچ ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىدە شەك يوق. شۇنداقلا ئايالنىڭ ئۆز ئېرى ئۈچۈن گۈزەللىنىشى ئەرنىڭ ھەققىدىندۇر.

ئاللاھ ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى