چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «سېنىڭدىن سەن بىلەن پاناھ تىلەيمەن» دېگەن سوزى توغرىسىدا

سۇئال

مەن سىلەردىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدىدە قىلغاندا ئوقۇيدىغان دۇئالىرىدىن: «ئې ئاللاھ! مەن سېنىڭ رازىلىقىڭ بىلەن غەزىبىڭدىن، ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن، سەن بىلەن سېنىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيلىگەندەك، مەن سېنى مەدھىيلىيەلمىدىم» دېگەن دۇئادىكى «سەن بىلەن سېنىڭدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياتقان ئورنىدىن يوقىتىپ قويدۇم، ئۇنى ئىزدەپ سىلاشتۇرۇپ قولۇم ئۇنىڭ ئىككى پۇتۇنىڭ ئاستىغا تەگدى، ئۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قەدىمىنى تىكلەپ سەجدە قىلغان ھالەتتە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇۋېتىپتۇ: «ئې ئاللاھ! مەن سېنىڭ رازىلىقىڭ بىلەن غەزىپىڭدىن، ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن، سەن بىلەن سېنىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيلىگەندەك، مەن سېنى مەدھىيلىيەلمىدىم». [مۇسلىم رىۋايىتى].

    مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «سەن بىلەن سېنىڭدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: "سېنىڭ رەھمىتىڭ بىلەن ئازابىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ھەقىقەتەن پاناھلىق تەلەپ قىلىنىدىغان نەرسە ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە خالىشى، ئىزنى ۋە ھۆكمى بىلەن سادىر بولغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىنى پەيدا قىلغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشتا يەنە ئاللاھ بىلەن پاناھلىق تەلەپ قىلىنىدۇ". ["پەيزىل قەدىر شەرھى جامىئۇسسەغىر"2-توم 176-بەت].

    ئىبنىل قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «سەن بىلەن سېنىڭدىن پاناھ تىلەيمەن» ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىق سۈپىتى بىلەن غەزەپ سۈپىتىدىن، ئەپۇ قىلىشى بىلەن ئازاپ قىلىشىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلىش بولۇپ، بۇ ھەر ئىككىسىنى ئېتىبارغا ئىلىپ پاناھلىق تىلەشتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلگىرىكى ئىككى جۈملىدە ئايرىم بايان قىلىنغان سۆزلەر بىلەن پاناھلىق تەلەپ قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن پاناھلىق تەلەپ قىلىش بولسا ئېسىل پايدىلارنى ئۆز ئېچىگە ئىلىش بىلەن بىرگە ئىلگىرىكى سۆزنىڭ مەنىسىگە قايتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تەۋھىدنىڭ مۇكەممەللىكىدۇر، پاناھلىق تەلەپ قىلغۇچى پاناھلىنىدىغان ۋە ساقلىنىدىغان ئىش بولسا ھەقىقەتتە ئۇ ئاللاھنىڭ ئىشى، خالىشى ۋە قۇدرىتىدۇر. ئاللاھ يالغۇز ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىسىگە يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ يامانلىقتىن پەقەت ئاللاھ بىلەن پاناھلىنىدۇ، بەندىسىگە يامانلىقنى ئىرادە قىلغان ئاللاھ ئۇنى قايتۇرۇشنىمۇ ئىرادە قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇ ئىككى ئىرادىسىنى  ئېتىبارغا ئىلىش بىلەن ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلىنىدۇ: «ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىر زىياننى ئىرادە قىلسا، ئۇنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ» زىياننى ئىرادە قىلغان ئاللاھ، ئۇنىڭدىن ئۆزى ساقلايدۇ، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى بىر ئىلاھ يوق، ئاللاھدىن پاناھ تىلىگەندەك، ئاللاھدىن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە ساقلىنىدۇ، ئىلتىجا قىلىنىدۇ، ئاللاھدىن باشقا پەرۋەردىگار يوق، بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى يوق، ئاللاھ ئاللاھ ھەممە ئىشلارنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى، ئۆزگەرتكۈچى ۋە خالىغانچە سەرپ قىلغۇچىدۇر". ["تەرىقۇل ھىجرەتەين ۋە بابۇس سائادەتەين"1-توم 431-بەت].  

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى