سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كىمكى رەجەپ ئېيىدا: ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق .... دېسە كۆپ ئەجىر بولىدۇ دېگەن ھەدىسنىڭ توقۇلما، يالغان ھەدىس ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن تېلېفۇنىمغا بۇ ھەدىس كەلدى، بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى سەھىھ ئەمەسلىكىنى بىلىشنى خالايمەن، ھەدىس مۇنداق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى رەجەپ ئېيىدا ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر ۋە ئاللاھغا تەۋبە قىلىمەن دېگەن سۆزنى يۈز قېتىم دەپ، سۆزىنى سەدىقە بېرىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىنى رەھمەت ۋە مەغپىرەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ، كىمكى بۇ سۆزلەرنى تۆت يۈز قېتىم دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن يۈز شەھىدنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى يازىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   سەھىھ ھەدىس كىتابلىرىدا بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى يوق، ھېچ بىر ئالىمدىن رىۋايەت قىلىنغانلىقى بىلىنمەيدۇ، شۇنىڭدەك، توقۇلما، ماۋزۇ ھەدىسلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان كىتابلاردىن بۇ ھەدىسنى تاپالمىدۇق.

    بىز ھەقىقەتەن بۇ ھەدىسنى ئىشەنچىسىز، ئىسنادسىز يالغان رىۋايەتلەر بىلەن تولغان شىئەلەرنىڭ بەزى كىتابلىرىدىن تاپتۇق، بۇ ھەدىسنى ئىبنى تاۋۇس ھىجىريىنىڭ 664-يىلى ۋاپات بولغان ئەلى ئىبنى مۇسا ئىبنى جەپەرنىڭ "ئەمەللەرگە يۈزلىنىش" ناملىق ئەسىرىنىڭ 3-توم 216-بەتتە زىكىر قىلىنغان. ئىبنى تاۋۇس بۇ ھەدىسنى ئىسنادسىز ئىلاۋە قىلىپ زىكىر قىلىپ مۇنداق دېگەن: "رەجەپ ئېيىدا تەۋبە قىلىش، تەھلىل ئېيتىش ۋە ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا زىكىر قىلىنىدىغان ھەدىسلەر توغرىسىدىكى بۆلۈم"دە بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغانلىقىنى تاپتۇق: كىمكى رەجەپ ئېيىدا ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر ۋە ئاللاھغا تەۋبە قىلىمەن دېگەن سۆزنى يۈز قېتىم دەپ، سۆزىنى سەدىقە بېرىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىنى رەھمەت ۋە مەغپىرەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ، كىمكى بۇ سۆزلەرنى تۆت يۈز قېتىم دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن يۈز شەھىدنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى يازىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقاندا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە: مېنىڭ پادىشاھلىقىمنى ئېتىراپ قىلدىڭ، مەندىن نېمىنى خالىساڭ سورىغىن مەن ساڭا بېرىمەن، ھەقىقەتەن  بۇنىڭغا مەندىن باشقا قادىر بولغۇچى يوق دەيدۇ. بۇ توپلامدىن شىئەلەر ئۆزلىرىنىڭ باشقا كىتابلىرىغا نەقل قىلغان مەسىلەن: ھىجىرىيە 1104-يىلى ۋاپات بولغان ھۆررىل ئامىلىنىڭ"ۋاسائىل شىئە" 10-توم 484-بەت كەلتۈرگەن ۋە باشقا كىتابلاردىمۇ كەلتۈرگەن.

   شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەدىسنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى روشەنلىشىدۇ:

   بىرىنچى: بۇ ھەدىسنىڭ ھېچ ئىسنادى يوق.

    ئىككىنچى: بۇ ھەدىس يالغۇز شىئە كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنغان، ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى بۇ ھەدىسلەرنىڭ مەشھۇر بولىشى بۇ ھەدىسلەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ۋە تور بەتلىرىدە كەڭ تارقالغانلىقىدىندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقالغان ھەدىسلەردىن ھەزەر قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇ ھەدىسلەرنىڭ مەنبىيى يالغان بىلەن تولغان شىئە كىتابلىرىدۇر.

ئۈچىنچى: بۇ ھەدىسنى رەجەپ ئېيىغا ئالاقىدار قىلىپ قويۇشىدىن رەجەپ ئېيى توغرىسىدا رىۋايەت قىلىنغان بارلىق ھەدىسلەردىن ھەزەر قىلىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى رەجەپ ئېيىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا توقۇلغان ھەدىسلەر بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بەزى ئۆلىمالار بۇ توغرىدا ئايرىم كىتابلارنى يازدى، ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ كىتابىغا:"رەجەپ ئېيىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كەلگەن ئاجايىپلارنى بايان قىلىش" دەپ ئاتاپ مۇنداق دەيدۇ: "رەجەپ ئېيىنىڭ پەزىلىتى، ئۇ ئايدا روزا تۇتۇش ياكى مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇش، مەلۇم كېچىلەردە قىيامدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇش توغرىسىدا ھۆججەتلىككە يارايدىغان سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان، مەندىن ئىلگىرى بۇنى ئىمام ھاپىز ئەبۇ ئىسمائىل ھىرەۋىي كەسكىنلەشتۈرگەن، بىز ئۇنىڭدىن سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلدۇق، شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن باشقىلاردىنمۇ رىۋايەت قىلدۇق، لېكىن ئالىملارنىڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەر توغرىسىدا توقۇلما بولمىسا، زەئىپ بولغان ھەدىسلەرنى كەلتۈرۈشتە كەڭ قورساق بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلغۇچىنىڭ ئۇ ھەدىسنى زەئىپ دەپ ئېتىقاد قىلىشى شەرت ئېتىلىدۇ، باشقىلارنىڭ زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىپ شەرىئەتتە يولغا قويمىغان ئىشلارنى يولغا قويماسلىقى ياكى بەزى بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ بۇنى سەھىھ ھەدىس دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشنى بەك تارقىتىۋەتمەسلىك كېرەك. "ھەيران قالارلىق ئىشلارنى بايان قىلىش" 11-بەت.

    تۆتىنچى: ئەجىر-ساۋاپنى مۆلچەرلىمەك، رەجەپ ئېيىدا قىلىنغان ئازغىنە ئەمەلگە يۈز ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق شەھىدنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى بېرىشكە ئوخشاش ئىشلار توغرا پرىنسىپتا بايان قىلىنمىغان.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگىچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى