شەنبە 14 مۇھەررەم 1446 - 20 ئىيۇل 2024
Uygur

ساغلىق سۇغۇرتىسى ۋە دوختۇرخانىنىڭ سوغۇرتا بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

شەخسى دوختۇرخانىنىڭ سوغۇرتا بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىمەن، مېنىڭ خىزمىتىم: كېسەلنى تەكشۈرۈش ياكى ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچۈن كېسەلدىن تەلەپ قىلىنىدىغان دوختۇر قارارىنى سوغۇرتا شىركىتىگە ئاپىرىپ ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق كەلگەنلىك ئىمزاسىنى ئىلىش قاتارلىق ئىشلار بولۇپ، بۇ ھاراممۇ ياكى ھالالمۇ؟، بۇ ھەقتە ئېنىق چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: تىجارەت سۇغورتىسىنىڭ ھەممە تۈرى ھارام، مەيلى ئۇ ھاياتلىق سۇغۇرتىسى بولسۇن ياكى ساغلىق سۇغۇرتىسى بولسۇن ياكى ئۆي-مۈلۈك، ماشىنا سۇغۇرتىسى بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش ھارام، لېكىن مۇنداق ئىككى خىل ھالەتتە سوغۇرتا قىلىش توغرا بولىدۇ:

    بىرى: ئىنسان ئۇنىڭغا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، خۇددى ماشىنىنى سوغۇرتا قىلىش، شىركەت خىزمەتچىلەر ساغلىق سۇغورتىسىغا مەجبۇر قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا سۇغۇرتا قىلدۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭ گۇناھى مەجبۇرلىغان تەرەپكە بولىدۇ.

    ئىككىنچىسى: ئىنسان ساغلىق سۇغۇرتىسى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى ياكى سۇغورتىسىز نەخ پۇلغا داۋالىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن سۇغۇرتىغا جىددى ھاجەت بولۇپ قالدى، بۇنداق ئەھۋالدا بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى بىلەن سوغۇرتا قىلدۇرۇش دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى بۇ شەكىلدىكى سۇغۇرتىنىڭ ھارام بولىشىدىكى سەۋەپ پەقەت ئېنىقسىزلىق، قىمار ياكى جازانە ئەمەس، ئۇنداق بولىدىكەن ئېھتىياجلىق بولغاندا دۇرۇس بولىدۇ.

     ئېنىقسىزلىق دېگەن: مۇئ‍مىن پۇل ئۆتەيدۇ لېكىن ساغلىق خىزمىتىدىن قانچىلىك پايدىلىنىدۇ، ئۆتىگەن پۇلنىڭ باراۋېرىدىمۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئازمۇ-كۆپمۇ؟ بۇنى بىلمەيدۇ.

     سۇغۇرتىنىڭ تۈرلىرىدىن ھايات سۇغۇرتىسىغا ئوخشاش ئېنىقسىزلىق ۋە جازانىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىرى بار، مۇئ‍مىن ھەر ئايدا ئۆتەيدۇ، قانچىلىك ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، مالنىڭ قارشىسىدىكى نەرسە مەلۇم بولۇپ بەرگەنسىرى زىيادە بولىدۇ.

    ھاجەت بولغاندا ساغلىق سۇغۇرتىسى قىلدۇرۇشنىڭ دۇرۇسلىقىغا بارغان ئالىملار: د. ئەلى مۇھىددىن ئەلقۇررە داغى، د. ئابدۇراھمان بىن سالىھ ئەلئەترەم، د. يۈسۈپ شۇبەيلى، د. خالىد دۇئەيجى قاتارلىقلار.

    ئالىملارنىڭ بېكىتىشىدە، ئېنىقسىزلىق جەھەتتىن ھارام بولغان نەرسە  ھاجەت بولغاندا دۇرۇس بولىدۇ. ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېنىقسىز نەرسىنى سېتىشمۇ قىمارنىڭ تۈرىدىن بولۇپ، كۈچلۈك مەنپەئەت ۋە ھاجەت بولغاندا ئۇنىڭ تۈرلىرىمۇ دۇرۇس بولىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 14-توم 471-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئېنىقسىز نەرسىنى سېتىشتىن چەكلەنگەن، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ مېلىنى ھەقسىز يەۋېلىشقا ئىلىپ بارىدىغان قىمارنىڭ بىر تۈرىدۇر، ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق بىر زىيان توغرا كېلىپ قالسا، ئىككى بۇزۇقچىلىقنىڭ ئاددىراقىنى قالدۇرۇپ چوڭىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇ ئىش دۇرۇس بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29-توم 483-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئېنىقسىزلىقنىڭ بۇزۇقچىلىقى جازانىدىن تۆۋەنرەك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھاجەت بولغاندا ئېنىقسىز نەرسىنى سېتىش دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنىڭ ئېنىقسىز بولغانلىق زىيىنىدىن ھارام بولغانلىقىنىڭ زېيىنى چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: زېمىن سودىسى بولۇپ گەرچە تامنىڭ ئېچىدىكى نەرسىلەرنى ۋە ئاساسلىرىنى بىلمىسىمۇ بولىدۇ، ھامىلدار ياكى كېسەل ھايۋاننى سېتىش مەسىلىسى، گەرچە ھامىلىنىڭ ۋە سۈتنىڭ مىقدارىنى بىلمىسىمۇ بولىدۇ، شۇنداقلا ھامىلىنى يالغۇز سېتىشتىن چەكلەنمەكلىك بىلەن، كۆپچىلىك ئالىملار  ئۇلاغنىڭ سۈتىنىڭ مىقدارىنى بىلمىسىمۇ سۈتلۈك دەپ ئالسا بولىدۇ، دەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش مېۋىنىڭ پىشقانلىقى ئاشكارا بولسا ئۇنى ساتقانغا ئوخشاش، ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، مېۋە پىشىپ، ئۈزۈپ بولغىچە شاختا تۇرىدۇ. ئىمام مالىك، شاپىئى ۋە ئەھمەد قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە: سېتىپ بولغاندىن كېيىن پەيدا بولماستىن، ئۇنىڭ بىلەن يارايدىغان بولىشىنى مۇكەممەل قىلىدىغان قىسمى دەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خورمىنى ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن ساتقاندا سېتىۋالغۇچىغا مېۋىسىنى ئېلىۋالىدىغانلىقىنى شەرت قىلغان سودىنى دۇرۇس دېگەن، ئۇ كىشى مېۋە پىشىشتىن بۇرۇن سېتىۋالغان ئىدى، لېكىن بۇ دەرەخنىڭ ئەسلىنى سېتىش يولى بىلەن دۇرۇس بولىدۇ. بۇنىڭ ئۆز ئېچىگە ئالغانلىق ۋە ئەگەشكەنلىكىنى ئېتىبارغا ئىلىپ ئازراق ئېنىقسىزلىق بىلەن بولسا بۇنىڭدا  دۇرۇس بولىدۇ، باشقا نەرسىلەردە دۇرۇس بولمايدۇ ". ["پەتىۋا كوبرا" 4-توم 21-بەت].

    ئىككىنچى: ئىنساننىڭ دوختۇرخانىنىڭ سۇغۇرتا بۆلۈمىدە دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلىشى توغرا بولىدۇ، بۇ ھارامغا ياردەم بەرگەنلىك بولمايدۇ، چۈنكى دوختۇرخانىغا مۇراجىئەت قىلغۇچىلار سۇغۇرتىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ياكى مەجبۇر بولىدۇ، ياكى شىركەت سۇغۇرتا قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، ياكى ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجى بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئۇلارنىڭ ساغلىق سۇغۇرتىسىدىن پايدىلىنىشى دۇرۇس بولىدۇ. بۇ يەردە ئېھتىياجى بولمىغانلارمۇ بولىدۇ، بۇنى ئايرىش قىيىن بولىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى