پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان قىزغا نىكاھتا كىم ۋەلى بولىدۇ

سۇئال

    مەن خرىستىيان ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان بىر خرىستىيان قىز، لېكىن ئاللاھقا ھەمدىلەر  بولسۇن، مەن يېقىندا مۇسۇلمان بولدۇم، ئانا خرىستىيان ھالىتىدە ۋاپات بولدى، دادام ماڭا بەك قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ، مەن مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن دادمنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى بۇرۇنقىدىن بەك ناچارلىشىپ كەتتى، مەندىن غەيري رەسمى شەكىلدە ئالاقىسىنى ئۈزدى، مەن بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيمەن، خرىستىيان قىزلار بىلەن بىرگە تۇرىمەن، مېنىڭ بەزى قىيىنچىلىقىم بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە ھىجاپقا كىرمىدىم، بۇنىڭغا گۇناھ بولامدۇ؟ يەنىمۇ ئوچۇقراق سورىۋالاي: ئەگەر بىر مۇسۇلمان يىگىت مەن بىلەن ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە توي قىلىشنى تەلەپ قىلسا، مەن ھاياتىم ۋە توي ئىشىمغا ئىگە بولىدىغان بىر مۇسۇلمان ئائىلىگە سېغىنىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    سىزنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغان ۋە دىلىڭىزنى ئىمانغا مۇشەررەپ قىلغان ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن، ئاللاھدىن سىزنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىڭىزدا توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز.

   ھىجاپ ھەرقانداق مۇسۇلمان خانىم-قىزلىرىغا پەرىزدۇر، ئۇنۋېرسىتنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ ھىجاپلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىڭ.

   نىكاھنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن قىزنىڭ ۋەلىسى بولىشى كېرەك، يەنى دادىسى، چوڭ دادىسى، بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى ۋە تاغا تۇغقانلىرى قاتارلىق يېقىن تۇغقانلىرىدىن مۇسۇلمان بولغانلار، ئەگەر قىز بالىنىڭ مۇسۇلمان ۋەلىسى بولمىسا، ئۇنى مۇسۇلمان قازى ئىگە بولۇپ ياتلىق قىلىدۇ، ئەگەر مۇسۇلمان قازى بولمىسا، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا نۇپۇزلۇق بولغان ئىسلام مەركەزلىرى قاتارلىق ئورۇنلار ئىگە بولسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق ئورۇنلارمۇ بولمىسا ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئىگە بولۇپ ياتلىق قىلسا بولىدۇ.

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سىزنىڭ توي ئىشىڭىزغا، سىز ياشاۋاتقان رايوندىكى ئىسلام مەركىزى ئىگە بولىدۇ ياكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سىز مۆتىۋەر بىلىدىغان بىرسى ئىگە بولسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇمۇ مۇمكىن بولمىسا سىز سۆزلەشكەن ئائىلىدىن ياكى باشقا ئائىلىدىن ئادەتتىكى بىر مۇسۇلمان ئىگە بولسىمۇ بولىدۇ.

    سىزنىڭ ھىجاپ مەسىلىڭىزگە كەلسەك، سىز ئامال قىلىپ ھىجاپلىنىشقا تېرىشىڭ، پەقەت ئامال بولمىغاندا، ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەزلى-ياخشىلىقى بىلەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى ئىمكانىيىتى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، لېكىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىڭىزنى ئاشكارا قىلىشتىن چەكلەيدىغان ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە كۆپ تىرىشچانلىق قىلىڭ، ئاللاھ تائالادىن سىزگە ياخشى ئەر ۋە ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلىشنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى