جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مەسچىت توشۇپ كەتكەندە يولنىڭ ئوتتۇرىدا ناماز ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

  شەرىئەتنىڭ يولنىڭ ئوتتۇرىدا ناماز ئوقۇشتىن چەكلەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن مەسچىت توشۇپ كەتكەن بولسا، يولنىڭ ئوتتۇرىدا ناماز ئوقۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالساق، ئوقۇغان نامىزىمىز سەھىھ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، يولدىن ئىنسانلار ئۆتىدىغان ئورۇن بولغان يولنىڭ ئوتتۇرىدا ناماز ئوقۇش مەكروھ بولىدۇ.

    يولنىڭ ئوتتۇرىدا ناماز ئوقۇشتىن چەكلەشنىڭ سەۋەبى: باشقىلارنىڭ ھەققىگە كېرىپ كەتمەسلىك، يولنى تارلاشتۇرماسلىق، ئۇ كىشى ئۆزىنى يولدىن ئۆتكۈچىلەر بىلەن مەشغۇل قىلىدۇ، نامازنىڭ خۇشۇسى ئازلاپ كېتىدۇ.

   لېكىن.. مەسچىت تارچىلىق بولۇپ، جامائەت پېتىشماي، ناماز ئوقۇيدىغان باشقا ئورۇن بولمىسا، جامائەت يولنىڭ ئوتتۇرىدا ناماز ئادا قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇ ۋاقىتتا يولنىڭ ئوتتۇرىدا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ["پىقھى توپلاملىرى" 27-توم 114-بەت، 38-توم 367-بەت].

   پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "مەسچىت تارچىلىق بولسا، بازاردا ۋە مەسچىت ئەتراپىدا ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مەسچىت توشوپ كىشىلەر بازاردا ۋە مەسچىت ئەتراپىدىكى مەيدانلاردا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ، ھەتتا يولدا ناماز ئوقۇسا توغرا بولمايدۇ دېگەن ئالىملارمۇ جۈمە ۋە ھېيت نامىزى قاتارلىق نامازلاردا مەسچىت توشۇپ كەتسە يولدا ۋە كوچىلاردا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ دەپ قارىغان، چۈنكى ھاجەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھۆكۈم ئىستىسنا قىلىندى. مەسچىت تولغان ۋاقىتتا بازارلاردا ۋە يولنىڭ ئوتتۇرىدا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋا ۋە رىسالىلەر مەجمۇئەسى" 12-توم 331-بەت]. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى