يەكشەنبە 26 شەۋۋال 1445 - 5 ماي 2024
Uygur

نامازدا ئەتراپقا قاراش ۋە كۆز يۈگۈرتۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

  نامازدا ئەتراپقا قاراش ۋە كۆز يۈگۈرتۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، ئۇنداق قىلىش بىدئەتمۇ ياكى نامازنى باتىل قىلىۋېتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    نامازدا ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈش ۋە قاراش بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ:

   1-كۆكسى بىلەن قىبلە تەرەپتىن ئۆرۈلۈپ قاراش، بۇ شەكىلدە قاراش نامازنى باتىل قىلىدۇ، چۈنكى قىبلىگە يۈزلىنىش نامازنىڭ سەھىھ بولۇش شەرتلىرىدىن بىر شەرتتۇر. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 65853 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

  2-جىسمى قىبلىگە يۈزلەنگەن ھالەتتە بېشى بىلەن ياكى كۆزى بىلەن قاراش، بۇ شەكىلدە قاراش مەكرۇھ بولۇپ، ئەگەر ھاجەت ئۈچۈن بولغان بولسا بولىدۇ. ئەگەر ھېچ قانداق ھاجەتسىز قىلغان بولسا، نامىزى باتىل بولماستىن توغرا بولىدۇ لېكىن نامازنىڭ ساۋابى كېمىيىپ كېتىدۇ.

   "پىقھى توپلاملىرى" 27-توم 109-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "نامازدا ئەتراپقا قاراشنىڭ مەكرۇھ ئېكەنلىكىدە پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نامازدا ئەتراپقا قاراش توغرىسىدا سورىغان ئىدىم؟ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «بۇ بىر خىيانەت بولۇپ، شەيتان ئىنساننى نامىزىغا خىيانەت قىلدۇرىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 751-ھەدىس].

   بۇ ئىشنىڭ مەكرۇھ بولىشى ئۈزۈر ياكى ھاجەتنىڭ بولماسلىقىغا ئالاقىدار بولۇپ، ئەگەر ئىنسانغا مېلىدىن ياكى ئۆزىگە كېلىدىغان بىرەر ئىشتىن ئەنسىرەش بولسا، مەكرۇھ بولمايدۇ.

   سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى: 7-توم 27-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "نامازدا ئەتراپقا قاراش مەكرۇھ بولۇپ، ئۇ نامازنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىدۇ، لېكىن نامازنى ئەتراپقا قاراپ ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئۇ نامازنى قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك بولمايدۇ، باشقا ھەدىسلەردە، ئېھتىياج بولغاندا نامازدا ئەتراپقا قاراشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى ئىپادىلەندى، شۇنىڭدىن بۇنىڭ نامازنى باتىل قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلىنىدۇ".

ھاجەت بولغاندا نامازدا ئەتراپقا قاراشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر كەلدى، ئۇ ھەدىسلەردىن: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاغرىپ قالدى، بىز ئۇنىڭ ئارقىسىدا نامازغا تۇرغان ئېدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇپ بەردى، ئۇنىڭ تەكبىرلىرىنى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جامائەتكە ئاڭلىتاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە قاراپ، بىزنىڭ قىيامدا تۇرغانلىقىمىزنى كۆرۈپ قولى بىلەن ئولتۇرۇڭلار دەپ ئىشارەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئولتۇردۇق، نامىزىمىزنى ئۇنىڭ ئولتۇرغان ھالىتىدىكى نامىزى بىلەن ئادا قىلدۇق».

  سەھەل ئىبنى ھەنزەلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بامدات نامىزىغا تەكبىر ئېيتىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جىلغا تەرەپكە قارىغاچ نامازنى ئادا قىلدى».

    ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ كېچىسى جىلغا تەرەپكە بىر ئاتلىق كىشىنى كۈزەتچىلىك قىلىشقا جىلغا تەرەپكە ئەۋەتكەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى916-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازدا ۋەسۋەسە بولۇپ قالسا، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەپ قارىسا بولىدۇ، بەلكى قاتتىق ھاجەت بولغاندا پەقەت بېشى بىلەن قاراش مۇستەھەب بولىدۇ". ["ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 11-توم 130-بەت].

    3-قاراشتىن بولغان ئۈچىنچى تۈر بولسا: نامازدا نامازنى تەپەككۇر قىلماي، دىلى بىلەن نامازدىن بۇرۇلۇپ، دىلىنى مەشغۇل قىلىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىلگىنكى، بۇ تۈردىكى قاراش ئىككى خىل بولىدۇ:

  1-ھىسسى بولغان بەدىنى بىلەن قاراش، بۇ بېشى بىلەن قاراشتۇر.

  2-مەنىۋىي بولغان دىلى بىلەن قاراش، بۇ دىلىغا كېلىدىغان ۋەسۋەسە ۋە تەشۋىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىللەتتىن ھېچ كىشى خالى بولالمايدۇ، بۇنىڭ ئىلاجىنى قىلىش بەك قېيىن، مۇسۇلمان بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتالمايدۇ، بۇ نامازنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىدۇ، كاشكى بۇنداق قاراش نامازدا بىر قېتىملا بولغان بولسا!!. لېكىن ئۇ نامازنىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرغىچە بولىدۇ، بۇنىڭغا خىيانەت دېگەن سۆز مۇۋاپىق كېلىدۇ، شەيتان ئىنساننى نامىزىغا خىيانەت قىلدۇرىدۇ". ["شەرھىل مۇمتى" 3-توم 70-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى