جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

پەجىر سۈرىسىدە ئون كۈن دېگەننىڭ ئورنىغا ئون كېچە دەپ زىكىر قىلىشتىكى ھېكمەت نېمە؟

سۇئال

ئاللاھ تائالانىڭ پەجىر سۈرىسىدە ئون كېچە دېگەن سۆزنى زىكىر قىلىشتىكى ھېكمىتى نېمە؟. زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى كېچىدە ئەمەس بەلكى كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە باشلىنىدىغان بولۇپ، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ چەكسىز ھېكمىتى بارلىقى ئېنىق، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئاللاھ تائالا پەجىر سۈرىسى 1-2- ئايەتتە سۈبھى بىلەن ۋە زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كېچىسى بىلەن قەسەم قىلدى، بۇ قەسەم قېلىنغان ئون كېچىدىن بولغان مەقسەت نېمە؟ دېگەن مەسىلىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ ھاسىل بولدى: 1-كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇ زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ دەيدۇ، بەلكى ئىبنى جەرىر تەبەرى رەھىمەھۇللاھ  تەپسىر ئۆلىمالىرىنىڭ: "بۇ زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كېچىسى ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى نەقىل قىلدى". ["تەپسىر ئىبنى جەرىر تەبەرى" ناملىق ئەسەر 7-توم 514-بەت].

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ تەپسىرىنىڭ 4-توم 535-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئون كېچىدىن بولغان مەقسەت: زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كېچىسىدۇر، بۇ سۆزنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئىبنى زۇبەير، مۇجاھىد ۋە باشقا ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى نۇرغۇن ئۆلىمالار دېگەن.

    بۇ يەردىكى سوئال: كۈندۈزنى كېچە بىلەن ئىپادىلەشتىكى ھېكمەت نېمە؟ دېمەكتۇر. بۇنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:

    كۈندۈز دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا كېچە دېگەن سۆز ئىشلىتىلدى، چۈنكى ئەرەب تىلى كەڭ دائىرىدە بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا كېچە دېگەن سۆز كەلتۈرۈلۈپ بۇنىڭدىن كۈندۈز مەقسەت قېلىنىدۇ ۋە كۈندۈز دېگەن سۆز كەلتۈرۈلۈپ بۇنىڭدىن كېچە مەقسەت قىلىنىدۇ، كوپ ۋاقىتلاردا ساھابىلار ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرىدە كۈندۈز دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا كېچە دېگەن سۆز ئېشلىتىلىنىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە بەش كۈن روزا تۇتتۇق دەيدۇ گەرچە روزىنى كۈندۈزدە تۇتسىمۇ، ئۇنى كېچە دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەيدۇ.

    نۇرغۇن ئۆلىمالارمۇ بۇ توغرىدا دەلىل بايان قىلدى، ئۇلاردىن: ئىبنى ئەرەبى" ئەھكامۇل قۇرئان" ناملىق ئەسەر 4-توم 334-بەتتە، ئىبنى رەجەپ"لەتائىپۇل مەئارىپ"470-بەتتە دەلىل بايان قىلدى.

   2-بەزى ئۆلىمالار ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بولغان يەنە بىر رىۋايەتتە: ئون كېچىدىن بولغان مەقسەت: رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسىدىن ئىبارەت دەيدۇ، چۈنكى ئۇلار رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسى ئارىسىدا قەدىر كېچىسىمۇ بار، ئاللاھ تائالا بۇ كېچە توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:بىز قۇرئان كەرىمنى ھەقىقەتەن بىر مۇبارەك كېچىدە نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇرمىز، ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك ئىش ھۆكۈم قىلىنىپ بېكىتىلىنىدۇ. [سۈرە دۇخان 3-4-ئايەتلەر].

    ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ سۆزنى تاللاپ، بۇ ئايەتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە مۇۋاپىق دېدى. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ ئەممە پارىسىنىڭ تەپسىرىگە قارالسۇن].

    توغرىنى ئاللاھ ھەممىدىن بەك ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى