شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

بىر كىشى مېلىنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ قويغاندىن كېيىن ئۇنى ئوغرى ئالغان بولسا، ئۇنىڭغا ئورنىغا يەنە مېلىدىن ئايرىم زاكات ئايرىشى كېرەك بولامدۇ؟

سۇئال

بۇ يىل رامزاندا ئۆيۈمگە ئوغۇر كىردى، ئۆيدە يۈزمىڭ جۈنەي ئاۋۇستىرالىيا پۇلىنىڭ قىممىتىدە ئالتۇن بار ئىدى، ئوغرى ئەللىك مىڭ جۈنەي قىممىتىدىكى ئالتۇننى ئوغرىلاپتۇ، ئۇنىڭدىن سىرت ئالتۇنلارنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ بېرىدىغان زاكات پۇلنىمۇ شۇ يەردە قويۇپ قويغان ئىدىم، ئەپسۇس ئوغرى ئۇنىمۇ ئاپتۇ، مۇشۇنداق ھالەتتە مەن يەنە قالغان مالنىڭ زاكىتىنى بېرىمەنمۇ؟ بەزىلەر دەيدۇ: سىز زاكات بىرىمەن دەپ نىيەت قىلىپ، زاكات بېرىدىغان مالنى ئايرىپ بولغاندىن كېيىن ئوغرى ئالدى، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن سىزگە قايتىدىن زاكات بېرىش كېرەك بولمايدۇ دەيدۇ، بۇ سۆز توغرىمۇ؟، يەنە بەزىلەر: سىز زاكات بېرىدىغان مالنى ئايرىغان بىلەن ھەقلىق كىشىلەرگە بەرمىدىڭىز، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن سىز زاكاتنى ئايرىمىغاندەك بولدىڭىز، سىزگە قايتىدىن زاكات ئايرىش كېرەك بولىدۇ دەيدۇ؟، ماڭا بۇ مەسىلىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئاللاھ تائالادىن پات پۇرسەتتە سىزنىڭ زېيىنىڭىزنى تولۇقلاپ بېرىشنى، مېلىڭىزنى قولىڭىزغا قايتۇرۇپ بېرىشنى، سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق مال بېرىشنى سورايمىز.

    ئىككىنچى: سىز ئالتۇننىڭ زاكىتى دەپ ئايرىغان ئاندىن ئوغىرلانغان مالغا كەلسەك: سىزگە ئۇ زاكاتنى قايتىدىن چىقىرىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى زاكات ھەقلىق بولغان كىشىلەرنىڭ قولىغا تەگمىدى.

    شەيخ مەنسۇر بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر زاكات بېرىدىغان مالنى ئومۇمى مالدىن ئايرىغان بولسا، ئۇنى كەمبەغەللەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۇ مال يوق بولغان بولسا، مالنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭغا ئورنىغا باشقىدىن مالنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ. ["كەشپۇل قەننائ" 2-توم 269-بەت].

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشىنىڭ مېلىدىن زاكات ئايرىيدىغان ۋاقىت بولغاندا، زاكاتنى ئايرىپ ئۇنى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىدىغان كىشىگە بەرگەن بولسا، ئۇ كىشى بۇنى ئىشەنچلىك جايدا قويسا، ئاندىن ئۇ مالنى ئۇ يەردىن  ئوغۇر ئالغان بولسا، بۇ زاكاتنى قايتىدىن ئايرىيامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "زاكاتقا ئايرىغان ماللار كەمبەغەللەرنىڭ ھەققى بولۇپ، بۇ ھەق ئۇلارنىڭ قولىغا تەگمىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى قايتىدىن بېرىش كېرەك بولىدۇ".  ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"18-توم 479-480-بەت].

    يەنە بىر كىشى شەيختىن: مېنىڭ پۇل قاپچۇقۇمنى بۈگۈن ئوغرى ئالدى، ئۇنىڭ ئىچىدە زاكات بېرىمەن دەپ ئايرىپ قويغان پۇل بار ئىدى، بۇ مال يوقالغان ياكى ئوغىرلانغاندىن كېيىن شۇ مال بىلەن زاكات ئادا بولامدۇ ياكى زاكاتنى قايتىدىن ئادا قىلىشىم كېرەكمۇ؟دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "سوئال سورىغۇچى زاكات بېرىش ئۈچۈن مالنى تەييار قىلدى، ئۇ مال ئۇ كىشىنىڭ قولىدىن چىقمىدى ۋە پىقىر-مىسكىنلەردىن ھەقلىق بولغان كىشىلەرنىڭ قولىغىمۇ تەگمىدى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بىر كىشىنىڭ زاكاتقا تەييار قىلغان مېلى ئوغۇرلانغان بولسا، ئۇ كىشى ئوغۇرلانغان مالنىڭ ئورنىغا قايتىدىن زاكات مېلىنى چىقىرىشى كېرەك بولىدۇ.

    بەلكىم قايتىدىن چىقىرىش سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يوقالغان مېلىنى ئورنىنى تولۇقلاپ  بېرىدۇ". ["مەككە ھەرەم پەتىۋاسى" 9-لىنتا  1423-يىلى].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى