چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

دىنى جەھەتتىن ئىماملىققا لايىق ئەمەس كىشىنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش توغرىسىدا

159556

تارقاتقان ۋاقىت : 12-03-2017

كۆرگۈچىلەر : 2395

سۇئال

بىزگە مەسچىتتە دائىم جامائەتنىڭ ھەممىسى ياقتۇرمايدىغان بىر كىشى ئىماملىققا ئۆتىۋالىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر ئەگەر مۇشۇ ئادەم ئىمام بولىۋالسا بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇمايمىز دەپ قەسەم قىلدى، ئەتراپتىكى كۆپچىلىك كىشىلەر بۇ ئىمام سەۋەپلىك مەسچىتتە ناماز ئوقۇمايدۇ، بىلىشىمىزچە بۇ كىشى قۇرئاندىن بىر قانچە قىسقا سۈرىلەرنى بىلىدىكەن، نامازغا ئالاقىدار پىقھى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت ئۇ كىشىنىڭ ئەخلاقى ناچار، خوشنىلارغا بەك ئازار يەتكۈزىدۇ، بىلىشىمىزچە مەسچىتتە ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئىماملىققا لايىق كىشىلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىدىن باشقا ھېچ كىمنى ئىماملىققا ئۆتكۈزمەيدۇ، بىز ئۇ جايدىكى بىرەر كىشىنى زىيارەت قىلىپ كەلسەك، نامازنى شۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇيمىزمۇ ياكى يالغۇز ئوقۇيمىزمۇ ۋەياكى باشقا مەسچىتكە بېرىپ ئوقۇيمىزمۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىمامنى دىنى مەلۇماتى يوق، بىلىمسىز، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىدۇ، خوشنىلارغا ئازار يەتكۈزىدۇ دەپ مەزكۇر ئىمامنى مەسچىتنىڭ جامائەتلىرى ياقتۇرمايدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ جامائەتكە ئىمام بولىشى لايىق بولمايدۇ، ئۇ كىشىنى ئىماملىقتىن قالدۇرۇۋېتىپ، ئىماملىققا لاياقىتى بار باشقا بىر كىشىنى ئىمام قىلىش كېرەك.

ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ رىۋايەت قىلغان 360-نومۇرلۇق ھەدىستە، ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ نامىزى قۇلاق تۈۋىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدۇ: قاچقان قۇل خوجايىننىڭ يېنىغا قايتقۇچە، يولدىشىنى خاپا قىلىپ قاقشاتقان ئايال ۋە جامائەت ياقتۇرمايدىغان ئىمامدىن ئىبارەت. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئىمام خەتتابى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:|"ئىماملىققا لايىق بولمىغان كىشىنىڭ جامائەت ياقتۇرمىسىمۇ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ ئىمام بولىۋېلىشى نامازنىڭ قوبۇل بولماسلىقى قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئىماملىققا لايىق بولغان كىشى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا مالامەت ئۇ ئىمامنى ياقتۇرمىغان كىشىگە قايتىدۇ". ["ئەۋنىل مەئبۇد" ناملىق ئەسەر 2-توم 213-بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن: "جامائەت ياقتۇرمايدىغان كىشى ئىماملىققا ئۆتىۋالسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "جامائەت بۇ ئىمامنى دىنى جەھەتتە: يالغانچى، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىدۇ، بىلىمسىز، بىدئەتچى دېگەندەك تەرەپلەردىن ياقتۇرمىسا، باشقا بىر كىشىنى دىنى جەھەتتە، راستچىل، ئالىم، تەقۋادار دەپ قارىلىپ، يەنى ئۇ ئىمامدىن ياخشى دەپ قارىسا، ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئىماملىققا ئۆتكۈزۈپ، ياقتۇرمايدىغان كىشنى ئىماملىقتىن قالدۇرىشى كېرەك، جامائەت ياقتۇرمايدىغان كىشىنىڭ ئىمام بولىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ." ["پەتىۋالارمەجمۇئەسى"23 -توم 373-بەت].

مەزكۇر ئىمامنى ئىماملىقتىن قالدۇرۇپ، ئىماملىققا لايىق باشقا كىشنى ئىمام قىلىش مۇمكىن بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا جامائەتلەر قۇرئان-ھەدىسنى ياخشى بىلىدىغان، ناماز ئەھكاملىرىنى چۈشىنىدىغان، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلغان، ئۆزلىرى رازى بولىدىغان ئىمام بار مەسچىتكە كېتىشى كېرەك، بەزىلەر ئۈچۈن بۇنداق قىلىش قىيىن بولسا، ئۇلار مۇشۇ ئىمامنىڭ كەينىدە نامازنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئېغىرچىلىقلىرىغا سەۋىر قىلىدۇ، ئۇ ئىمامنى ئىسلاھ قىلىشقا، مۇمكىن بولغان مىقداردا ۋەز-نەسىھەت قىلىشقا تېرىشىدۇ، يالغۇز ھالەتتە ناماز ئوقۇمايدۇ، ھەتتا ئۆيىدە بولسىمۇ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇماستىن مەسچىتكە كېلىپ ئوقۇيدۇ، نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇش مۇھىم ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر، ساھابىلار، تابىئىنلار زالىم ئىماملارنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان، مەسچىتتە جامائەتنى تەرك قىلمىغان.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كىشىنىڭ بىدئەت ۋە پىسقى-پۇجۇرنى چەكلەشنىڭ زېيىنىئىماملىقىنى چەكلەشنىڭ زىيىنىدىن ئارتۇق بولۇپ كەتسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ ئىماملىقىنى چەكلىمەيمىز، ئۇنىڭدىن باشقا ئىمام بولمىسا جۈمە نامىزى، ھېيت نامىزى ۋە كۈندىلىك جامائەت نامىزىنى ئاشۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلار ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ سەقەپىي، مۇختار بىن ئەبى ئۇبەيد ئەسسەقەپىي ۋە باشقىلارنىڭ كەينىدە تۇرۇپ جۈمە نامىزى ۋە كۈندىلىك جامائەت نامىزىنى ئوقۇغان، چۈنكى جۈمە نامىزى ۋە كۈندىلىك جامائەت نامىزىنى تەرك قىلىشنىڭ زېيىنى پاجىر ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغاننىڭ زىيىنىدىن ئارتۇق بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۇلارغا ئەگەشمەسلىك ئۇلارنىڭ پاسىقلىقىنى چەكلىيەلمىسە ئۇ ۋاقىتتا، بۇزۇقچىلىقنى توسۇيالماستىن شەرئىي مەنپەئەتنى تەرك ئېتىش ھاسىل بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەلەپ ئالىملىرى ۋە بەزى مەزھەب پېشىۋالىرىدىن زالىم رەھبەرلەر ۋە بىدئەت ئەھلىگە ئىقتىدا قىلمايدىغانلىرى ساناقلىقلا ئېدى، ئەگەر جۈمە نامىزى ۋە جامائەت نامىزىنى باشقا جايدا بولسىمۇ ياخشى-تەقۋادار ئىمامغا ئەگىشىپ ئادا قىلىش مۇمكىن بولسا ئۇ ۋاقىتتا پاسىق ئىمامغا ئەگەشكەندىن تەقۋادار ئىمامنىڭ مەسچىتىگە بېرىپ ئوقۇش ياخشى بولىدۇ." ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 23-توم 343-344-بەتلەر].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى