جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تاۋاپۇل ئىپادە قىلىشتىن بۇرۇن ئايالى بىلەن بىرگە بولۇش توغرىسىدا

سۇئال

ھەج قىلغۇچى قۇربان ھېيت كۈنى چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىپ، چاچنى قىسقارتىپ بولغاندىن كېيىن پەرز تاۋاپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئېھرامدىن چىقىپ ئايالى بىلەن بىرگە بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ھەججى توغرا بولامدۇ؟، ئۇ كىشىگە جازا كىلەمدۇ؟، ئەگەر جازا كېلىدىغان بولسا، قوينى زەبىھ قىلىپ مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ ياكى باشقا جايدا زەبىھ قىلسىمۇ بولامدۇ؟، مەسىلىنى قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەج قىلغان كىشى ئەرەپاتتىن قايتىپ پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ئايالى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ھەججى بۇزۇلمايدۇ، لېكىن ئۇ كىشى زور خاتالىق سادىر قىلغان بولىدۇ، تىزدىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىپ، ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ، يېڭىدىن ئېھرام كىيىپ پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قوي ئۆلتۈرۈپ ئۆزى يېمەستىن مەككە كەمبەغەللىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىشى لازىمدۇر.

   ئەگەر ئايالىمۇ ئېھراملىق بولۇپ، مۇناسىۋەتتە ئېرىگە ماسلاشقان بولسا بۇ ئايالغىمۇ ئېرىگە ئوخشاش جازا كېلىدۇ، ئەمما ئايال خالىمىسمۇ ئېرى مەجبۇر قىلغان بولسا، ئۇ ئايالغا جازا كەلمەيدۇ.

   "پىقھى توپلاملىرى"2-توم 192-بەتتە مۇنداق بايان قېلىنغان: "ئۆلىمالار ئەرەپاتتىن قايتىپ شەيتانغا تاش ئېتىپ ۋە چاچنى ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتىپ پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان كىشىنىڭ ھەججىنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقىغا ئىتتىپاق كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا كېلىدىغان جازا توغرىسىدا بىرلىككە كېلەلمىدى، ھەنەپىي، شاپىئىي ۋە ھەنبەلىي ئۆلىمالىرى ئۇ كىشىگە بىر قوي جازا كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىگە ئايالدىن باشقا نەرسىلەر ھالال بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ سادىر قىلغان جىنايىتى يەڭگىل جىنايەت ھېسابلىنىدۇ دېدى.

    ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ ۋە بىر قىسىم شاپىئى ۋە ھەنبەلىي ئۆلىمالىرى ئۇ كشىگە تۆگە جازا كېلىدۇ دەيدۇ، مالىكى ئۆلىمالىرىدىن: باجى بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ: بىر تۆگە جازا كېلىشى، ئۇ كىشىنىڭ ئېھراملىق ھالىتىدە سادىر قىلغان جىنايىتىنىڭ كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈندۇر دېدى.

    ئىمام مالىك ۋە ھەنبەلى ئۆلىمالىرى پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان كىشىنىڭ ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرىتىغا چىقىپ يېڭىدىن ئېھرام كىيىپ ئۆمرە قىلىشى كېرەك بولىدۇ دەيدۇ. ئۇ بۇ قاراشتا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ سۆزىگە تايانغان.

    ئەمما ھەنەپىي ۋە شاپىئىي ئۆلىمالىرى بۇنداق قىلىشنى بېكىتمىدى.

    مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئال-شەيخ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەج قىلغۇچى ئىپراد ھەججى قىلغان بولسۇن ياكى قىران ھەججى قىلغان بولسۇن، ئۇ كىشى ئەرەپاتتىن قايتىپ شەيتانغا تاش ئېتىپ ۋە چاچنى ئالدۇرۇپ بولۇپ پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ھەججى بۇزۇلمايدۇ لېكىن ئېھرامى بۇزۇلىدۇ، يەنى ئۇ كىشىنىڭ بۇ ھالەتتە پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ يېڭىدىن ئېھرام كېيىپ مەككىگە كىرىپ پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىدۇ، ئۇ كىشىگە يەنە بىر قوي جازا كېلىدۇ، ئۇنى مەككىدە ئۆلتۈرۈپ مەككىنىڭ كەمبەغەللىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆزى يېمەيدۇ، ئەگەر ئايالىمۇ جىنسى مۇناسىۋەتتە ئېرىگە ماسلاشقان بولسا ئۇ ئايالغىمۇ بىر قوي جازا كېلىدۇ، ئامما ئېرى تەرىپىدىن زورلانغان بولسا، ئۇ ئايالغا ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ". ["مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى ۋە رىسالىلىرى" 5 -توم 2-3-204-بەتلەر].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى ئەرەپاتتىن قايتىپ شەيتانغا تاش ئېتىپ ۋە چېچىنى قىسقارتىپ ياكى تولۇق ئالدۇرۇپ بولۇپ پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان قىلغان بولسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ پەقەت بىر قوي ئۆلتۈرۈپ ئۇنى مەككىنىڭ كەمبەغەللىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ كىشى ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ يېڭىدىن ئېھرام كىيىپ پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ". ["ئوچۇق سۆھبەت" 90-سان 17-بەت].

    ئەگەر ھەرەم سىرتىغا چىقىپ يېڭىدىن ئېھرام كىيمەي تاۋاپ قىلسا قىلغان تاۋاپىنىڭ توغرا بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

     شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى پەرز تاۋاپنى ئادا قىلماستىن يۇرتىغا قايتىپ ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ھەججى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى، بىر قوي ئۆلتۈرۈپ ئۇنى مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشى، مەككىگە قايتىپ كېلىپ پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئۇ كىشىگە بىر قوي  ياكى تۆگىنىڭ ياكى كالىنىڭ يەتتىدىن بىر قىسمى جازا كىلىدۇ". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 17-توم 180-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى