پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

پەيغەمبەر ۋە ساھابىلار شەخسىيىتى ئوبرازلاشتۇرۇلغان سېنارىيە فىلىملىرىنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى

158232

تارقاتقان ۋاقىت : 16-01-2013

كۆرگۈچىلەر : 4906

سۇئال

ئۆسمۈرلەرگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ شەخسىيىتى ئوبرازلاشتۇرۇلغان سېنارىيە فىلىملىرىنى قويۇپ بېرىش دۇرۇسمۇ؟، شۇنداقلا مەريەم ئانىمىز ۋە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، يۇسۇپ ئەلەيھىسسالام ۋە ئەررىسالە (رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىم) قاتارلىق سېنارىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش توغرىمۇ؟، مەن پەرزەنتلىرىمگە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزۈش يولىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋىردىكى ھاياتىنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن، يۇقىرىقى ۋەسىلىنى قوللىنىمەن، بۇ قىلغىنىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: بارلىق دىنى ئالىملار، پەيغەمبەرلەرنى بولۇپمۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭشەخسىيىتىنى ئوبرازلاشتۇرۇشنىڭ ھاراملىقى يەنى قەتئىي چەكلەنگەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. بۇ قارار سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىۋە ئىسلام پىقھى ئاكىدىمىيسىنىڭ مەككە-مۇكەررەمە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشىدا، مەزكۇر ئشىنىڭ ھاراملىقىنى توغرىسىدا دىنى ئۆلىمالار بايانات ئىلان قىلغان.

شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەرنىڭشەخسىيىتى ئوبرازلاشتۇرۇش بولسا، ئۇلارنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرۈش،كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.كىشىلەرنىڭ قەلبىدە پەيغەمبەرلەرگە بولغان ھۆرمەت، سۆيگۈ، مېھرى-مۇھەببەت ۋە پىداكارلىق تۇيغۇلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى تەقلىد قىلىپ رول ئىلىش، كىشىلەر قەلبىدىكى ھۆرمەت- ئىززىتىنى چۈشۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ سىنارىيىنىڭ قونچاقفىلىم شەكلىدە ئىشلىنىشىدۇر.

پەيغەمبەرلەر ھەققىدە ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە قۇرئان كىرىمدە بايان قىلىپ بەرگەن قىسىسىلىرى يىتەرلىكتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: لَقَدْ كَانَ فِي قَصَصِهِمْ عِبْرَةٌ لِّأُولِي الْأَلْبَابِ، مَا كَانَ حَدِيثًا يُفْتَرَىٰ وَلَـٰكِن تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ كُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَتەرجىمىسى: ئۇلارنىڭ قىسسىسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر. [سۈرە يۈسۈپ 111- ئايەت].

ئىسلام پىقھى ئاكىدىمىيسىنىڭ قارارىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئارتىسلار تەقلىد قىلىپ رول ئالسا، تاماشىبىنلارغا نىسبەتەن ھۆرمەتلىك كىشىلەرنىڭ سىماسى خىيال قىلىنىدۇ، بۇ سېنارىيە كىنو شەكلىدە ياكى درامما شەكلىدە ياكى قونچاقفىلىم شەكلىدە ياكىئۇلارنىڭ سىماسى ئىپادىلىنىدىغان ياكى ئىپادىلەنمەيدىغان ھالەتتە بولسۇن بەرىبىر ئوخشاشلا ھارامدۇر. بۇنداق قىلىش ئىسلام شەرىئەت پرىنسىپىدا چەكلىنىدۇ.

بۇ شەكىلدىكى فىلىملەرنى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ياكى مەلۇم غەرەز لەر بىلەن ئىشلەشۋە بۇ تارقىتىش توغرا ئەمەس چۈنكى بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇزۇقچىلىق ناھايىتى كۆپ ۋە كېيىنكى خەتەرنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرى، تەلىم-تەربىيە ۋە تەشۋىقات-مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ باشلىقلىرى، قىسىسە، رىۋايەت، سەھنە ئەسەرلىرى، بالىلار كىتابلىرى، قونچاق فىلىم، تىلېۋىزىيەقاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سۈرەتلىك ياكى سۈرەتسىز گەۋدىلەندۈرۈشنى كەسكىن چەكلىشى كېرەك. بۇنداق قىلمىشلار كۆرۈلسە كەسكىن چارە قوللىنىش ۋە بۇ شەكىلدىكى ئەسەرى بۇيۇملارنى يوق قىلىۋېتىش لازىم.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى شەخسىيىتىنى تەسۋىرلەپ فىلىمغا ئىلىش` چەكلەنگەندەك، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ شەخسىيىتىنى تەسۋىرلەپ فىلىمغا ئىلىش چەكلىنىدۇ. بۇ قىلمىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدەھارام بولغاندەك، باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەققىدىمۇ ھارامدۇر». مانا بۇ، ئىسلام پىقھى ئاكىدىمىيسىنىڭ8- نۆۋەتلىك يىغىندىكى 6- قارارى.

يۇقىرىقى قارارغا ئاساسلانغاندا، بۇ سېنارىيە فىلىملەر كىنو شەكىلدە ياكى قونچاق فىلىم شەكلىدە بولسۇن ئۇنى كۆرۈش ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ.

ئىككىنچى:دىنى ئالىملارنىڭ توغرا كۆز قارىشىغا ئاساسەن،ساھابىلارنىڭشەخسىيىتىنى ئوبرازلاشتۇرۇپ فىلىم ئىشلەشتوغرا ئەمەس.بۇ توغرىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار ھەيئىتىپەتىۋا چىقارغان ۋە ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئىسلام پىقھى ئاكىدىمىيسىمۇ قارار چىقارغان بۇ قارارلار (163107 ) بۇ نومۇردىكى سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا تەپسىلى بايان قىلىنغان.

ساھابىلارنى تەقلىد قىلىشتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، مەيلى مەشھۇر تۆت خەلىپىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ بولسۇن، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى تەسۋىرلەپرولغا چىقىش ياكى فىلىم ئىشلەش ئوخشاشلا چەكلەنگەندۇر. چۈنكى بۇ ئارقىلىق ساھابىلەرنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكىھۆرمىتى ۋە شانلىق ئوبرازىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەپ بولىدۇ.

ھەقىقەتەن ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇشتىن ئىبارەت چوڭ شەرەپكە ئېرىشكەن. دىننى قوغداش، ئىسلامنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا بولغان ئىخلاسى بىلەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەنبىرلىكتە نۇرغۇن غازاتلارغا قاتناشقان. ئاللاھنىڭ پەزلى، ئاندىن ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى سەۋەپلىك دىن ۋە ئىلىم-مەرىپەت بىزلەرگە قەدەر يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، ئېھتىرام قىلىش زۆرۈر بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى دوراپ رول ئىلىش ئۇلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ھەيۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ھەتتا بەزى تاماشىبىنلارنىڭ زېھنىدەتەقلىدى رول ئىلىپ چىققان ئارتىسنى ساھابىنىڭ ئۆزىدەيدىغان خاتا چۈشەنچە شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭدىن سېرىتسېنارىيە فىلىملىرى كۆپلىگەن ئۆزگەرتىش ۋە ئۇلارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈشتەك ناچار بۆلۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەشۋىقات ۋاستىلىرى ياكى سىياسى غەرەز تەقەززا قىلىدىغان بەزى توقۇلما ۋاقىئەلىكلەرنى كىرىشتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. (بۇنىڭ تىپىك مىسالى؛ يۇسۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ سېنارىيە فىلىمىدىكى، بەزى مەزمۇنلار قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان قىسسە بىلەن پەرقلىق بولىشىدۇر. م-)

سەئۇدى ئەرەبىستانئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ (1712) نومۇرلۇق پەتىۋاسىدا: ساھابىلارنى ياكى ئۇلاردىن بىرەرسىنىڭشەخسىيىتى ئوبرازلاشتۇرۇپفىلىمئىشلەش توغرا ئەمەس. گەرچە مەزكۇر ئىشتىن ئۆز گۇمانىدا ياخشىلىق مەقسەت قىلىنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈش، ھۆرمىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئىشلار بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ياخشى نەتىجىدىن بۇزۇقچىلىق ئېشىپ كېتىدۇ، بۇزۇقچىلىقى ئارتۇق بولغان ھەرقانداق ئىش چەكلىنىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار ھەيئىتى تەرىپىدىنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھەرقاندىقىنى چەكلەش توغرىسىدا قارار چىقىرىلغان.

ھەممەيلەننىڭ تەڭ بەھرىمان بولىشىۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار ھەيئىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارارىنى بايان قىلىمىز، مەزكۇرقارار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1-ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ساھابىلارنى مەدھىيەلىدى، ئۇلارنىڭ ئالى مەرتىۋىلىرىنى بايان قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سىماسى ئىپادىلەنگەن كىنو- تىياتىر، درامما، قونچاقفىلىم قاتارلىق سىنارىيىلەرنى ئىشلەش ۋە كۆرۈش ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ماختىغانمەدھىيىلىشىگە، ئۇلارغا تەييارلانغان يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە ۋە ئۇلارغا قىلىنغان ئىززەت-ئىكراملارغا زىت كېلىدۇ.

2- ئۇلارنىڭ قايسى بىرىنى دوراپ رول ئىلىش بولسا، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش ۋە ھۆرمەتسىزلىككە ئىلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ شەخسىيىتى تەقلىد قىلىپ رول ئالغان ئارتىس تەقۋادارلىق ۋە ياخشىلىق تەرەپتىن، ئىسلامى ئەخلاق-پەزىلەتتىن تولۇق يېتىشكەن كىشىلەردىن بولۇشى ناتايىن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە،فىلىم شىركەتلىرىتارىخى شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى سىنارىيىلەشتۇرۇشنىپۇل تېپىشنىڭ دەسمىسى قىلىپ، ئۆزى بىلىپ -بىلمەي ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى خۇنۇكلاشتۇرىدۇ.

ھەرقانچە ساقلانغان تەقدىردىمۇ بۇ سېنارىيىلەر يالغانچىلىق-ساختىپەزلىك ۋە غەيۋەت-شىكايەتلەردىن خالى بولالمايدۇ. شۇنداقلا ساھابىلارنىڭشەخسىيىتى ئوبرازلاشتۇرۇپسېنارىيە فىلىملىرىنى ئىشلەش،ئۇلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدۇ، كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا بولغان ئىشەنچىسى سۇسلىشىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ئۇلارنىڭ ئوبرازى چۈشىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ شانلىق ھاياتى ۋە دىنى توغرىسىدا شۈبھىلىنىشكە يوچۇق ئېچىلىدۇ. ئۇلار توغرىسىدا جېدەل-ماجرا، مۇنازىرىلەر پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت بەزى ئىشلارنى مىسالغا ئالساق؛ ئارتىسلارنىڭ بىرى ئەبۇ جەھل ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان تاغۇت-كاپىرلارنى تەقلىد قىلىپ رول ئىلىپ، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى تىللاش-مەسخىرە قىلىش ۋە ئىسلام دىنىنى ھاقارەت قىلىشتەك سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئۆز تىلى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەنئىپادىلەيدۇ.شۈبھىسىزكى، بۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارنىىڭ ئىنكار قىلىنىدىغانلىقىدا ھېچشەكيوق. شۇنداقلا ئۇلار بۇ خىلدىكى سېنارىيە فىلىملىرى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئەقىدىسى، پەرۋەردىگارىنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭسۈننەتلىرى توغرىسىدىكى ئېتىقادى ۋە پىكىر-قاراشلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

3- بۇ شەكىلدىكى سېنارىيە فىلىملەرنى ئىشلەش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارالغاندا، يەنى بۇنىڭدا، ھەقىقەتنى تاللاش بىلەن بىرگە ئېسىل ئەخلاق، گۈزەل ئادەتلەرنى ئاشكارا قىلىش، ئۇلارنىڭ سىيرەتلىرىنى بېكىتىش، ۋەز-نەسىھەت ئىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بار دەپ قارىغاندىمۇ بۇ پەقەت بىر پەرەز، ئەمما ئارتىسلارنىڭ نىشانى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەنلەر، چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يۇقىرىدىكى ئېتىقادى كۆزقاراش ۋە ئىسلامى ئەدەپ-ئەخلاقلارغا زىت كېلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.

4- ئىسلام قانۇنىدا بېكىتىلگەن شەرئى قائىدىلەردىن: "بۇزۇقچىلىق ياكى بۇزۇقچىلىق تەرىپى كۈچلۈك بولغان ئىشلار كەسكىن ھارامدۇر"، دېگەن فىقھى پرىنسىپقا ئاساسەن،بۇنداق ئىشلارنى قىلىش چەكلىنىدۇ.گەرچە ساھابىلارنى تەقلىد قىلىپ رول ئىلىشتا مەلۇم ياخشىلىقلار بار دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بۇزۇقچىلىق تەرىپى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن،ياخشىلىق تەرىپىگە رىئايە قىلىپ،بۇزۇقچىلىققا ئىلىپ بارىدىغان يوللارنىتوسۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامۋە ساھابىلەرنىڭئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈن بۇنىڭغا ئوخشاش پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولغان ئىشلارنى چەكلەش زۆرۈردۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار ھەيئىتى تەتقىقاتىدىن (3328) ئىلىندى. 

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى