شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۆز قىلغانمۇ؟

سۇئال

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۆز قىلدى دېگەننىڭ دەلىلى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئەلەيھىسسالاملارغا قىلىدىغان ۋەھىنىڭ يوللىرىدىن خەۋەر بەردى، ئۇ يوللاردىن: پەردە ئارقىسىدىن سۆز قىلىش، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَا كَانَ لِبَشَرٍ أَنْ يُكَلِّمَهُ اللَّهُ إِلَّا وَحْياً أَوْ مِنْ وَرَاءِ حِجَابٍ أَوْ يُرْسِلَ رَسُولاً فَيُوحِيَ بِإِذْنِهِ مَا يَشَاءُ إِنَّهُ عَلِيٌّ حَكِيمٌ ‏ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»  [سۈرە شۇرا 51-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا سۆز قىلىنغۇچى پەيغەمبەرگە پەردىنىڭ ئارقىسىدىن سۆز قىلىشنىڭ سۆزلەشنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋېسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:  تِلْكَ الرُّسُلُ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَى بَعْضٍ مِنْهُمْ مَنْ كَلَّمَ اللَّهُ وَرَفَعَ بَعْضَهُمْ دَرَجَاتٍ ‏ تەرجىمىسى: «ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام) بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.» [سۈرە بەقەرە 251-ئايەت].      

ئاللاھ تائالا سۆز قىلغان پەيغەمبەرلەر:

1-ئادەم ئەلەيھىسسالام. ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئادەم ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە پەيغەمبەر، ئاللاھ ئۇنىڭغا سۆزلىگەن» دېدى. ئۇ كىشى: ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارىسىدا نەچچە يىل ئۆتكەن دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «يىگىرمە ئەسىر يەنى ئىككى مىڭ يىل» دېگەن. [ئىبنى ھىببان ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا (14/69) كەلتۈرگەن. كىتابنى تەھقىقلىگۈچى شۇئەيب ئەرناۋۇت سەھىھ دېگەن].

2- مۇسا ئەلەيھىسسالام. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ‏وَكَلَّمَ اللَّهُ مُوسَى تَكْلِيمًا ‏ تەرجىمىسى: «ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلدى.» [سۈرە نىسا 164-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَمَّا جَاءَ مُوسَى لِمِيقَاتِنَا وَكَلَّمَهُ رَبُّهُ ‏ تەرجىمىسى: «مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان.» [سۈرە ئەئراپ 143-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَا مُوسَى إِنِّي اصْطَفَيْتُكَ عَلَى النَّاسِ بِرِسَالاتِي وَبِكَلامِي ‏ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم.» [سۈرە ئەئراپ 144-ئايەت].

3-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام. ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۆز قىلغىنى ئۇنى ئاسمانغا ئىلىپ چىققان ۋەقەلىكىدە ئىسپاتلانغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزى بۇنى ئىسپاتلايدۇ: «ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن قايتتىم، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئۆتتۈم، مۇسا ئەلەيھىسسالام: نېمىگە بۇيرۇلدۇڭ؟ دېدى، مەن: مەن بىر كېچە-كۈندۈزدە ئەللىك ۋاقىت ناماز ئادا قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دېدىم، مۇسا ئەلەيھىسسالام: سېنىڭ ئۈممىتىڭ بىر كېچە-كۈندۈزدە ئەللىك ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا تاقەت كەلتۈرەلمەيدۇ، مەن سەندىن ئىلگىرى كىشىلەرنى يەنى بەنى ئىسرائىلنى تەجرىبە قىلدىم، كۆپ تىرىشچانلىق قىلدىم ئۇلار ئادا قىلمىدى، رەببىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭدىن ئۈممىتىڭگە يەڭگىللىتىپ بېرىشنى سورىغىن دېدى، مەن رەببىمنىڭ يېنىغا قايتتىم، ئون ۋاقىتنى ئېلىۋەتتى، ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتتىم....... ئاخىرىدا ماڭا: رەببىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭدىن ئۈممىتىڭگە يەڭگىللىتىپ بېرىشنى سورىغىن دېدى، مەن: رەببىمدىن كۆپ سورىدىم ھەتتا ھايا قىلدىم، لېكىن مەن بەش ۋاقىتقا رازى بولىمەن ۋە بويسۇنىمەن دېدىم» [بۇخارى رىۋايىتى 3674-ھەدىس. مۇسلىم  رىۋايىتى 162-ھەدىس].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مىراج كېچىسىدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىۋاستە سۆزلىگەنلىكىنىڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر. ["پەتھۇل بارى"7/216 ].

   ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايەتتىكى: پەيغەمبەرلەر ئارىسىدىن ئاللاھ تائالا سۆز قىلغانلىرى بار" دېگەن ئايەتتىن ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالام قاتارلىقلار، سەھىھ ئىبنى ھىبباندا ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدسىستىمۇ شۇنداق كەلگەن.

    "بەزىسىنىڭ مەرتىۋېسىنى يۇقىرى قىلدى" دېگەن سۆز، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىراج كېچىسى ئاسمانغا چىققاندا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىۋېسىنىڭ پەرىقلىق ئىكەنلىكىنى كۆردى. ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 1/670].

     يۇقىرىدا ئىبنى كەسىر ئىشارەت قىلغان ئىبنى ھىبباننىڭ ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسى توغرىسىدا 2/76، شەيخ شۇئەيىب ئەرناۋۇت: ئۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى بەك ئاجىز دېگەن. ئىلگىرى سۆزلەنگەن ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس كۇپايە قىلىدۇ.

    ئىككىنچى: مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ بىلەن سۆزلەشكەن دېگەن نامغا خاس قىلىشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا، شەيخ ئابدۇراھمان مەھمۇد مۇنداق دەيدۇ: "ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھ بىلەن سۆزلەشكەن تۇرۇغلۇق، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ بىلەن سۆزلەشكۈچى دەپ ئاتاشتىكى سەۋەپ-بۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا زېمىندا ئۇ ئىنسانلىق تەبىئىتىدە تۇرغاندا سۆز قىلغان، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئاسماندا سۆز قىلغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بولسا روھى ۋە جەسەدى بىلەن بىرگە ئاسمانغا ئۆرلىتىپ ئىلىپ چىققاندا سۆز قىلغان، ئەمما مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بولسا زېمىندا سۆز قىلغان، مانا بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن بولغان خۇسۇسىيەتتۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. [تەيسىير لۇمئەتىل ئىتىقاد  152 –بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى