پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

يىپتەك قان ئارىلاشقان ئاجرالما(تەرگە ئوخشاش نەرسىلەر) كەلسە قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەندىن ئاپپاق تەرگە ئوخشاش ئاجرالمىلار كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يىپتەك قان بار، مېنىڭ ئايلىق ئادىتىم كەلمىگىلى ئىككى ئايچە بولدى، ھازىر ئايلىق ئادەت كېلىدىغان ۋاقتىم، مەن بۇنىڭ ھەيز ئەمەس ئىكەنلىكىنى سېزىۋاتىمەن، مەن بۇ ھالەتتە روزا تۇتسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەيز دېگەن ئاياللارغا تونۇشلۇق بولغان ئېقىپ چۈشىدىغان قان بولۇپ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پاتىمە بىنتى ئەبى ھۇبەيشكە: ھەقىقەتەن ھەيز دېگەن ئاياللارغا تونۇشلۇق بولغان قارامتۇل قان بولۇپ، قان شۇنداق ھالەتتە كەلسە، ناماز ئوقۇمايسىز، ئەگەر باشقا رەڭدە كەلسە، ئۇ ۋاقىتتا تاھارەت ئىلىپ ناماز ئوقۇيسىز، دېگەن. [نىسائى رىۋايىتى 216-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ  نىسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ھەيزنىڭ ئالامىتى ئاياللارغا مەخپى ئەمەس، رەڭ تەرەپتىن قارا ياكى قارامتۇل كېلىدۇ، پۇرىقى بىر خىل سېسىق پۇراقتەك بولىدۇ، قويۇق كېلىدۇ، بالىياتقۇدىن ئېقىپ چىقىدۇ، ئۇ تامچە-تامچە بولمايدۇ ۋە يىپتەك بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئايالدىن رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ئاز بىر تامچە قان كەلسە، بۇنداق قان كېلىش ئىشى رامىزان ئاخىرلاشقىچە داۋاملاشقان بولسا، ئۇ ئايالمۇ روزىنى تۇتىۋەرگەن بولسا، ئۇ ئايالنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "شۇنداق ئۇ ئايالنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ تامچىلار پەقەت تومۇردىن كەلگەن تامچىلاردۇر، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ئەسەردە: بۇ تامچىلار بۇرنىدىن چىققان قانغا ئوخشايدۇ. ھەيز ھېسابلانمايدۇ دېيىلگەن. ["ھەيز توغرىسىدىكى ئاتمىش سوئال" ناملىق ئەسەر 6-بەت].

    شۇنىڭغا ئاساسەن سىزدىن كەلگەن نەرسە ھەيز ھېسابلانمايدۇ، بەلكىم سىزنىڭ روزىنى داۋاملاشتۇرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى