جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىددەتتىكى ئايال تام خوشنا قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە مېھمان كۈتۈش ئۈچۈن چىقسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

ئېرىم ۋاپات بولدى، مەن پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ قارىشى بويۇنچە ئۆز ئۆيۈمدە ئىددەت تۇتىۋاتىمەن، ئانام زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن قىينىلىۋاتىدۇ، قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۆيى ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا، مېنىڭ ئۆيۈم بىلەن قېرىندىشىمنىڭ ئۆيى تام خوشنا، مەن ئاپامنى راھەتسىز قىلماسلىق ئۈچۈن مېھمانلىرىمنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن قېرىندىشىمنىڭ ئۆيىگە مېھمانلارنى كۈتىۋالغاندىن كېيىن ئۆيۈمگە قايتسام بولامدۇ؟، ئۆيىمىزنىڭ ئارىسىدا بىرلا تام بار، ھىجابسىزمۇ كېرىپ چىققىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلسام توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئېرى ۋاپات بولۇپ ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايال ھاجەت ئۈچۈن كۈندۈزدە ئۆيدىن چىقسا بولىدۇ، بەك زۆرۈر بولمىسا كېچىدە ئۆيىدىن چىقمايدۇ.

   ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ"ئەل مۇغنى" 8-توم 130-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: تالاق قىلىنغان بولسۇن ياكى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن بولسۇن ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايال كۈندۈزدە ھاجەت ئۈچۈن سىرتقا چىقسا بولىدۇ.  بۇ توغرىدا جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «ھاممام ئۈچ تالاق قىلىنغان بولۇپ، خورما ئۈزۈش ئۈچۈن چىققاندا، بىر كىشى ئۇچراپ ئۇنى سىرتقا چېقىشتىن توسقان، ھاممام بېرىپ بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «چېقىپ خورمىنى ئۈزۈپ قايتىپ كېلىڭ، ئۇنىڭدىن سەدىقە قىلارسىز ياكى ياخشى ئىش قىلارسىز» دېگەن. [ نەسانى ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

    مۇجاھىد مۇنداق دەيدۇ: «ئوھۇد كۈنىدە نۇرغۇن ئەرلەر شېھىت بولدى، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى پەيغەمبەرئەلەيسىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ:  ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى!  بىز كېچىلىرى يالغۇزسىراپ قورقۇپ قالىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن كېچىدە بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ئەتتىگەندە ئۆيلىرىمىزگە قايتىپ كەتسەك بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بىرلىرىڭلارنىڭ ئۆيىدە توپلىشپ ئولتۇرۇڭلار ئۇيقۇڭلار كەلگەندە ئۆز ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار» .  ئۇلار ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆيىدە قونۇش يوق، بەك زۆرۈر بولمىسا كېچىدە سىرتقا چېقىش يوق، چۈنكى كېچە دېگەن بۇزۇقچىلىقنىڭ ئورنى، كۈندۈز ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى كۈندۈز دېگەن تۇرمۇش ئىشلىرى، ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىش ۋە كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق ۋاقىتتۇر".

  "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 20 -توم 440 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: ئەسلىدە ئېرى ۋاپات بولغان ئايال ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتىدۇ، ئاغرىپ قالسا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، ئائىلىدە باشقا بىرى بولمىسا ئېھتىياجلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن سىرتقا چىقسا توغرا بولىدۇ".

    شۇنىڭغا ئاساسەن:  سىز ئاپىڭىىزنى راھەتسىز قىلماسلىق ئۈچۈن كۈندۈزدە كەلگەن زىيارەتچىلەرنى ۋە مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن قىرىندىشىڭىزنىڭ ئۆيىگەچىقسىڭىز توغرا بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى