سەيشەنبە 6 زۇل ھەججە 1443 - 5 ئىيۇل 2022
Uygur

ئۈچ كۈندىن كېيىن تەزىيە بىلدۈرۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

بىزنىڭ يۇرتىمىزدا تەزىيەنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇش ئادەت بولۇپ قالغان، چۈنكى ئارىلىق يىراق بولغانلىقى، بەزىمىز مېيىتنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى كېچىكىپ ئاڭلىغانلىق سەۋەبلەردىن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ، بەزى ۋاقىتتا تۆت كۈندىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنداق قىلساق توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا،  ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    تەزىيەنىڭ ئۈچ كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك سەپ بەلگىلەنگەن ئېنىق ۋاقتى يوق، بەزى ۋاقىتتا تەزىيە بىلدۈرگۈچىلەر مۇسىبەت يەتكەننى تۆت-بەش كۈندىن كىيىن بىلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈشنىڭ ئېنىق بەلگىلەنگەن ۋاقتى بولمايدۇ. مۇسىبەت خەۋىرى قاچان يەتسە شۇ ۋاقىتتا تەزىيە بىلدۈرىدۇ، ئۈچ كۈن، بەش كۈن ھەتتا بۇنىڭدىن كۆپ بولىشى مۇمكىن، ئۈچ كۈن دېگەن مەيىتكە قارىلىق تۇتىدىغان ۋاقىتتۇر. يەنى ئايال كىشى ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئۈچ كۈن قارىلىق تۇتىدۇ (يولدىشىدىن باشقا). پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال ئۆزىنىڭ يولدىشىدىن باشقا تۇغقانلىرىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارىلىق تۇتمايدۇ». مېيىتنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ مەيىت ئۈچۈن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارىلىق تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ. ئەمما تەزىيە ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتسىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭدەك مەيىت ئىگىلىرىگە خولۇم-خوشنىلىرى ۋە يېقىنلىرى ئۈچ كۈن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىتتا يېمەكلىكلەرنى تەييار قىلىپ ئىلىپ كەلسە بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئېنىق بىر ۋاقىت يوق". [پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ. "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"2/1127].

ھۆرمەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ.

"نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"2/1127. دىن ئىلىندى.

مەنبە: ھۆرمەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ. "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"2/1127. دىن ئىلىندى.