پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

تەكبىر بىلەن نامازغا كېرىشنىڭ ئارىلىقىدا دۇئا قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن نەزەر سالسام بەزى ناماز ئوقۇغۇچىلار مۇئەززىن نامازغا تەكبىر ئېيتقاندىن باشلاپ قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ، بۇ ناماز باشلاش تەكبىرىدىن ئىلگىرى بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىرەر ھەدىس كەلگەنمۇ؟، چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇنىڭ ئەسلى يوق، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تەكبىر بىلەن نامازغا كېرىشنىڭ ئارىلىقىدا مۇشۇ ئورۇندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى توغرىسىدا بىرەر ئەسەر ساقلانمىغان، بەلكى ئۇنداق قىلماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ سۇننەتنىڭ خىلاپىدۇر".

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى.2-توم 1058-بەت.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى.2-توم 1058-بەت.