جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلماستىن رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش پائالىيتى ئىلىپ بېرىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

ئىسپانىيەدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزىلىدۇ، بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بىر جايغا يىغىلىپ، پەرزەنتلىرىمىزنى بىر-بىرىگە تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى دىنى قېرىنداشلاردىن بولۇشقا، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىسلام دىنى بىلەن پەخىرلىنىشكە تەۋسىيە قىلىمىز. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەقلىنى بۇزۇش-خاراپ قىلىشقا سەۋەپ بولىدىغان "كەرنىۋال ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى" دېگەندەك باتىل بايراملاردىن ساقلىنىش توغرىسىدا تەلىم-تەربىيە ئىلىپ بارىمىز. بىزنىڭ مۇشۇ ئىشىمىز توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: تارىخ ۋە سىيرەت ئالىملىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان بولسىمۇ، ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجىريىنىڭ 11-يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12-كۈنى ۋاپات بولغانلىقىدا ھەممىسى بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن. بۇ كۈندە بولسا ئومۇمى ئىنسانلار پائالىيەت ئىلىپ بارىدۇ ۋە بۇ كۈننى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى پائالىيتى ئۆتكۈزىدىغان بايرام كۈنى قىلىۋالىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن125690 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىككىنچى: ئىسلام دىنى پىرىنسىپىدا: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلەش مۇراسىمى" دەيدىغان ئاتالغۇ يوق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۇلاردىن كىيىنكى تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كىيىنكى ئىسلام پېشىۋالىرىمۇ بۇنداق خاتىرلەش مۇراسىمى ئەمەس ھەتتا بۇنداق ئىسىمنىمۇ بىلمەيتتى. ھىجىريە 4-ئەسىرلەردە جاھىل باتىنىيە پىرقىسىدىكى بىدئەتچىلەرنىڭ بۇ ئىشنى پەيدا قىلىشى بىلەن ئەتراپقا كەڭ تارالدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن رايۇن ۋە مەملىكەتلەردىكىئومۇمى خەلق بۇ بىدئەتكە ئەگىشىپ كەتتى.

ئىلگىرى بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك: 10070- نۇمۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدابىدئەت تۈرىگە كىرىدىغان مۇراسىملار توغرىسىدا تەپسىلى بايان قىلىپ ئۆتتۇق.

شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان (ئاللاھ ئۇ كىشىنى ھىمايى قىلغاي) نىڭ مۇشۇ تۈردىكى بىدئەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى روشەن بايان قىلىپ بىرىدىغان ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئۈچىنچى: سۈننەتنى سۆيىدىغان بەزى كىشىلەرگە ئۇلار ياشاۋاتقان شەھەرلەردە ئۆتكۈزىلىۋاتقان خاتىرلەش مۇراسىملىرى تەسىر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇشۇ بىدئەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇ كۈندە ئايرىم يىمەكلىكلەرنى تەييار قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ياكى باشقا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرىنى يىغىپ زىياپەت قىلىدۇ. بەزى كىشىلەر بولسا بۇنداق مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلىنىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرەتلىرىنى ئوقۇش ياكى دىنى دەۋەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن كىشىلەرنى توپلايدۇ.

بۇنداق قىلىشتا سىلەرنىڭ نىيەت-مەقسىدىڭلار ياخشى يەنى مۇساپىرچىلىق ھاياتتا يەنە كىلىپ غەيرى دىندىكىلەرنىڭ يۇرتلىرىدا بىرلىكنى كۈچەيتىپ، دىنى تۇيغۇلارنى كۇچلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىسىلەر.

ئەمەلى ۋاقىئەگە كەلسەك: يۇقىرىقى ياخشى نىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بۇ شەكىلدە يىغىلىشىنى شەرىئەت يولغا قويغان يوللۇق يىغىلىشقا ئۆزگەرتەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ يەنىلا ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت شەكىلدىكى يىغىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بەلكى سىلەر ھېيت-بايرام قىلىشنى مەقسەت قىلساڭلار، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بىز ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھىيتىمىز ۋە بايرىمىمىز، ئۇنىڭدىن كۆپرەك بايرام قىلىمىز دىسەڭلار، ھەر ھەپتىدە جۈمە كۈنى بىزنىڭ بايرام كۈنىمىز، بۇ كۈندە جۈمە نامىزى ئۈچۈن ۋە دىنى تۇيغۇلارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن توپلاشساڭلار بولىدۇ.

سىلەرگە بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولماي قالسا يىلنىڭ كۈنلىرى كۆپ، سىلەر ئۈچۈن بىدئەتچىلەرنىڭ بايرىمى بولمىغان، بەلكى ئىسلامدا دۇرۇس بولغان توي مۇراسىمى، ئەقىقە ۋە ياخشى نەتىجە ياراتقۇچىلارنى تەبرىكلەش دېگەندەك مۇراسىملاردا توپلىشىپ، ئىتتىپاقلىقنى-بىرلىكنى كۈچەيتىپ، دىنى تۇيغۇلارنى ئۇرغۇتساڭلار بولىدۇ.

تۆۋەندە بىدئەت سانىلىدىغان مۇراسىملار سەۋەبى بىلەن ئۇ كۈندە ياخشى نىيەت بىلەن توپلىشىپ پائالىيەت ئىلىپ بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ پەتىۋاسىنى بايان قىلىمىز:

1-ئىمام ئەبۇ ھەپس تاجۇددىن ئەل پاكىھانىي رەھىمەھۇللاھ تۇغۇلغان كۈن پائالىيىتىنىڭ تۈرلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ پائالىيەتلەردىن بىرى: شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر كىشى ئۆز ئىقتىسادى ئارقىلىق، ئائىلە-بالىلىرى، ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن بىر جايغا توپلىشىپ بىر نەرسىمۇ يىمەستىن ۋە بىرەر خاتالىق سادىر قىلماستىن ئولتۇرۇشقان بولسا، بۇمۇ بىز يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك چەكلەنگەن بىدئەت ئەمەللەردىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئىشنى ئىلگىرىكى تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكەن پىقھى ئالىملىرى، ئۈممەتنىڭ يىتەكچىلىرى، دەۋرنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزلىرى ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرى بولغان سالىھ كىشىلەر قىلمىغان. ["ئەلمەۋرۇد فى ئەمەلىل ئەلمەۋلۇد" ناملىق ئەسەر5-بەت].

2-ئىبنى ھاج ئەلمالىكىي رەھىمەھۇللاھ ئەر-ئاياللار ئارىلاشمىغان، ناخشا-مۇزىكىلار بولمىغان، چەكلەنگەن ئىشلاردىن خالى بولغان ھالەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش پائالىيتى ئىلىپ بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىقى ئىشلاردىن خالى بولۇپ پەقەت تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يېمەك ھازىرلانغان بولسا، باشقا ئىشلار سادىر بولمىغان تەقدىردىمۇ بۇمۇ شۇ كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلەشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بىدئەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنداق قىلىش بولسا، دىنغا ئارتۇق نەرسىنى قىتىۋالغان بولىدۇ، ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەر بۇنداق قىلمىغان، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىش ئەڭ توغرا ئىشتۇر، نىيەت-مەقسەتتە بولسىمۇ ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئۇممەت ئىچىدىكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە تولۇق ئەگىشىدىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ سۈننەتلىرىنى ئۇلۇغلايدىغان كىشىلەردۇر، ئۇلار ياخشىلىقتا بىزدىن ئىلگىرلەپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىدىن تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلەشنى مەقسەت قىلىپ پائالىيەت ئىلىپ بارغانلىق توغرىسىدا ئەسەر نەقل قىلىنمىغان. بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلاردىن ئەسەر قالدۇرۇلغان ئىشلاردا ئۇلارغا ئەگەشكۈچى، ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغۇچىلارمىز." [شەيخ ئىمام ئەبۇ تالىب ئەلمەككىي رەھىمەھۇللاھمۇ ئۆزىنىڭ "ئەلمەدخەل" ناملىق ئەسىرى2-توم 10-بەتتە شۇنداق بايان قىلغان].

3- ئەبۇ تالىب ئەل مەككىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى كىشىلەر چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ئاڭلاپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سەھىھ بۇخارى ۋە باشقا كىتابلارنى ئوقۇيدۇ. گەرچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىنى ئوقۇشنىڭ ئۆزى ئاللاھ تائالاغا يىقىنلىشىدىغان، ئۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق ۋە بەرىكەت بولغان بىر ئىبادەت بولسىمۇ، بۇ ئىبادەتنى تۇغۇلغان كۈننى مەقسەت قىلىپ ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا لايىق بولغان شەرئى يول بىلەن ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ناماز ئاللاھ تائالاغا يىقىنلىشىدىغان ئەڭ كاتتا ئىبادەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئىنسان نامازنى شەرىئەت بەلگىلىمىگەن بىر ۋاقىتتا ئادا قىلسا ئۇ ئادەمنىڭ قىلغان ئىشى ئەيىبلىنىدۇ ۋە شەرىئەتكە زىت دەپ قارىلىدۇ، ناماز شۇنداق بولغان يەردە باشقا ئەمەللەر قانداق بولماقچى ئىدى؟!. ["ئەلمەدخەل" 2-توم 25-بەت].

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 117651-نومۇرلۇق بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: سىلەرنىڭ شۇ بىدئەت پائالىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇغ-تۇغقان. دوست-بۇرادەرلەرنى يىغىپ، نەسىھەت قىلىش ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بېرىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، بۇنداق ياخشى پائالىيەتنى بىدئەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەمەس باشقا بىر ۋاقىتتا ئىلىپ بېرىڭلار، يىلنىڭ كۈنلىرى كۆپ بولغاندىن كىيىن تۇغۇلغان كۈنىگە توغرىلىماي باشقا ۋاقىتلاردا ئىلىپ بارساڭلار ياخشى بولىدۇ، ئاللاھ تائالادىن سىلەرنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى ۋە ئىشلىرىڭلارنى ھىدايەت نۇرى ئاستىدا ئىلىپ بېرىشىڭلارغا مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى