جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

توي قىلىشنىڭ توسالغۇلىرى ياشلارنىڭ توي قىلماسلىقىغا سەۋەپ بولالامدۇ؟

سۇئال

ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! مېنىڭ قېيىنچىلىقىم بولۇپ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تاپالمىدىم، نېمە قىلىشىم كېرەك؟ مەن تويلۇق مېھرى يۇقىرى، ئىقتىسادىم تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن توي قىلىشقا قادىر بولالمايمەن، مەن ئوتتۇز بەش ياشقا كېرىپ قالدىم، يېشىممۇ كېچىك ئەمەس، ئاللاھقا شۈكىرلەر بولسۇن مەن ھارامغا ئەگىشىدىغان ياشلاردىن ئەمەسمەن، لېكىن ھازىرقى ۋاقىتتا مەن بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچلار بەك قېيىن، مەن قېيىنچىلىقىمنى ھەل قىلالمىسام، باشقا ياشلاردەك ھارام زىناغا چۈشۈپ قىلىشىم مۇمكىن، - بۇنىڭدىن ئاللاھ ساقلىسۇن- بۇنىڭغا قارىتا سىلەرنىڭ پىكىرىڭلار قانداق؟ مەن ياشاۋاتقان بۇ شەھەردە ھالالنى چەكلەيدۇ، ھارامقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، يەنى ئىسلام بانكىسى چەكلەنگەن، بىز ئالتە قېرىنداش، مەن ھەممىدىن چوڭى، ھەممەيلەن بويتاق، ئەڭ كېچىك ئىنىمىزمۇ يىگىرمە ئالتە ياش، بىزنىڭ توي قىلىدىغان ئۆيىمىز يوق، ئۆي ياساشقىمۇ قادىر بولالمايمىز، بىز كىچىك ۋاختىمىزدىن تارتىپ بىر ئائىلىدە ياشاپ كەلگەن، بىر ئۆمۈر توي قىلمىساقمۇ مەيلى لېكىن ئايرىلىشقا چېدىمايمىز، بانكىدىن قەرز ئېلىشنى خالىمايمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ياشلارغا ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلىڭلار، ئۇلار ئۇممەتنىڭ ئاساسى. مەن ئۆي سېلىش ۋە توي قىلىش ئۈچۈن بانكىدىن قەرز ئالسام توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە پەتىۋا بېرىشىڭلارنى سورايمەن، ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:

ھۆرمەتلىك سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توي قىلىشقا قادىر بولالايدىغان ياشلارنى توي قىلىشقا تەۋسىيە قىلغانلىقىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن تۇرۇقلۇق شەرىئەت توي قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان ياشلارنىڭ ئىشىنىمۇ قويۇپ قويمىدى، قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنى ئىپپەتلىك بولۇشقا تەۋسىيە قىلىدىغان ئايەتلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدە ئۇلارنى روزا تۇتۇشقا تەۋسىيە قىلىدىغان ھەدىسلەر بايان قىلىندى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھارام ئىشنى قىلىشتىن ساقلايدىغان، بەدەنلىرىنى پاكلايدىغان تەقۋادارلىق ھاسىل بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ھەدىستە قادىر بولغانلارنى توي قىلىشقا، قادىر بولالمايدىغانلارنى روزا تۇتۇشقا تەۋسىيە قىلىنغان: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە تۇرىدىغان ياشلاردىن بولۇپ، توي قىلىدىغانغا بىر نەرسە تاپالمايتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە مۇنداق دېدى: ئى ياشلار! سىلەردىن توي قىلىشقا قادىر بولالايدىغانلارتوي قىلسۇن، چۈنكى توي قىلىش دېگەن ئىنساننىڭ كۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئەۋرىتىنى ساقلايدۇ، توي قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلار روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇ كىشى ئۈچۈن قالقان بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 4779- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1400-ھەدىس].

نىكاھلىنىشقا قىلىشقا قادىر بولالمىغانلارنى ئىپپىەتلىك بولۇشقا تەۋسىيە قىلغان ئايەتلەردىن:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلْيَسْتَعْفِفِالَّذِينَلايَجِدُونَنِكَاحاًحَتَّىيُغْنِيَهُمُاللَّهُمِنْفَضْلِهِ﴾ تەرجىمىسى: ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغىچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن. [سۈرە نۇر 33-ئايەت].

تەبەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ: ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغىچە دېگەن ئايىتىنىڭ مەنىسى: ئۇلار ئاياللار بىلەن توي قىلىدىغان نەرسە تاپالمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆز پەزلى بىلەن بىھاجەت قىلىپ، ئۇلارغا كەڭرى رىزىق بەرگەنگە قەدەر ئاللاھ چەكلىگەن ھارام-پاھىشە ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلىسۇن دېمەكتۇر. ["تەپسىير تەبەرى"19-توم 166-بەت].

شەيخ شىنقىيتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئايەتتە بۇيرۇلغان ئىپپەتلىك بولۇش بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان: قُلْلِلْمُؤْمِنِينَيَغُضُّوامِنْأَبْصَارِهِمْوَيَحْفَظُوافُرُوجَهُمْذَلِكَأَزْكَىلَهُمْإِنَّاللَّهَخَبِيرٌبِمَايَصْنَعُونَ تەرجىمىسى: مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار نۇر سۈرىسى 30- ئايەت.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَلاتَقْرَبُواالزِّنَىإِنَّهُكَانَفَاحِشَةًوَسَاءَسَبِيلاً تەرجىمىسى:زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر. [سۈرە ئىسرا 32- ئايەت].

بۇ ھەقتە كەلگەن دەلىللەر ئىنتايىن كۆپ. ["ئەزۋائۇل بايان" 5-توم، 532- بەت].

مۇسۇلمان توي قىلىشقا قادىر بولالىسا توي قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ، قادىر بولالمىسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا توي قىلىش ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنگە قەدەر روزا تۇتۇشى، كۆزىنى نامەھرەمدىن ساقلىشى ۋە پىتنىدىن يىراق بولىشى كېرەك.

ئىككىنچى:

بۇ يەردە سۇئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزنى ۋە باشقىلارنى سوئالدا تىلغا ئېلىنغان ۋە دىققەت قىلىش مۇھىم بولغان بىر قانچە ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىمىز:

1-توي قىلىشقا يەتكۈدەك ئىقتىساد تاپالمىغان كەمبەغەل كىشى توي قىلىشقا يەتكۈدەك ئىقتىساد توپلاشقا يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك، توي قىلىش ئۈچۈن باشقىلاردىن بولسىمۇ قەرز ئېلىش كېرەك، ئاللاھ تائالا ئىپپىتىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىپ توي قىلىدىغانلارغا ياردەم بېرىشكە كېپىل بولغان. 

2-كۆپ ۋاقىتلاردا توي قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىش توي قىلغۇچىنىڭ ئۆزى بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى، ياشاۋاتقان مۇھىتى ياكى قەبىلىسى ئۇنىڭغا قويغان توساقلارغا رازى بولغانلىقىدۇر. شۇنىڭ قاتارىدىن:

ئا: ئۇ ئۆزىدە بار بولغان مال بىلەن باشقا مىللەتتىن ياكى باشقا قەبىلىدىن بولغان ئاياللاردىن تۆت ئايال بىلەن توي قىلالايدۇ، لېكىن ئۇ ئۆز يۇرتىدىن ياكى ئۆزىنىڭ قەبىلىسىدىن توي قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن توي قىلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ، ئۇ شەرئى ۋاجىپقا مۇشۇنداق سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ، ئەگەر بۇ توساقلار ۋە ناچار ئادەتلەر ئۇنىڭ ئىپپىتىنى، دىيانىتىنى ۋە ئىيمانىنى يوقىتىدىغان بولسا ئۇنى بۇزۇپ تاشلىشى، يوق قىلىشى زۆرۈر، ئۇ ئاللاھ تائالا توي قىلىشنى دۇرۇس قىلغان ئاياللار بىلەن توي قىلسۇن، ئاللاھ تائالا ياخشىلىق ۋە دىننى ئۆز قەبىلىسى ۋە ئۆز يۇرتىنىڭ قىزلىرىغا چەكلەپ قويمىدى.

ب: شۇنىڭ قاتارىدىن، سۇئال سورىغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش، بەزى توي قىلىشقا رىغبىتى يوق كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تۇرالىسا توي قىلىدىغانلىقىغا، بۇنىڭ ئۈچۈن توي قىلىشنى تاشلاشقىمۇ رازى ئىكەنلىكىگە ئەقىللىق كىشىلەر قاراپ باقسۇن! بۇ مۇشۇ ياشنىڭ توي قىلماسلىقىغا ئۆزۈر بولالامدۇ؟ بۇ ياش ھەققىدە بىر ئاز توختۇلۇپ - بىز سۇئال سورىغۇچى مەقسەت قىلمىدۇق- ئۇنىڭدىن سوراپ باقايلى: ئۇ ياش بىر ئايال بىلەن چەكلەنگەن ئىش قىلماقچى بولسا، ئائىلىسى بار ئۆيدە قىلامدۇ ياكى سىرتىدىمۇ؟ جاۋاپ ناھايىتى ئېنىق، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن باشقا جايدا يامان ئىش قىلىشقا رازى بولۇپ تۇرۇقلۇق، قانداقمۇ ئائىلىسىدىن باشقا جايدا توي قىلىشقا ئۇنىمايدۇ؟، سىزنىڭ ئاشۇلارغا ئوخشاپ قىلىشىڭىزنى ئاللاھ ساقلىسۇن، لېكىن بىز بۇ يەردە كىشىلەرگە پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى زىتلىقنى بايان قىلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلدۇق، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇيغۇڭىزنى دىنىڭىز ۋە ئەقلىڭىزدىن ئىلگىرى قىلماڭ، -ئاللاھ ساقلىسۇن- ئەگەر سىز زىنا-پاھىشىگە چۈشۈپ قالسىڭىز ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزگە مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ، پەرۋەردىگارىڭىزنى غەزەپلەندۈرۈپ، ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق بولىسىز، بۇ ئىشقا قايتىدىن قاراپ چىقىڭ، ئۇ ئىشنى سىزنى توي قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان توساق قىلىۋالماڭ.

ج: شۇنىڭ قاتارىدىن يەنە: نۇرغۇن ياشلار سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ بولسىمۇ توي قىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۆي ياسايمەن دەپ توي قىلىشنى كېچىكتۈرىدۇ، ئۇلار بۇنى قايسى شەرىئەتتىن تاپقانلىقىنى بىلمەيمىز، ئۇنىڭ كۆزى ھارامغا چۈشۈپ تۇرسا، قۇلىقى ھارامنى ئاڭلاپ تۇرسا، باشقا ئەزالىرىمۇ ھارامنى سېزىپ تۇرسا كۆڭلى قانداقمۇ رازى بولغاندۇ؟! ئۇ ئۆي ئىجارە ئالسا توي قىلىشقا قادىر بولالايدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۆي ياساپ بولغۇچە كېچىكتۈرسە، ۋاقىت ئۇزۇراپ كېتىپ، قۇتۇلۇشى قېيىن گۇناھلارنى سادىر قىلىشى مۇمكىن، بۇ ئۆزۈر توغرا ئەمەس، ئەقىللىق مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇ ئىشنى توي قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، ھەتتا توي قىلىشنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈنمۇ سەۋەپ قىلىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش: ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغىچە ياكى مەنسىپى ئۆسۈپ بولغىچە ياكى ئايلىق ئىش ھەققى ئۆسۈپ بولغىچە توي قىلىشنى كېچىكتۈرگەن كىشىلەرنىڭ باھانە-سەۋەبلىرى، توسالغۇلىرى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، چۈنكى بۇ توساقنى ئۇ كىشى ئۆزى قويغان ياكى ئۇنىڭغا رازى بولغان بولۇپ، ئۇنى بۇزۇۋېتىش ياكى ئۇنىڭدىن سەكرەپ ئۆتۈپ كېتىشكە قادىر بولالايدۇ.

ئۈچىنچى:

سىز سوئالدا تىلغا ئالغان ياشلارغا ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلىڭلار، ئۇلار ئۇممەتنىڭ ئاساسى دېگەن ھەدىسنى سەھىھ بولسۇن، زەئىپ بولسۇن ياكى توقۇلما بولسۇن ھېچ بىر ھەدىس كىتابلىرىدىن تاپالمىدۇق، بۇ ھەقتە مەنىسى شۇنىڭغا يېقىن بولغان مۇنۇ ھەدىس بولۇپ: ئوتتۇرا ياشلىقلارغا ياخشىلىقنى تەۋسىيە قىلىڭلار، ياشلارغا كۆيۈنىڭلار. [بۇ ھەدىس توقۇلما ھەدىس. پەتەنىينىڭ "تەزكىرەتۇل مەۋزۇئات" 205-بەت، شەيخ ئەلبانىينىڭ "ئاجىز ۋە توقۇلما ھەدىسلەر توپلىمى" (5424) غا قاراڭ].

تۆتىنچى:

بانكىدىن جازانە شەكىلدە قەرز ئېلىش چەكلىنىدۇ، ئۆي سېلىش ياكى توي قىلىش ئۈچۈن قەرز ئېلىش شەرئى ئۆزۈر بولالمايدۇ، بىز بۇ مەسىلىنىۋە ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىز ئىلگىرى 9054-95005-21914- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلىپ بەردۇق.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى