پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلمان بولمىغان بىر يۇرتتا ۋەلىسىز ياكى شاھىدسىز توي قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

144712

تارقاتقان ۋاقىت : 01-03-2015

كۆرگۈچىلەر : 3062

سۇئال

مەن پېرۇ دۆلىتىدە خىزمەت قىلىمەن، بۇ ئەسنادا ئامېرىكىلىق بىر مۇسۇلمان قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، بىر-بىرىمىزگە ئىشەنچ قىلغاندىن كىيىن توي قىلىشنى قارار قىلدۇق. بۇ يەردە بىرەر مەسچىت ياكى بىرەر مۇسۇلمانمۇ يوق، شۇنداقلا بۇ يەردە بىزنىڭ نىكاھ ئىشلىرىمىزغا گۇۋاھ-شاھىت بولىدىغان باشقا مۇسۇلمان بولمىغاندىن كىيىن، ئۆز-ئارا قەسەم قىلىشىپ بىر-بىرىمىزگە ئالدىم-تەگدىم دەپ ئاللاھ تائالانىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن نىكاھ ئوقۇدۇق، بىز بىر ئاي شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىپ رەسمى توي خېتى ئالدۇق، ھارىز بىزنىڭ توي قىلغانلىقىمىزغا ئاساسەن بەش يىل بولدى، ئىككى پەرزەنتىمىز بار. مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم: بىزنىڭ بەش يىللىق تۇرمۇشىمىز توغرىمۇ ياكى ھارام زىنا قاتارىغا كىرەمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئىسلام دىنىدا نىكاھنىڭ ئاساسلىرى ۋە شەرتلىرى بولىدۇ، بۇلار تولۇق بولسا نىكاھ ئەھدىسى توغرا بولغان بولىدۇ. نىكاھنىڭ ئاساسى قىز-ئوغۇللارنىڭ ئالدىم-تەگدىم دەپ ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈشىدىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن قىزنىڭ ۋەلىسى: مەن قىزىم ياكى ھەمشىرەم پۇلانە خېنىمنى سىزگە ھالال جۈپلۈككە نىكاھلاپ بەردىم دەيدۇ، ئوغۇل: مەن پۇلانە خېنىمنى ھالال جۈپلۈككە قوبۇل قىلدىم دەيدۇ.

نىكاھنىڭ شەرتلىرى: قىز-ئوغۇلنى ئېنىق بېكىتىش. ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئىلىش. نىكاھتا قىزنىڭ ۋەلىسى ياكى ۋەكىلى بولۇش. مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئادىل ئىككى گۇۋاھچى بولۇش كېرەك.

كۈچلۈك قاراشتا: نىكاھ قىلىنغانلىق ئېلان قىلىنىپ، كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولسا، شۇنىڭ ئۆزى گۇۋاھچىلىققا كۇپايە قىلىدۇ. 

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرنىڭ دەلىلى، ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نىكاھ ۋەلى بىلەن بولىدۇ» دېگەن. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى2085-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى1101-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1881-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەر قانداق ئايال ۋەلىسىنىڭ رۇخسىتىسىز توي قىلىدىكەن، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى باتىلدۇر (يەنى ئۇنىڭ نىكاھى توغرا بولمايدۇ)، ئەگەر توي قىلماقچى بولغاندا ۋەلىسى بولمىغان كىشىگە يۇرت چوڭى (پادىشاھ ياكى قازى ياكى مۇپتى) ۋەلى بولىدۇ دېگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى24417-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇت 2083-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 1102-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2709 -ھەدىستە كەلتۈرگەن].

مۇسۇلمان ئايالنىڭ مۇسۇلمان ۋەلىسى بولمىسا، مۇسۇلمانلارنىڭ قازىسى ئىگە بولۇپ تويىنى قىلىپ قويىدۇ، ئەگەر قازىمۇ بولمىسا، يۇرتتىكى مۆتىۋەرلەردىن يەنى مەسچىتنىڭ ئىمامى ياكى ئىسلام مەركىزىنىڭ باشلىقى، دىنى ئۆلىمالاردىن پەقەت بولمىغاندا مۇسۇلمانلاردىن بىرى ئىگە بولۇپ تويىنى قىلىپ قويىدۇ.

شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرنىڭ يۇقىرىدا دېگەندەك قىلغان نىكاھىڭلار توغرا بولماپتۇ، چۈنكى ئۇ يەردە مۇسۇلمان بولمىغاندىن كىيىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ئىسلام مەركەزلىرىنىڭ بىرىدە نىكاھ قىلدۇرۇش كېرەك ئىدى.

ئىككىنچى: ئەگەر سىلەر بىر ئايدىن كىيىن ئىسلام مەركىزىگە بېرىپ نىكاھ ئەھدىسى قىلدۇرغان بولساڭلار توغرا بولغان بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى خاتالىقلىرىڭلارنى ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلغاي.

ئەگەر سىلەر ئىسلام مەركىزىگە بارماستىن باشقا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ توي خېتى ئېلىپلا بولدى قىلغان بولساڭلار، نىكاھ ئەھدىسىنى قايتىدىن قىلىپ قىزغا ئىگە بولىدىغان مۇسۇلمان ۋەلى ياكى ۋەكىلنى، ئىككى مۇسۇلمان گۇۋاھچىلارنى ھازىر قىلىش لازىم، چۈنكى شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن نىكاھنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولمىغانلىقى سەۋەپتىن مەزكۇر نىكاھ توغرا بولمىغان بولىدۇ.

ئۈچىنچى: سىلەر مۇشۇ بەش يىل مۇددەتتە شەرىئەتنىڭ بۇ ھەقدىكى ھۆكمىنى بىلمەستىن نىكاھ ئەھدىسىنى قايتىدىن توغرىلىماي، ئىككىڭلارنىڭ ئەسلىدىكى قىلغان ئاتالمىش نىكاھىڭلار بىلەن تۇرغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەر-ئايالچىلىق مۇناسىۋەت زىنا بولمايدۇ بەلكى، ئۇ ئارىلىقتا پەرزەنت بولسا نەسەب ئىسپاتلىنىدىغان نىكاھقا ئوخشاپ قالىدىغان تۇرمۇش بولىدۇ. لېكىن سىلەر ھازىر دەرھال يېڭىدىن نىكاھ قىلىشىڭلار كېرەك، بولمىسا ئايال سىزگە ھالال بولمايدۇ. ئايالنىڭ مۇسۇلمان تۇغقانلىرىدىن بولسا ئۇ نىكاھ ئىشىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئىسلام مەركىزىدىن بىرىگە بېرىپ نىكاھ قىلدۇرساڭلار بولىدۇ.

2004-يىلى 22-ئىيۇندىن 25-ئىيۇنغىچە، ھىجىرىيە 1425-يىلى4 دىن7-گىچە ئىسلام ئىتتىپاقى بىلەن دانىيەنىڭ كوبىنھاگىندا ئۆتكۈزۈلگەن، ئامېرىكا ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخىرىدىكى بايانىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: 6-ماددا: ئامېرىكا خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن توي خېتى ئىلىپ توي قىلىدىغانلارغا تەۋسىيە: "ئامېرىكا خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن توي خېتى ئىلىپ نىكاھ رەسمىيىتى بېجىرىش ئىشلىرى ئىسلام شەرىئىتى تەقەززاسى بويىچە ئىلىپ بېرىلىدىغان نىكاھ ئەھدىسىنىڭ بەزى شەرتلىرىگە ئوخشىمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا ئوخشاش ھالەتتە نىكاھ ئىلان قىلىنغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنى چەكلەشتىن خالى بولغان نىكاھ ئەھدىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما شۇنداقتىمۇ مەزكۇر نىكاھتىكى شۈبھىدىن خالى بولۇش ئۈچۈن، ئەتراپتىكى ئىسلام مەركىزىدىن بىرىگە بېرىپ، شەرىئەتنىڭ نىكاھ پرىنسىپىدا بېكىتكەن شەرىتلەرنى تولۇقلاپ نىكاھنى قايتىدىن قىلىش لازىم بولىدۇ. ب

جانابى ئاللاھ بىز ۋە سىلەرنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى