پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بىلمەستىن قىبلىنىڭ ئەكسىگە قاراپ ناماز ئوقۇغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

مەن مەككىدە خىزمەت قىلىدىغان ياش بولۇپ، ئائىلەم جىددىدە تۇرىدۇ، مەن شەنبە كۈنىدىن چارشەنبە كۈنىگىچە مەككىدە تۇرۇپ، پەيشەنبە، جۈمە كۈنى جىددىدىكى ئائىلەمگە كېتىمەن، بىر ھەپتىسى جىددىغا بارسام، دادام ياتاق ئۆيۈمنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ، ئىلگىرىكى كېرىدىغان ئىشىكنى تاقىۋېتىپ، ئۇدۇل تەرەپتىن ئىشىك ئېچىپتۇ، ئۆي سەرەمجانلىرىنىمۇ ئالماشتۇرىۋىتىپتۇ، ئاللاھغا ھەمدىلەر بولسۇنكى، مەن نامازلارنىڭ كۆپىنى مەسچىتتە ئوقۇيتتىم، بەزى ۋاقىتتا جامائەتكە ئۈلگۈرەلمەي قالسام ئۆيدە ئوقۇيتتم، ياتاق ئۆيۈمنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىلىپ بىر ئايدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ قىبلىنىڭ ئەكسىگە قاراپ ناماز ئوقۇغانلىقىمنى بىلدىم، مېنىڭ ئوقۇغان نامازلىرىم قانداق بولىدۇ؟ شۇنى ئەسلىتىپ قويىمەنكى، مەن ئۆيگە پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىكى كېلىمەن، كۆپىنچە نامازنى مەسچىتتە ئوقۇيمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

قىبلىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇش نامازنىڭ توغرا بولۇش شەرتلىرىدىن بىرى، قىبلىدىن كۆپ بولماستىن، ئازراق ئۆرۈلۈپ قالسا ئەپۇ قىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك قىبلىنى تېپىشقا تېرىشىپ، خاتا كەتكەن كىشىمۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ، سۇئالىڭىزدىن مەلۇم بولىشىچە، سىز قىبلىنى بىلىشكە تېرىشماپسىز، ئۆيدىكىلەردىنمۇ سوراپ باقماپسىز، ئورنىڭىزنىڭ قىبلىدىن ئۆزگەرگەنلىكىگە دىققەت قىلماپسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ نامازلارنى قايتا ئوقۇشىڭىز كېرەك.

نامىزىڭىزنىڭ سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش قېيىن بولسا، ئېھتىيات قىلىپ، ئۈستىڭىزدىكى نامازنى ئوقۇپ بولغانلىققا ئىشەنچ قىلغانغا قەدەر ئوقۇڭ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى