پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئايالىنىڭ بوينىغا گىرە سىلىپ قۇچاقلىشى توغرىسىدا

سۇئال

مەن يېقىدا نىكاھلاندىم، كۆڭلۈمگە كەلگەن بەزى مەسىلىلەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىمەن، مۇبارەك رامىزان ئېيى يىتىپ كەلدى، روزا تۇتتۇم، بەزى ۋاقىتتا ياتاق ئۆيىگە كېرىپ كارىۋاتتا ياتىمەن، بەزى ئايالىم يېنىمدا مەن بىلەن بىرگە ياتىدۇ، مەن ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ قۇچاقلايمەن، بۇنداق قېلىش روزىنى بۇزامدۇ؟ مەن ئۈچۈن قىلىش دۇرۇس بولىدىغان ۋە دۇرۇس بولمايدىغان ئىشلارنى ئوچۇق بايان قىلىپ بەرگەن بولساڭلار.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

مۇسۇلمان روزىسىنى بۇزۇۋېتىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىشى لازىم بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، جىمادىن بولغان شەھۋىتىنى تەرك قىلغانلىقىغا ئاساسەن ئاللاھ تالادىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىشى كېرەك.

رامىزاننىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ تائامى، شارابى ۋە جىنسى شەھۋىتىنى مەن ئۈچۈن تەرك قىلىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1761-ھەدىس].

ئەگەر ئۇ كىشى ئۆزىنى تۇتالىسا، نەپسىنى كونترول قىلالىسا، مەنىي چېقىش ياكى جىماغا چۈشۈپ قىلىش قاتارلىق روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنالىسا، شۇنىڭدەك مەزى چېقىش ئارقىلىقمۇ روزىنىڭ ساۋابى كېمىيىپ كېتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنالىسا، ئۇنداق ھالەتتە ئايالى بىلەنقۇچاقلىشىپ ياتسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئويناشسا بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئائىشە ئانىمىز بىلەن رامىزاندا ئوينىشاتتى، ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆز نەپسىگە يەنى شەھۋىتىگە ئىگە بولالايتتى.

شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەر كىشىنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇپ، ئايالىنى سۆيۈپ قويۇشى، ئوينىشىشى ۋە قۇچاقلىشىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۇرۇس ۋە گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ روزىدار ھالەتتە ئاياللىرىنى قۇچاقلايتتى ۋە سۆيۈپ قوياتتى.

ئەمما شەھۋىتى غالىب كېلىپ ئۆزىنى تۇتالماي، چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىسە بۇنداق قېلىش ياخشى ئەمەس. شۇنداق ھالەتتە سپېرما چېقىپ كەتسە، كەچكىچە روزا تۇتىدۇ، كېيىن بۇ كۈننىڭ ئورنىغا يەنە بىر كۈن قازاسىنى قىلىدۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭقارىشىدا كاپارەت كەلمەيدۇ.

ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا، رامىزاندا ئەر ئايالى بىلەن ئوينىشىپ مەزى چىقىپ قالسا، روزا بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى ئەسلى مەقسەت سالامەت بولۇش، روزىنى بۇزىۋەتمەسلىكتۇر. بۇنىڭدىن ساقلىنىش بەك قېيىن.

ئاللاھ تائالا توغرا ئىشقا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى 4-توم 202-بەت.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد