سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

يېقىنلىرى ئۈچۈن ئېتىبار كارتى بىلەن بىر نەرسە سېتىۋېلىش توغرىسىدا

سۇئال

    مەندە بىر تىجارەت ئورنىنىڭ ئېتىبار بېرىش كارتىسى بار، ئاتا، يېقىن تۇغقانلىرىم ياكى دوستلىرىم مەندىن بۇ كارتىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنى ئۇلارغا سېتىۋالىدىغان نەرسىنىڭ پۇلىنى بېرىدۇ، مەن مالنى ئۆزۈمنىڭ نامىدىكى كارت بىلەن سېتىۋالىمەن، تالۇن مېنىڭ نامىمدا چىقىدۇ، چۈنكى مەن ئېتىبار كارتىنىڭ ئىگىسى، تىجارەت ئورنى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيدۇ، بۇنداق قىلسام توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    سىزنىڭ ئېتىبار كارتى بىلەن ئاتىڭىز، تۇغقانلىرىڭىز ۋە يېقىنلىرىڭىزغا بىر نەرسە سېتىۋىلىشىڭىز  توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئېتىبار باھاسى پەقەت سىزگىلا خاس بولماستىن بەلكى مەلۇم تۈردىكى كىشىلەرگە ئام بولغاندىن كىيىن بۇنىڭ ھېچ زېيىنى بولمايدۇ.

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، بەزى تىجارەت ئورۇنلىرى مال سىتىۋالغۇچىلارغا ياكى مەلۇم مىقداردا بىر نەرسە سىتىۋالغۇچىلارغا ئېتىبار كارتى سوۋغا قىلىدۇ، بۇ كارتىنى مال سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۆزى ئىشلىتىشى كېرەك، بۇ كارتنى ئۆزى ئىشلەتسۇن ياكى باشقا يېقىنلىرى ئىشلەتسۇن ئوخشاش بۇنىڭدا ھېچ كىشىگە زىيان بولمايدۇ، بۇ تىجارەت ئورۇنلىرى شۇ كىشىنى يەنە بۇ ئورۇندىن مال سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بېرىدۇ.

   تەقۋادارلىق قىلىشنى ۋە ئېھتىيات قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئېتىبار كارتىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشى توغرا بولامدۇ دەپ دۇكان ئىگىسىدىن سورىشى كېرەك.

    ئېتىبار كارتىنىڭ ھۆكمى، ئۇنىڭ بىكارلىق تۈرلىرى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بىلىش ئۈچۈن 121759 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى