پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

سەجدە قېلىۋاتقان ۋاقتىدا، بەدىنىنى قاشلاش ئۈچۈن قولىنى سەجدە قىلغان ئورۇندىن كۆتۈرسە، ناماز بۇزىلامدۇ؟

سۇئال

ئەگەر بىر كىشى سەجدە قىلىۋاتقاندا قولىنى ياكى پۇتىنى يەردىن كۆتۈرۈپ ئاندىن يەنە يەرگە قويۇپ سەجدىنى تاماملىغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن ناماز بۇزۇلامدۇ؟، مەسىلەن: سەجدە قىلىۋاتقاندا، بەدىنى قېچىشىپ كەتكەن بولسا، بۇ جاينى قاشلاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى بۇزۇلامدۇ؟، بۇنى ئېسىدە يوق ھالەتتە قىلغان بولسا، نامىزى بۇزۇلامدۇ؟ نامازنى قايتىدىن ئوقۇش كېرەك بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇيرىغان يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن يەتتە ئەزاغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، پىشانە- قولى بىلەن پۇتىغا ئىشارەت قىلدى- ئىككى قول، ئىككى تىز، ئىككى قەدەمنىڭ ئەتراپى.» [بۇخارى رىۋايىتى 812-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى490-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 4-توم 208-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ھەدىستە بايان قىلىنغان ئەزالاردىن بىرەرسى يەرگە تەككۈزۈلمىسە ئۇ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ".

    كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئۇلاردىن ئىمام مالىك، ئىمام شاپىئى ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلار بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ، مۇشۇ يەتتە ئەزانىڭ ھەممىسى يەرگە قويۇلمىسا قىلغان سەجدىسى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر سەجدە قىلغاندا، سەۋەپسىز ئالتە ئەزا يەرگە قويۇلۇپ بىر ئەزا قويۇلمىسا بۇ ۋاقىتتا قىلغان سەجدە توغرا بولمايدۇ.

    ئىبنى رەجەب ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ: "پەتھۇل بارى" 5-توم 114-115-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان بۇ ھەدىس سەھىھ بولۇپ، ھەدىستىكى بۇيرۇق سۆزى يەتتە ئەزا بىلەن تولۇق سەجدە قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ".

    شۇنىڭغا ئاساسەن، بىر كىشى بارلىق سەجدىلىرىدە سەجدە قىلىدىغان ئەزالىرىدىن بىرىنى يەرگە قويماي كۆتۈرۈپ تۇرسا، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ. ئەمما ئازراق كۆتۈرۈپ يەنە قويسا، ئاللاھ خالىسا بۇ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولىدۇ.

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشى سەجدە قىلىش ئارىسىدا، سەجدە قىلىدىغان ئەزالىرىدىن بېرىنى كۆتۈرۈۋالغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى بۇزۇلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇنىڭ ئوچۇقلىمىسى: ئەگەر ئۇ كىشى بىر ئەزاسىنى بارلىق سەجدىلەردە يەنى سەجدە قېلىۋاتقان ھالەتتە، سەجدە قىلىدىغان ئەزالىرىدىن بىرىنى كۆتۈرگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان سەجدىسى توغرا بولمايدۇ، سەجدە توغرا بولمايدىكەن، ئوقۇغان نامازمۇ توغرا بولمايدۇ، ئەمما سەجدە قىلىدىغان ئەزاسىنى قېچىشقانلىق ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن بىرئاز كۆتۈرۈپ يەنەقويسا، ئۇ كىشىنىڭ نامىزىنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقى ئۈمىد قىلىنىدۇ. "ئوچۇق سۆھبەت" پروگراممىسى.

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ھەر ۋاقىت سەجدە قىلغاندا يەتتە ئەزا بىلەن تولۇق سەجدە قىلىش كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭ مەنىسى سەجدە قىلغان ھالەتتە بۇ ئەزالىرىدىن بېرىنى كۆتۈرىۋالسا توغرا بولمايدۇ، قول، پۇت، بۇرۇن، پىشانە ۋە مۇشۇ يەتتە ئەزالىرىدىن بىرىنى سەجدە قىلىپ بولغىچە كۆتۈرۋالسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغان ئەزالاردىن بىرىنى چالا قويغان بولىدۇ.

   ئەمما سەجدە قىلىش ئەسناسىدا بىر پۇتى قېچىشقان بولسا، ئۇ يەرنى يەنە بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ قاشلىغان بولسا، بۇ توغرىدا كۆز قاراش ئوخشىمايدۇ، بەزى ئۆلىمالار، ئۇ كىشى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغان بىر ئاساسنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن نامىزى توغرا بولمايدۇ دەيدۇ.

    بەزى ئۆلىمالار بولسا: بۇنداق قىلسا ناماز توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغىنى ئومۇمى ياكى سەجدىنىڭ كۆپ قىسمىدا قىلمىغان بولسا بولىدۇ، يەنى سەجدىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەتتە ئەزا بىلەن قىلغان بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، سەجدە قىلىغاندا، قولى، پۇتى ياكى يوتىسى قاتارلىق ئورۇنلار قېچىشقان بولسا، سەۋېر قىلىپ سەجدىدىن كېيىن قاشلىسا بولىدۇ". "شەرھىل مۇمتىئ"3-توم 37-بەت.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى