چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

تۈرلۈك كېسەللىكلەر ۋە ۋابا كېسىلىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئالار ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار توغرا بولمىغان دۇئالار توغرىسىدا

سۇئال

    قۇرئان-ھەدىستە، تۈرلۈك شەكىلدىكى كېسەللىكلەر ۋە يېڭىدىن تارقىلىۋاتقان قۇش زۇكۇمى، چوشقا زۇكۇمى قاتارلىق ۋابا شەكىلدىكى كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان مەخسۇس دۇئا بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.  

    بىرىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك، پاك سۈننەتلىرى مۇسۇلماننى ئۆزىگە زىيان يېتىدىغان تۈرلۈك يامان  ئىشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا-زىكىرلەرنى تولۇق ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، بۇ دۇئا-زىكىرلەنىڭ مەنىسى تۈرلۈك شەكىلدىكى كېسەللىكلەر ۋە ئوخشىمىغان ۋابا كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۇ دۇئالاردىن:

   1-ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى كەچ ۋاقتىدا: نامىنى ئاتىغان كىشىگە ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېسە، ئەتتىگەنگىچە ئۇ كىشىگە تۇيۇقسىز بىرەر بالا-مۇسىبەت يەتمەيدۇ، ئەگەر بۇ سۆزلەرنى ئەتتىگەندە ئۈچ قېتىم دېسە، كەچكىچە ئۇ كىشىگە تۇيۇقسىز بىرەر بالا-مۇسىبەت يەتمەيدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5088-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 3388-ھەدىس. ئىمام تىرمىزى تۆۋەندىكى ھەدىسنى سەھىھ دېگەن: «كىمكى ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە: نامىنى ئاتىغان كىشىگە ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىمدىن  دېسە، ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ».

   2- ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! تۈنۈگۈن مېنى يىلان چېقىۋالدى دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كەچ ۋاقتىدا: ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ سۆزلىرىگە سېغىنىمەن دېگەن بولساڭ، ساڭا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى،» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 2709-ھەدىس].

   3- ئابدۇللاھ ئىبنى خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز قاپقاراڭغۇ، يامغۇرلۇق بىر كېچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ چىقتۇق ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى تاپتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ناماز ئوقۇدۇڭلارمۇ؟» دېگەن ئىدى، مەن ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە دېمىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «گەپ قىل» دېدى، مەن ھېچ نەرسە دېمىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «گەپ قىل»دېدى، مەن ھېچ نەرسە دېمىدىم، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە :«گەپ قىل»دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! نېمە دەيمەن؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچ ۋاقتىدا ئۈچ قېتىمدىن قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس سۈرىلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇساڭ، سەن ئۈچۈن ھەممە نەرسىگە كۇپايە قىلىدۇ،» دېدى. [تىرمىزى رىۋايىتى 3575-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5082-ھەدىس].

   شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن: «ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ سۆزلىرىگە سېغىنىمەن» ئۇ كىشىگە بارلىق يامانلىقتىن ساقلىنىش، تىنچلىق، سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك بولىدۇ، بۇ سۆزلەرنى دېيىشنىڭ ساغلام بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، ئىنسان يەنە: «نامىنى ئاتىغان كىشىگە ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» دېگەن سۆزنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن دېسە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

    قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان پاناھلىق تىلەش دۇئالىرى ۋە زىكىرلەرنىڭ ھەممىسى بارلىق يامانلىقتىن ساقلىنىش، سالامەت ۋە خاتىرجەم بولۇشنىڭ سەۋەپلىرىدۇر، ھەر بىر مۇمىن ئەر-ئاياللارنىڭ بۇ دۇئا-زىكىرلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇشى، داۋاملاشتۇرۇشى، دىلى بىلەن پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىلەرنى ئىدارە قىلغۇچى، بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىگە كەسكىن ئىشەنچ قىلىشى، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھنىڭ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە، بىر ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە ئەمەلگە ئاشماسلىقى، پايدىلىق ۋە زىيانلىق بولىشىنىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى"3-توم 454-455-بەتلەر].

    4-ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە بۇ دۇئالارنى تەرك قىلماي ئوقۇيتتى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سالامەتلىك تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن مەغپىرەت ۋە دىنىمدا، دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە، پۇل-مېلىمدا ئاپىيەت تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! ئەۋرەتلىرىمنى يۆگىگىن، قورقۇنچلىرىمنى خاتىرجەملىككە ئايلاندۇرۇپ بەرگىن، ئى ئاللاھ! مېنى ئالدىمدىن، كەينىمدىن، ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستى تەرىپىمدىن قوغدىغىن، سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭغا سېغىنىپ ئاستى تەرىپىمدىن سۈيىقەستكە ئۈچرىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5074-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3871-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ"سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.

   شەيخ ئەبۇل ھەسەن مۇبارەك پورى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان ئاللاھدىن دۇنيادىكى تۈرلۈك ئاپەت ۋە قېينچىلىقلاردىن ساقلىنىش، كېسەللىكلەردىن سالامەت بولۇش، ئەگەر بۇنىڭغا مۇپتىلا بولۇپ قالسا، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇپ، سەبىر قىلىش، دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا گۇناھىنىڭ ئەپۇ قىلىنىپ، ئەيىب-نۇقسانلاردىن سالامەت بولۇشنى تىلەشتىن ئىبارەتتۇر". ["مىرئاتۇل مەپاتىھ شەرھى مىشكاتۇل مەسابىھ" 8-توم 139-بەت].

    5- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ!، مەن سىلىگە سېغىنىپ، سىلىنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىدىن، سالامەتلىك، خاتىرجەملىكنىڭ كېسەللىك ۋە بالا-مۇسىبەتكە ئايلىنىپ قىلىشىدىن، تۇيۇقسىز كېلىدىغان جازالىرىدىن ۋە بارلىق غەزەپ-نەپرەت، ئازابلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن». [مۇسلىم رىۋايىتى 2739-ھەدىس. "پەيزۇل قەدىر"2-توم 140-بەت. "ئەۋنۇل مەبۇد شەرھى سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"4-توم 283-بەت].

    6-ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ، ئاق كېسەل(پېسە)، ساراڭلىق(ئەقلىدىن ئادىشىپ قىلىش)، ماخۇۋا كېسىلى(بەدەن ئەزالىرى ئاقىدىغان) ۋە بارلىق يامان سۈپەتلىك كېسەللەردىن پاناھ تىلەيمەن». [ئەھمەد رىۋايىتى 12592-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد 1554-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى 5493-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

    ئىمام تىيبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك مۇتلەق كېسەللىكلەردىن پاناھلىق تىلىمىدى، چۈنكى كېسەللەرنىڭ بەزىسى  باش ئاغرىقى، كۆز ئاغرىقى ۋە زۇكام دېگەنگە ئوخشاش يەڭگىل، داۋالىنىش ئىمكانىيىتى تىز، سەبىر قىلغىلى بولىدىغان ۋە ۋاقتى ئۇزۇن داۋام قىلمايدىغان بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەقەت داۋالاش ئۈنۈمى يوق دىيەرلىك ياكى ھازىرقىدەك دەرھال داۋالىنىش ئىمكانىيىتى يوق بولغان، ياكى پالەچ، بەدىنى ئاقىدىغان، كېسەل  ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىش بۇ جەرياندا كېسەل كىشىدىن ھەممە كىشى يىراقلىشىپ، ئۇنى داۋالاش، كۆيۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇش تەدرىجى ئازلاپ، ئاخىردا كېسەل يالغۇز قالىدىغان ھالەتلەردىن پاناھلىق تىلىگەن". [بۇ قاراشنى "ئەزىم ئابادىي" ئوۋنۇل مەبۇدتا نەقل قىلغان].

     ئىككىنچى: ھازىرقى دەۋرىدە كىشىلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ مىديا، ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تۈرلۈك ۋابا كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئالار كۆپ تارقىلىپ مەشھۇر بولۇپ كەتتى، بۇ دۇئانى تارقاتقۇچىلار بۇنى ئوقۇش ئىنساننى "چوشقا زۇكۇمى" قاتارلىق ۋابا كېسەللىكتىن مۇھاپىزەت قىلىدۇ دەپ تارقاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۇئالار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرسەتمە بەرگەن ۋە ياكى ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان توغرا دۇئادىن ئەمەس، بەلكى ئۇ راپىزىلارنىڭ ئادەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن بولغان ئىمام جەپەر سادىققا نىسبەت بېرىپ بازارغا سېلىۋاتقان توقۇلمىلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

    ئۇلار بۇ دۇئاغا ئالاقىدار مۇنداق بىر توقۇلما ۋەقەلىكنى بايان قىلىدۇ: بىر قېتىم ۋابا تارقىلىپ بۇنىڭدا نۇرغۇن كىشىلەر ۋە نۇرغۇن ئائىلىلەر ھالاك بولدى، پەقەت بىر ئائىلىگىلا ۋابا كېسىلى يۇقمىدى، چۈنكى بۇ ئائىلىدىكىلەر مۇشۇ دۇئانى(راپىزىلار توقۇغان دۇئانى)ئۈزۈلدۈرمەي دائىم ئوقۇغان ئىدى، بۇ ئىش شۇ ۋاقىتتىكى باغداد ۋالىسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇنىڭ بىلەن ۋالى ئائىلە باشلىقىنى چاقىرتىپ: نېمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ ئائىلىگە ۋابا تارقالمىدى؟دەپ سورىغان ئىدى، ئۇ كىشى ۋالىيغا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ دۇئانى دائىم ئوقۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى، ئۇ دۇئا مۇنۇلاردىن ئىبارەتتۇر:

"ناھايىتى مېھرىبان شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن سىلىنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ سانى، ئەرشىلىرىنىڭ شەرىپى، ئۆزلىرىنىڭ رازىلىقى، جاماللىرىنىڭ نۇرى، ئىلمىلىرى ۋە مۇلايىملىقلىرىنىڭ يەتكەن ئورنى، ئەبەدىيلىك قۇدرەتلىرى، قۇدرەتلىرىنىڭ كەڭلىكى، رەھمەتلىرىنىڭ تۈگەنچىسى، خالاشلىرىنىڭ ئىدراكى، ھەممە زاتلىرى ۋە ھەممە سۈپەتلىرى ۋە تولۇق سۈپەتلىرى، ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرقىسى، يوشۇرۇن سىرلىرى، گۈزەل ياخشىلىقلىرى ۋە ئېسىل مۇكاپاتلىرى،سىلىدىن بولغان كامالەت، ھېسابسىز سېخىيلىق، قاتتىق غەزەبلىرىگە رەھمەتلىرىنىڭ ئىلگىرى بولىشى، سۆزلىرىنىڭ سانى، يەتكەن غايىلىرى، يەككەلىكلىرىنىڭ يەككىلىكى، يالغۇزلۇقلىرىنىڭ يالغۇزلىقى، ئەبەدىلىكلىرىنىڭ باقىيلىقى، ۋاقىتلىرىنىڭ چەكسىزلىكى، پەرۋەردىگارلىقلىرىنىڭ شان-شەرىپى، چوڭلۇقلىرىنىڭ كاتتىلىقى، ئۇلۇغلۇقلىرىنىڭ يۈزى، مۇكەممەللىكلىرى، گۈزەللىكلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئىنئاملىرى، خوجايىنلىقلىرى، پادىشاھلىقلىرى، قەھرىلىرى، خالاشلىرى، ئۇلۇغلىقلىرى، مەرھەمەتلىرى، خۇرسەنلىكلىرى، ياخشىلىقلىرى، خەير-ئېھسانلىرى، ھەقلىرى، ھەقلىرىنىڭ ھەقلىرى ۋە سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرى مۇھەممەد مۇستەپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى بىلەن بىزگە چېقىش يولى ئاتا قىلسا، بىزنى غەمدىن خالاس قىلسىلا، بىزگە غەم-قايغۇلاردىن، بالا-مۇسىبەتلەردىن، ۋابا كېسەللىكلىرىدىن شىپالىق ئاتا قىلسىلا، تۆھمەتلەردىن، تۈرلۈك تارقىلىشچان كېسەللىكلەردىن، جاپا-مۇشەققەتلەردىن ۋە بارلىق كېسەللىك، بالا-مۇسىبەت، ئايەتلەردىن ساقلىسىلا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سالامەت قىلسىلا، "كاپ ھا يا ئەين سادنىڭ، تاھانىڭ، ياسىننىڭ، سادنىڭ، ھام مىم ئەين سىين قاپنىڭ، ۋە(ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق) دېگەن بۇ ئايەتلەرنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، سىلىنىڭ رەھمەتلىرى بىلەن بىزنى ساقلىسىلا ئى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، پاك-ئېسىل ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت، سالاملىرى بولسۇن". [بۇ دۇئانىڭ مەنبىيى: "تۆھپەتۇل رەزەۋىييە پى مۇجەررىباتۇل ئىمامىييە"188-بەت].

    ھەقىقى تەۋھىد ئەھلىگە نىسبەتەن بۇ دۇئالار ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرىئەتكە زىت بولغان ئىشلار مەخپى قالمايدۇ، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق -ھۆرمىتى، ئىلاھلارنىڭ ھەق-ھۆرمىتى، سېنىڭ تولۇق سۈپىتىڭ ۋە ئاخىرقى ئىسمىڭ ھۆرمىتى بىلەن دېگەن سۆزلەر بىلەن ۋەسىلە قىلغان، شۇنىڭدەك بۇ دۇئا قوپال، ياسالما سۆزلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان، پاك ئىسلام شەرىئىتى بۇنداق سۆزلەردىن خالىدۇر. ["چوشقا زۇكۇمى"توغرىسىدا 137801-131887- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى