شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇساپىرنىڭ ئايرىدۇرۇمدا تاشلاپ كەتكەن نەرسىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا

سۇئال

    مەن ئاۋىئاتىسيە شىركىتىنىڭ ئۇچقۇچىسى، تۈنۈگۈنكى سەپىرىمدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە ئايرودرومىغا كەلدىم، ئۇ يەردە بىر سائەتتىن ئارتۇق تۇرمايتتىم، مەن ئۇ يەردىكى خىزمەتچىدىن: بۇ يەردە زەمزەم سۈيى تېپىلامدۇ؟ دەپ سورىدىم، ئۇ: ھەئە تېپىلىدۇ دېدى، مەن: ئۇنى قەيەردىن ئىلىپ كېلىسىز؟ دېدىم، ئۇ: ئايرىدۇرۇمدا زەمزەم سۈيى كۆپ تېپىلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۈرلۈك: زەمزەم ئىگىسى بەزى ۋاقىتتا ئۇنى يۈكى بىلەن يوللاشتىن كېچىكىپ قالىدۇ، ياكى ئۇنى مال يەتكۈزۈش ئورنىغا بېرىدۇ، لېكىن ئادىرىس ئېنىق بولمىغانلىقتىن تۇرۇپ قالىدۇ، ياكى زەمزەمنى يوللىۋەتكەندىن كېيىن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن سەپەر ئەمەلدىن قالىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، بۇ سۇنىڭ قايسى سەۋەپتىن ئايدۇرۇمدا قالغانلىقىنى كەسكىنلەشتۈرەلمەيسىز، بۇ سۇ ئايدۇرۇمدا ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىپ بىرسى ئىشلەتمىسە، بۇزۇلىدۇ ياكى تاشلىنىدۇ دېدى. مەن كېلىدىغان سەپىرىمدە شۇ زەمزەم سۇدىن ئېلىۋالسام توغرا بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇساپىر ئايدۇرۇمدا ئۇنتۇپ قالغان ياكى قويۇپ قويغان سۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئايدۇرۇمدا قالغان باشقا يۈكلىرى بىرگە بولۇپ. ئۇنىڭغا ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى، ئادىرىسى يېزىلغان بولسا، بۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كېرىدۇ، بۇنداق ھالەتتە، زەمزەم بىلەن بىرگە بولغان يۈكنىڭ ساھىبنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر بۇنىڭ ئىگىسىنىڭ كەلمەيدىغانلىقى بىلىنسە، ياكى ئۇ كىشىنىڭ قايتىشىدىن ئۈمىت ئۈزۈلگەن بولسا، ياكى بۇ يەردە قالغان سۇ بۇزۇلۇش ياكى تاشلىۋېتىش ھالىتىدە بولسا، بۇ نەرسىلەر سېتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ پۇلى ئىگىسىنىڭ نامىدىن سەدىقە قېلىنىدۇ.

     شىركەت سەپەر قىلغۇچىنىڭ يۈك-تاقىلىرىنى سەپەر قىلغۇچى بىلەن كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئۇنى ساقلىشى-مۇھاپىزەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدا ئىگىسى ئىلىپ كەتمىگەن بەزى كىيىم-كېچەكلەر بولۇپ، ئىككى ئايدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ بۇنىڭ ئىگىسى كەلمىگەن ياكى بىلىنمىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىيىمنى تاپشۇرۇپ ئېلىش قەغىزىگە ئەگەر ئىككى ئايغىچە ئېلىپ كېتىلمىسە، دۇكان ئىگىسىنىڭ مەسئۇل بولمايدىغانلىقى يېزىلغان، ئىككى ئايدىن كېيىنمۇ بۇنىڭ ئىگىسى كەلمىسە، دۇكان ئىگىسى بۇنى ئېلىپ ئىشلەتسە ياكى ساتسا ياكى ئۇنى سەدىقە قىلىۋەتسە بولامدۇ؟، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىگىسى كېلىپ كىيىمىنى تەلەپ قىلسا، بۇ ۋاقىتتا دۇكان ئىگىسى بۇ كىيىمنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بېرەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "كېيىمنىڭ ئىگىسىگە ئىككى ئايدىن كېيىن قالسا، ئۇنىڭ كىيىمىنى تەلەپ قىلىش ھەققى بولمايدىغانلىقى شەرت قىلىنغان بولسا، ئىككى ئاي توشقاندا ئۆزى كەلمىگەن بولسا، دۇكان ئىگىسى بۇ كىيىمنى كىيىدىغان ئادەم بولسا بېرىۋەتسە ياكى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلىۋەتسە بولىدۇ، لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، ئىككى ئاي توشقاندىن كېيىنمۇ بىر-ئىككى ھەپتە كۈتۈش كېرەك، مۇمكىن كىيىم ئىگىسى ئاغرىپ قالغاندۇ ياكى ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قالغاندۇ ياكى سەپەرگە چىقىپ كەتكەندۇ دېگەندەك سەۋەبلەرنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئەڭ ياخشىسى ئىككى ئايدىن كېيىنمۇ مەلۇم ۋاقىت كۈتۈش كېرەك بولىدۇ". ["ئايلىق ئوچۇق ئۇچرىشىش" 215/11].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مەلۇم ۋاقىت بېكىتىلگەن بولسا، ۋاقىت توشقاندىن كېيىن دۇكان ئىگىسى ئۇنى باشقىلارغا بىرىۋەتسە ياكى سېتىپ پۇلىنى سەدىقە قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

    ئەمما ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بېكىتىلگەن مەلۇم ۋاقىت بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئىككى ئاي توشقاندىن كېيىنمۇ دۇكان ئىگىسىنىڭ ئۇنى باشقىلارغا بېرىۋېتىشى ياكى سېتىپ پۇلىنى سەدىقە قىلىۋېتىش ھەققى بولمايدۇ، پەقەت كىيىم ئىگىسىنىڭ كېلىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقىتتا بۇ نەرسىنىڭ دۇكاندا ئورۇن ئىگىلەپ تۇرماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى قانداق قىلسا بولىدۇ". ["ئايلىق ئوچۇق ئۇچرىشىش " 215/19].

    ئەمما ئايدۇرۇمدىكى زەمزەم سۈيى باشقىلارنىڭ يۈكىگە تەۋە بولماي ئايرىم بولسا، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئايدۇرۇمدا بۇنىڭ ئىگىسى سەپەر قىلىپ كەتتى ياكى تاشلىۋېتىپ كەتتى ياكى ئايرۇپىلانغا ئۈلگۈرەلمەي قالدى دەپ  چۈشەنگۈدەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ بۇ سۇنى دەپ قايتىدىن ئايدۇرۇمغا كېلىشى تەخمىن قىلىنمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنى ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرى ياكى باشقا خىزمەتچىلەر ئىشلەتسە بولىدۇ، چۈنكى بۇ سۇنىڭ ھۆكمى بۇ ھالەتتە: ئېتىبارسىز دەپ قاراپ ئىگىسى تاشلىۋەتكەن نەرسىنىڭ ياكى ئىگىسى خالىماي تاشلىۋەتكەن نەرسىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، بۇنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

    ئەگەر ئىدارە رەھبەرلىكى ئۇنى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ياكى سەپەردە ئېھتىياجلىق بولغان كىشىلەردىن بىرىگە بېرىۋەتسە بەك ياخشى بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى