جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

دۇئانىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل بولىشى ۋە ئىجابەت قىلىنىشىنىڭ شەرتلىرى قايسى؟

سۇئال

دۇئانىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل بولىشى ۋە ئىجابەت قىلىنىشىنىڭ شەرتلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

دۇئانىڭ شەرتلىرى كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە ئۇنىڭدىن بىرقانچىسىنى بايان قىلىمىز:

1-دۇئانى پەقەت ئاللاھقا قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇغا: ئەگەر بىر نەرسە سورىساڭ ئاللاھدىن سورا، ياردەم تەلەپ قىلساڭ ئاللاھدىن تەلەپ قىلغىن، دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى 2516-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

دۇئانى پەقەت ئاللاھقىلا قىلىش دېگەن بۇ سۆز، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ: وَأَنَّ الْمَسَاجِدَ لِلَّـهِ فَلَا تَدْعُوا مَعَ اللَّـهِ أَحَدًا تەرجىمىسى: مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار. [سۈرە جىن 18-ئايەت].

مانا بۇ دۇئانىڭ قوبۇل بولىشىدىكى ئەڭ چوڭ شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شەرت تىپىلمايدىكەن دۇئا قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە قىلغان ئەمەللەرمۇ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كۆتۈرۈلمەيدۇ. بەزى ئىنسانلار ئۆلۈكلەردىن بىر نەرسە تىلەپ ئۆلۈكلەرنى ئۆزلىرى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئارىسىدا ۋاسىتە قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز قارىشىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇ كىشىلەر ياخشى كىشىلەر، ئۇلار بىزنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئۇلار بىز بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئارىسىدا ۋاسىتە بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى گۇناھكار بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇلارنىڭ ئورنى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇلارنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاللاھنى قويۇپ ئۇلاردىن بىرنەرسە تىلەيدۇ.بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَتەرجىمىسى: مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن). [سۈرە بەقەرە 186-ئايەت].

2- ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغاندا شەرىئەت يولغا قويغان ۋاستىلارنىڭ تۈرلىرىدىن بىرىنى ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىش.

3-دۇئانى قىلىپلا ئىجابەت قىلىنىشىغا ئالدىرىماسلىق كېرەك. چۈنكى ئالدىراقسانلىق دۇئانىڭ قوبۇل بولىشىنى چەكلەپ قويىدىغان دۇئانىڭ ئاپەتلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئالدىرىمىغان ۋاقىتتا، دۇئا قىلدىم، دۇئايىم ئىجابەت بولمىدى دېگەن سۆزنى قىلمىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 6340-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2735-ھەدىس].

ئىمام مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان 2736-ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىنسان گۇناھ-مەسىيەت ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىقىنى ئۇزىۋېتىدىغان ئىشلار ئۈچۈن دۇئا قىلمىسا ۋە قىلغان دۇئاسىنىڭ ئىجابەت قىلىنىشىغا ئالدىرىمىسلا ئۇنىڭ قىلغان دۇئالىرى دائىم ئىجابەت قىلىنىدۇ دېگەندە، ساھابىلار: دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا ئالدىراش دېگەن قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىۋېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: دۇئا قىلغان كىشى، مەن دۇئا قىلدىم، دۇئا قىلدىم، قىلغان دۇئايىمنىڭ ئىجابەت بولغانلىقىنى كۆرمىدىم دەپ ھەسرەتلىنىدۇ ۋە دۇئا قىلىشنى تەرك قىلىدۇ، دېدى.

4- يۇقىرىدىكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك دۇئادا گۇناھ-مەسىيەت ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىقنى ئۇزىۋېتىدىغان ئىشلار تەلەپ قىلىنماسلىقى كېرەك، ھەدىستە: گۇناھ-مەسىيەت ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىقىنى ئۇزىۋېتىدىغان ئىشلارنى تىلەپ دۇئا قىلمىسا قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ، دېيىلگەن.

5-ئاللاھ تائالاغا ياخشى گۇماندا بولۇش كېرەك. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن بەندەمنىڭ ماڭا بۇلغان گۇمانى بويۇنچە بولىمەن. [بۇخارى رىۋايىتى7405-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 4675-ھەدىس.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەر ئاللاھنىڭ دۇئانى ئىجابەت قىلىشىغا ئىشەنچ قىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار،» دېگەن. [تىرمىزى رىۋاىيتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 245-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

كىمىكى ئۆز پەرۋەردىگارىغا ياخشى گۇماندا بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا مۇكاپات ۋە ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلىدۇ، پەزلى-رەھمىتىنى زىيادە قىلىدۇ، ياخشىلىق-ئىھسانلىرىنى كەڭرى قىلىپ بېرىدۇ.

6-چىن قەلبى بىلەن ئاللاھقا سېغىنىپ دۇئا قىلىش كېرەك. دۇئا قىلغاندا دۇئا قىلىنغۇچىنىڭ كاتتىلىقى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ چىن قەلبىدىن ئىلتىجا قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىلىڭلاركى، ئاللاھ تائالا غاپىللىقتا قىلىنغان دۇئانى قوبۇل قىلمايدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى3479-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 245- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈردى].

7-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېمەك-ئىچمىكى ھارامدىن بولغان كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ئۇزۇن سەپەر قىلغان، چاچلىرى توپا-چاڭغا مىلەنگەن، ئىككى قولىنى ئاسمانغا سوزۇپئەي رەببىم، ئەي رەببىم دەپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئۇ كىشىنىڭ يېمەك- ئىچمىكى، كىيىم-كىچەكلىرى ھارامدىن تۇرسا، ھارامدىن غىزالانغان تۇرسا، ئۇنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت قېلىنىدۇ؟. [مۇسلىم رىۋايىتى 1015-ھەدىس].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ: "ھاراميېگەن ئادەم ئۆزىنىڭ دۇئاسىنى بىكار قىلىدۇ ۋە ئاجىزلاشتۇرىدۇ"دېگەن.

8-دۇئا قىلغاندا ھەددىدىن ئېشىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا دۇئادا ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةًإِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ﴾ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار، (دۇئا قىلغاندا كەلسە - كەلمەس سۆزلەپ، توۋلاپ) ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ. [سۈرە ئەئراپ 55-ئايەت. 41017-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

9-دۇئا بىلەن مەشغۇل بولۇپ مۇھىم بولغان پەرز ئەمەللەرنىتەرك قىلماسلىق كېرەك. مەسىلەن: ھازىر بولغان ناماز ياكى دۇئا قىلىشنى دەلىل قىلىپ ئاتا-ئانىنىڭ ھەققىنى تەرك قىلىش قاتارلىقلار، ئابىد جۈرەيجنىڭ ۋەقەلىكى شۇنى ئىپادىلەيدۇ، جۈرەيج ئانىسىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاپ بەرمەي، نامىزىغا يۈزلەنگەنلىكتىن ئانىسى ئۇنىڭغا بەددۇئا قىلىدۇ، ئۇ سەۋەبلىك ئاللاھ تائالا ئۇنى سىناققا مۇپتىلا قىلغان.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: بۇ جۇرەيجنىڭ ئانىسىغا جاۋاپ بېرىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، چۈنكى ئۇنىڭ ئوقۇۋاتقىنى پەرز بولماستىن نەپلە ناماز بولۇپ، ئانىسىغا جاۋاپ بېرىش ۋە ياخشىلىق قىلىش ۋاجىپۋە ئانىسىنى قاخشىتىش چەكلىنىدىغان ھارام ئىش ھېسابلىنىدۇ." [سەھىھ مۇسلىمغا ئىمام نەۋەۋىنىڭ يازغان شەرھىسى].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى