چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

ئوخشىمىغان باھادا سودا قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

   مەن سائەت ۋە باشقا نەرسىلەرنى ساتىمەن، باھاسى يۈز ئەللىك رىياللىق سائەتنى بەزى خېرىدارغا بىر يۈز قىرىق بەش رىيالغا ساتىمەن، يەنە بىرسىگە بىر يۈز ئوتتۇز بەش رىيالغا ساتىمەن، يېقىنلىرىم ۋە دوستۇم كېلىپ قالسا، ئۇنىڭغا دوستلۇق يۈزىسىدىن بىر يۈز يىگىرمە بەش رىيالغا ساتىمەن، مۇشۇنداق سېتىشىم توغرا بولامدۇ؟ ئاللاھ سىلەرنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    مۇئمىنگە زۈرۈر بولغىنى باشقىلارنى ئالدىماسلىق، بەلكى كىشىلەرگە زەرەر بولمايدىغان ھالەتتىكى مۇۋاپىق باھادا سېتىشتۇر، سائەتنىڭ باھاسى بىر يۈز ئەللىك رىيال بولۇپ باشقا كىشىلەر شۇ باھادا ساتىدىغان بولسا، بەزى خىرىدارلارغا ئۇنىڭدىن ئەرزانراق ساتسا ياكى دوستلىرىغا باھانى چۈشۈرۈپ بەرسە بولىدۇ، چۈنكى دوستلىرىغا ئادەتتە سېتىۋاتقان باھادىن چۈشۈرۈپ بېرىش خاتا ئىش ئەمەس.

    ئەمما كىشىلەرنى ئالداش بولسا، بازار باھاسىنى بىلمەيدىغان، نادان كىشىلەرگە باھانى ئۆرلىتىپ سېتىپ، بازار باھاسىنى بىلىدىغان، تىجارەتنىڭ يولىنى بىلىدىغان كىشىلەرگە نورمال باھادا سېتىش بولۇپ بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى باھانى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىمۇ ئوخشاش كۆرۈش كېرەك بولىدۇ. ھەممەيلەنگە ئوخشاش باھادا سېتىش ياخشىدۇر، بۇنىڭدا ھېچ كىشىنى ئالدىمايدۇ، خىيانەت قىلمايدۇ، بەلكى كىشىلەرنى ئالدىماسلىق ئۈچۈن ئومۇمى كىشىلەرگە ساتىدىغان ئورتاق باھادا ساتىدۇ، يېقىنلىرى، دوستلىرى ۋە بەزى كىشىلەر ئۈچۈن باھادا چۈشۈپ بەرسە ۋە ھەدىيە بەرسە توغرا بولىدۇ.

    لېكىن بازار باھاسىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە قىممەت سېتىپ زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بەلكى باھانى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن ئورتاق باھادا سېتىش كېرەك. بەزى كىشىلەرگە باھادا ئېتىبار قىلسا بولىدۇ".

مەنبە: ھۆرمەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ" نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 3-توم 1432-بەت