پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

يارىتىش ۋە بۇيرۇق قىلىش ئۇنىڭدۇر

13379

تارقاتقان ۋاقىت : 14-02-2006

كۆرگۈچىلەر : 7622

سۇئال

جەزمەنكى ، يارىتىش ۋە بۇيرۇق قىلىش ئۇنىڭدۇر[ئەئىراف:54] دىگەن ئايەتنىڭ مەنىسى نىمە؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن.
ئاللاھ ئاسمانلار ،زىمىن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە ئۇلاردىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق نەرسىلەرنى ياراتتى؛ىۇ ئاسمانلارنى بىرىنى يەنە بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ، زىمىننى كەڭرى بوشلۇق قىلىپ ياراتتى؛ئۇ نۇرلۇق پلانىتلار ۋە يۇلتۇزلارنى،مۇستەھكەم تاغلارنى، ھەر تۈرلۈك مەدەنلەرنى ۋە دەرەخلەرنى ،پايدىلىق سۇلارنى،ھەرخىل ھايۋانلارنى، دائىم يىڭىلىنىپ تۇرىدىغان شامالنى، كاتتا پەرىشتىلەرنى،ئىنسانلار ،جىنلار، قۇشلار، ھايۋانلار، جانسىز شەيئىلەر ۋە قۇشلارنى ياراتتى:
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ (ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ) ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ، ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺑﯘﺩﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ؟ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﻮﭘﺌﻮﭼﯘﻕ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﻠﯩﻘﺘﯩﺪﯗﺭ. [ لۇقمان: 11].
بۇ كاتتا مەخلۇقاتلار ياراتقۇچىنىڭ كاتتىلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ زور سانى ياراتقۇچىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىدۇ؛ئۇلارنىڭ رەڭ ۋە تۈرلىرى ياراتقۇچىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار قىلقىدىغان نەررسىلەرنىڭ ۋە ئۇلارغا كىلىدىغان مەنپەئەتلەرنىڭ ھەر خىللىقى ياراتقۇچىنىڭ دانالىقىنى ، ئۇنىڭ ئۇلارنى قانداق قوغدايدىغانلىقى ۋە تىزگىنلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ياراتقۇچىنىڭ ھاياتىنى،ئۇنىڭ بىلىمىنى،كۈچ-قۇدرىتىنى ھەمدە ئۇنىڭ : ﺑﯩﺮ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭻ ﺋﯩﻼﮪ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ؛ ﺍﻟﻠﻪ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺗﯧﺮﯨﻜﺘﯘﺭ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ؛ [كالا: 255] ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ بولسا بارلىق نەرسىلەرنى بىلىدىغان، بارلىق نەرسىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەمدە بارلىق شەيئىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارىمىزدۇر :
ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯜﻧﺪﻩ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ) ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ (ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ) ﺋﻪﺭﺵ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ، ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻧﻰ ﻳﺎﭘﯩﺪﯗ، ﻛﯧﭽﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ)؛ ﺍﻟﻠﻪ ﻗﯘﻳﺎﺵ، ﺋﺎﻱ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﯘﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ) ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﺪﯗﺭ. ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﻛﺎﺗﺘﯩﺪﯗﺭ. [ئەئىراف : 54].
ئۇ پاكتۇر، گۈزەل ئىسىملار ۋە يۈكسەك سۈپەتلەرگە ئىگىدۇر،ئۇ خالىغان نەرسە بولىدۇ،خالىمىغان نەرسە بولمايدۇ،ئاسمانلار ياكى زىمىندىكى ھىچ قانداق نەرسە ئۇنىڭ باشقۇرشى سىرتىدا ئەمەستۇر :
« ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺷﻪﻳﯩﻨﻰ (ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﻨﻰ) ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﻛﻪﻝ ﺩﻩﻳﺪﯗ-ﺩﻩ، ﺋﯘ ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.» [ياسىن :82].
پەرۋەردىگارىمىز ھەر قانداق نەرسىگە قادىر ،نىمىنى خالىسا قانداق خالىسا شۇنداق يارىتىدۇ :
ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﺪﺍﺭﻧﻰ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﺗﯚﺕ ﭘﯘﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ. [نۇر :45].
پەرۋەردىگارىمىز كۈچلۈك،ھەممىدىن غالىپتۇر :
ﺍﻟﻠﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﺴﯩﺰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯩﻜﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ، ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﭖ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ، ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﻏﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ، ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺟﺎﻧﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻟﯘﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺩﯗﻕ. [لۇقمان : 10] .
پەرۋەردىگارىمىز ھەممە نەرسىنى بىلىدۇ :
ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺴﯩﺪﯗﺭ، ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﺪﯗﺭ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﺷﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﯩﺪﯗﺭ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ. [ مۇجادىلە : 7].
پەرۋەردىگارىمىز بىزنى ۋە رىزىقلىرىمىزنى ياراتقان زاتتۇر :
ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ! ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﯖﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭻ ﻣﻪﺑﯘﺩ (ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ) ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﺪﯨﻦ) ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ؟.
[ فاتىر : 3].
پەرۋەردىگارىمىز ئىنچىكە ،ھەممىدىن خەۋەرداردۇر :
« (ﻟﻮﻗﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ) ﺋﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﭽﯩﻘﯩﻢ! ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯔ ﻗﯩﭽﺎ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﯘﻳﯘﻝ ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺟﺎﻳﺪﺍ) ﻳﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ). ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻛﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ . [ لوقمان : 16].
پەرۋەردىگارىمىز ھەممىنى بىلگۈچى، ھەممىگە قادىردۇر :
ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻗﯩﺰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (49). ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﻏﯘﻝ، ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﯘﻏﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ. [كىڭىشىش : 49-50]
پەرۋەردىگارىمىز - ئەڭ سېخىي، ئەڭ مىھرىباندۇر :
ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ. ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ (ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ) ﭘﺎﻙ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﯨﺰﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﺩﯗﺭ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﯜﻳﯜﻛﺘﯘﺭ. [ غافىر : 64].
پەرۋەردىگارىمىز -ھەممىگە دانا ،ھەممىنى بىلگۈچى :
ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﻟﯩﺒﺎﺱ، ﺋﯘﻳﻘﯘﻧﻰ (ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﺭﺍﻫﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻧﻰ (ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ) ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﺪﻯ (47). ﺍﻟﻠﻪ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻧﻰ) ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺷﺎﻣﺎﻟﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ،ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯘﻟﯘﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻙ ﺳﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ. [ فۇرقان : 47-49].
پەرۋەردىگارىمىز - بارلىق ئىنسانلارنى بىر جاندىن ياراتقان زاتتۇر :
ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ) ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺷﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺟﯩﻨﺴﯩﺪﯨﻦ) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯜﭘﺘﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﻪﯞﯞﺍﻧﻰ) ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﯞﯞﺍﺩﯨﻦ) ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﯕﻼﺭ، ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﯕﻼﺭ، ﺳﯩﻠﻪ - ﺭﻩﻫﯩﻤﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯖﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﯖﻼﺭﻧﻰ) ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ. [ ئاياللار : 1] .
پەرۋەردىگارىمىز - كۈچلۈك ، ھەممە نەرسىگە قادىردۇر :
ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ (ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻫﯧﻜﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻫﯧﭻ ﺋﻪﻫﻪﺩﻯ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻟﯩﻤﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯘﻓﻔﺎﺭﻻﺭ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ)، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ . [ فاتىر : 41].
پەرۋەردىگارىمىز ھەممە نەرسىنى ياراتتى :
ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻫﺎﻣﯩﻴﺪﯗﺭ (ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺳﻪﺭﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . [ زۇمەر : 62].
پەرۋەردىگارىمىز ھەممە نەرسىلەرنى ئوراپ تۇرىدۇ :
ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ، ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯖﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﯗﺭ، ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯗ، ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ). ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰئوﺭاپ تۇرغۇچىدۇر.
[ ئاياللار : 126] .
بارلىق ئىشلارنىڭ قارارى ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ :
ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﺪﯗر . [ رىم : 4] .
بارلىق ئىشلارنىڭ تىزگىنى ئاللاھنىڭ قولىدا :
ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﻳﺒﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﯩﯖﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﯩﻦ). ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻏﺎﭘﯩﻞ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ .
[ ھۇد : 123 ] .
ئاللاھ بىزنى پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشقا ، پەقەت ئۇنىڭدىنلا ھۆكۈم تەلەپ قىلىشقا بۇيرىدى :
ﺑﺎﺭﭼﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﯩﻼ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ، ﺋﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﯨﻨﺪﯗﺭ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ (ﺑﯘﻧﻰ) ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ .
[ يۇسۇف : 40 ] .
ئاللاھ بىزنى ئۆزىگە ۋە ئەلچىسىگە ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) بويسۇنۇشقا بۇيرىدى :
ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ.
[ ئىمران ئائىلىسى : 132 ] .
ئاللاھ بىزنى ياخشى ئەخلاققا بۇيرىدى ، ناچار ئەخلاقتىن توسىدى ، ئۇ دەيدۇ :
ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ (ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ) ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ، (ﺟﯩﻤﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ) ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﺧﯩﺶ - ﺋﻪﻗﺮﯨﺒﺎﻻﺭﻏﺎ ﺳﯩﻠﻪ - ﺭﻩﻫﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ، ﻗﻪﺑﯩﻬ (ﺳﯚﺯ - ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻠﻪﺭ) ﺩﯨﻦ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﯩﺪﯗ. ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﻧﺪ - ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. [ ھەسەل ھەرىسى : 90 ] .
ئاللاھ بىزنى ياخشىلىقلاردا ھەمكارلىشىشقا بۇيرىيدۇ، بارلىق ئەسكىلىكلەردىن چەكلەيدۇ ، ئۇ دەيدۇ :
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ، ﮔﯘﻧﺎﻫﻘﺎ ﯞﻩ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺷﻤﻪﯕﻼﺭ .
[ داستىخان : 2] .
يارىتىش ، بۇيرۇق قىلىش ھەمدە پادىشاھلىق ئاللاھقىلا مەنسۇپتۇر :
ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭘﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ . [ داستىخان : 120 ].
بىزنىڭ يۈرەكلىرىمىز پادىشاھلىق ۋە يارىتىش باشقا بىرىگە ئەمەس ، پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكنى ئىتراپ قىلىشقا تەبىئىي مايىللىق بىلەن يارىتىلغان :
« ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، ﺯﯦﻤﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﺴﻪﯕﻼﺭ (ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ) (84). ﺋﯘﻻﺭ: ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ» ﺩﻩﻳﺪﯗ. (ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ) ﭘﻪﻧﺪ- ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ (85) ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﻪﺭﺷﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ﻛﯩﻢ؟ (86) ﺋﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ (ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ) ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ (87) ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ؟ (ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ) ﭘﺎﻧﺎﻫ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﭘﺎﻧﺎﻫ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻢ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﺴﻪﯕﻼﺭ (ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ) (88). ﺋﯘﻻﺭ: ﺍﻟﻠﻪ ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻗﺎﻳﻤﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ؟ (89). ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺰ ﻫﻪﻕ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ، ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻼﺭﺩﯗﺭ .» [ مۇئىمىنلەر : 84-90 ] .
ئى ئىنسانلار جاۋاپ قايتۇرمامسىلەر ؟
« (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﮔﺎﺱ، ﻛﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﻰ ﻛﻮﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﭘﯧﭽﻪﺗﻠﯩﯟﻩﺗﺴﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ)، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﻼﻫ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ؟ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﻜﻰ، ﺑﯩﺰ (ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ) ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯩﺰﻏﺎ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭ (ﺷﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ) ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﻳﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻳﺪﯗ) .» [ نىئىمەتلەر : 46 ] .
سىلەر چۈشەنمەمسىلەر ؟
ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ!ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﻮﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻙ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﻼﻫ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺩﯦﮕﯩﻦ (71). ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺳﻮﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻙ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﻼﻫ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ؟ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﻣﻪﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺩﯦﮕﯩﻦ .»
[ ھىكايىلەر : 71-72 ] .
ئويلانمامسىلەر ؟
ﺳﯩﻠﻪﺭ (ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﭼﭽﯩﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ (58). ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ (ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ) ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰ (ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ) ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻣﺪﯗﻕ .
[ ۋاقىئە : 58-59 ] .
كۆرمەمسىلەر ؟
ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ (63). ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﺩﯛﯕﻼﺭﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﯛﭖ (ﺩﺍﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ) ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺩﯗﻗﻤﯘ؟. [ ۋاقىئە : 63-64 ] .
قارىمامسىلەر ؟
ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯘﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ (68). ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﻟﯘﺗﺘﯩﻦ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﯛﯕﻼﺭﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﯗﻗﻤﯘ؟ (69). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻕ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺯﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯘﻕ (ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ) ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ؟ (70). ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺗﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭﭼﯘ (71). ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺨﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﺭﺧﯘ، ﺋﯘﺑﺎﺭ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯧﺨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯜﺭﻛﯩﺴﻪ ﻫﯚﻝ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﻰ) ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺩﯛﯕﻼﺭﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺩﯗﻗﻤﯘ؟ (72). ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺒﺮﻩﺕ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ (73). ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻨﻰ (ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ) ﭘﺎﻙ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ . [ ۋاقىئە : 68-74 ] .
چۈشەنمەمسىلەر ؟ كىم كېچە بىلەن كۈندۈزنى ، قۇياش، ئاي ، پىلانىتلار ۋە يۇلتۇزلارنى بويسۇندۇردى، ئۇ - بىر ئاللاھتۇر ، خۇددى ئۇ ئىيىتقاندەك :
ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ، ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻧﻰ، ﻛﯜﻧﻨﻰ، ﺋﺎﻳﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻣﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯗﺭ؛ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ . [ ھەسەل ھەرىسى : 12] .
ئاللاھ -ياراتقۇچى بولسا، ئۇ رىزىق بەرگۈچى بولسا ، ئۇ ھەممە ئىشلارنى باشقۇرغۇچى بولسا ، ھەمدە ئۇ بارلىق نەرسىلەرنى بىلگۈچى بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ بىردىنبىر ئىبادەت قىلىنىشقا تىگىشلىك زاتتۇر، چۈنكى ئۇ ھەمىشە ھايات، ھەممىدىن بىھاجەت، ياراتقۇچى ، رىزىق بەرگۈچى ، ھەممىنى بىلگۈچى ، ھەممىدىن كۈچلۈكتۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى بولسا ئاجىز ، ئىقتىدارسىز بولۇپ ، يارىتالمايدۇ ،رىزىق بىرەلمەيدۇ، پايدا ئەكىلىش ياكى زىيان سىلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ :
ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﺷﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ (19). ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﺗﻠﯩﺮﻯ) ﻫﯧﭻ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯗﺭ) (20). ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﺗﻼﺭ) ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯚﻟﯜﻛﺘﯜﺭ، ﺋﯘﻻﺭ (ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ) ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯗ (21). ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ (ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻻﻳﯩﻖ) ﺋﯩﻼﻫﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﻯ (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ) ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻮﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، (ﻫﻪﻗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ) ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ. .
[ ھەسەلھەرىسى : 19-22 ].

شەيىخ مۇھەممەد بىن ئىبراھىم تۇۋەيجىرىي نىڭ ئسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرىدىن ئىلىندى .
 

مەنبە: پېشىۋا مۇھەممەد بىن ئىبراھىيم تۇۋەيجىرىينىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى كىتابىدىن .