جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

سالىھ كىشىلەرنىڭ قوللىرىنى سۆيۈش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئېگىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

سالىھ، تەقۋادار كىشىلەرنىڭ قوللىرىنى سۆيۈش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئېگىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سالىھ، تەقۋادار كىشىلەرنىڭ قولىنى سۆيۈش ئادەتكە ئايلىنىپ قالسا بۇنى  كۆپچىلىك ئۆلىمالار ياقتۇرمىغان، ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا سالىھ كىشىلەر ۋە ئادىل رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارنىڭ، شۇنىڭدەك  ئاتا-ئانىنىڭ ۋە باشقا مويىسپىت تۇغقانلارنىڭ قولىنى سۆيسە خاتا بولمايدۇ، لېكىن بۇنى ئادەت قېلىۋېلىش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ.

    بەزى ئۆلىمالار دائىم ئۇچراشقاندا قولىغا سۆيۈشنى ئادەت قىلىۋېلىشنى ھارام دەپ قارىغان، ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا قىلسا بۇ خاتا بولمايدۇ.

    ئەمما قولىغا پېشانىسىنى قويۇپ سەجدە قىلغاندەك قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇنى ئۆلىمالار كېچىك سەجدە دەپ ئاتايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ باشقىلارنى ئۇلۇغلاپ قولىغا پېشانىسىنى قويۇشى توغرا بولمايدۇ. لېكىن ئادەت قىلىۋالماي بەزى ۋاقىتلاردا ئاغزى بىلەن سۆيسە بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بەزى ئەسەرلەردە، ساھابىلەرنىڭ بەزىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قولى ۋە پۇتىغا سۆيەتتى، ئەگەر بۇنداق قىلىش بەزى ۋاقىتتا بولسا ھېچ مەسىلە يوق، ئەمما ئۇنى دائىملىق ئادىتى قىلىۋېلىش ياقتۇرۇلمايدۇ ياكى چەكلىنىدۇ.

    ئېگىلىش توغرا بولمايدۇ، بولۇپمۇ رۇكۇ قىلغاندەك ئېگىلىش قەتئىي توغرا ئەمەس، چۈنكى رۇكۇ قىلىش ئىبادەت بولۇپ بۇ شەكىلدە باشقىلارغا ئېگىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەمما باشقىلارنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن ئېگىلمەستىن بەلكى سالام قىلغۇچى پاكار كىشى بولسا، ياكى ئولتۇرغان بولسا ياكى كېسەل بولسا، سالام قىلىنغۇچى ئېگىز بولسا ئۇنىڭ بىلەن كۈرىشىش ئۈچۈن بىر ئاز ئېگىلسە خاتا بولمايدۇ. ئەمما ئۇلۇغلاش، تەزىم قىلىش ئۈچۈن ئېگىلىش توغرا بولمايدۇ ھەتتا قارشى تەرەپنى بەك ئۇلۇغلىغانلىقتىن شېرىككە بېرىپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.

    بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىر كىشى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇ كىشىگە ئېگىلسەم بولامدۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ياق، بولمايدۇ دېدى، ئۇ كىشى: قوچاقلاپ قولىغا سۆيسەم بولامدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :ياق بولمايدۇ دېدى، ئۇ كىشى: قول ئېلىشىپ كۆرۈشسەم بولامدۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەئە بولىدۇ دېدى. گەرچە بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىنى كۇچلاندۇرىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بار، شۇنىڭدەك كىشىلەرگە ئېگىلىش ۋە رۇكۇ قىلغاندەك تەزىم قىلىش توغرا بولمايدۇ.

   سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: پادىشاھ بولسۇن ياكى باشقا چوڭ ئەمەلدار، مۆتىۋەرلەر بولسۇن ھېچ بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېگىلىپ تەزىم قىلىش توغرا بولمايدۇ، لېكىن تەزىم قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى، ئۇنىڭغا سالام قىلغان كىشى پاكار بولسا، پالەچ بولسا ياكى ئولتۇرغان بولسا ئۇ كىشىلەرگە سالام بېرىش ئۈچۈن ئېگىلسە خاتالاشقان بولمايدۇ". پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ: "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"1-توم 491-492-بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى