جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ۋەخپە قېلىنغان مالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ۋەخپە قىلىنغان ماللارنىڭ ئارىسىدا قۇربانلىق ماللار بار، بۇ ۋەخپىگە ۋەكىل بولغان كىشى، بۇ ماللارنى مەلۇم بىر شىركەتكە سەرمايە قىلىپ، ئۇنىڭدىن كەلگەن پايدىنى قۇربانلىق قىلىماقچى، بۇنداق قىلىش توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ ماللارنى جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلمايدىغان ئىشەنچىلىك شىركەتكە سەرمايە قىلسا ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان كىرىمدىن قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 20-توم 21-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى