جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشتىن بولغان مەقسەت تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەمەل قىلىشتۇر

سۇئال

ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن، بىر كىشى قۇرئان كەرىمنى چىرايلىق ئوقۇيدۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن قۇرئاننى كۆپ تىلاۋەت قىلىش ياخشىمۇ ياكى مەشھۇر قارىلارنىڭ لېنتىغا ئىلىنغان تىلاۋەتلىرىنى تىڭشاش ياخشىمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

 بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئۇ كىشى دىلىغا قايسى بەك تەسىر قىلسا شۇنى قىلىشى كېرەك، ئۆزىنىڭ ئوقۇغىنى بەك تەسىر قىلسا ئۆزى تىلاۋەت قىلسۇن، باشقىلارنىڭ تىلاۋىتىنى ئاڭلاش بەك تەسىر قىلسا ئاڭلىسۇن، چۈنكى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە تىڭشاشتىن بولغان مەقسەت، تەپەككۇر قىلىش، مەنىلىرىنى چۈشىنىش، قۇرئاننىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ ‏ تەرجىمىسى:«بۇ ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر ». [سۈرە ساد 29-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   ‏إِنَّ هَذَا الْقُرْآنَ يَهْدِي لِلَّتِي هِيَ أَقْوَمُ ‏ تەرجىمىسى: بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ».[سۈرە ئىسرا  9-ئايەي].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ  ‏قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ آمَنُوا هُدًى وَشِفَاءٌ ‏ تەرجىمىسى: ئۇ قۇرئان ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە دىللاردىكى شەك ـ شۈبھىگە شىپادۇر». [سۈرە پۇسسىلەت 44-ئايەت].

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى24/363  .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى