چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۆتۈك ياكى پايپاقنى كامىل تەرەت ئىلىپ كىيمىگەن بولسا ئۇنىڭغا مەسھى قىلىش توغرا بولمايدۇ

سۇئال

بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ پايپاقنى كىيگەن بولسا، ئاندىن تەرىتى سۇنۇپ پايپاقنى بىر نەچچە مىنۇت سىلىپ پۇتىغا سىقماق دورا چېپىپ ئاندىن پايپاقنى يېڭىدىن كىيگەن بولسا، ئۇ كىشى تاھارەت ئالغاندا ئىككى پۇتىنى قايتىدىن يۇيۇش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تاھارەت ئالغاندا پايپاققا مەسھى قىلىش ئۈچۈن پايپاقنى تولۇق تاھارەت ئالغاندىن كېيىن كىيگەن بولىشى شەرت بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

    مۇغىرە ئىبنى شۆبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر سەپەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغاندا مەن ئۇنىڭ ئايىغىنى سالدۈراي دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سالدۇرمىغىن، مەن تولۇق تەرەت ئىلىپ كىيگەن دېدى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلدى. [بۇخارى رىۋايىتى 206-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى274-ھەدىس].

    ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە 151-نومۇرلۇق ھەدىستە: ئۆتۈكنى سالدۇرمىغىن، مەن ئۇنى تولۇق تاھارەت ئىلىپ كىيگەن، دېدى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلدى دېيىلگەن.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: "بۇ ھەدىس ئۆتۈككە مەسھى قىلىشتا ئۇنى تولۇق تاھارەت ئىلىپ كىيىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ دېدى".

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەر 1-توم 174-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆتۈككە مەسھى قىلىشتا ئۇنى تولۇق تاھارەت بىلەن كىيگەن بولىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق".

    ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆتۈككە مەسھى قىلىشتا ئۇنى تولۇق تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كېيىن كىيگەن بولىشى شەرت بولىدۇ، ئەمما تولۇق تاھارەت ئالماي ئۆتۈكنى كىيگەن بولسا، ئۇنىڭغا مەسھى قىلىش توغرا بولمايدۇ". ["ئەلمۇئەتتا"1-توم 37-بەت].

    "مۇئەتتانىڭ شەرھىسى ئەل مۇنتەقا"1-توم 78-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: شۇنىڭدەك ئۆتۈكنى تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كېيىن كىيگەن بولسا، ئاندىن تەرىتى سۇنۇپ ئۆتۈكنى سالغان بولسا، ئاندىن ئۆتۈكنى كىيگەن بولسا، ئۆتۈكنى تولۇق تاھارەت ئىلىپ كىيگەن دېگەن ھۆكۈم يوق بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆتۈكنى تاھارەت ئالماي كىيگەن بولىدۇ. ئۆتۈككە مەسھى قىلىشتا ئۇنى تولۇق تاھارەت ئىلىپ كىيگەن بولىشى شەرت قىلىنىدۇ".

    شۇنىڭغا ئاساسەن: پايپاقنى سىلىۋېتىپ ئاندىن تاھارەتسىز قايتىدىن كىيگەن بولسا، ئۇنىڭغا مەسھى قىلىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى تاھارەت ئىلىپ ئىككى پۇتىنى يۇيۇپ كىيىشى كىرەك بولىدۇ، گەرچە پايپاقنى بىر قانچە سىكۇنت سېلىۋەتكەن بولسىمۇ ھۆكۈم ئۆزگەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەم پايپاقنى تاھارەتسىز كىيگەن بولىدۇ، ئۇنىڭغا مەسھى قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 9640- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار