جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

قەسەمنىڭ كاپارىتى ئۈچۈن تۇتىدىغان روزىنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۈزۈلدۈرمەي تۇتۇشنىڭ شەرت قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

قەسەمنىڭ كاپارىتىگە تۇتىدىغان ئۈچ كۈنلۈك روزىنى ئۈزۈلدۈرمەي تۇتۇش كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    قەسەمنىڭ كاپارىتىگە تۇتىدىغان ئۈچ كۈنلۈك روزىنى ئۈزۈلدۈرمەي تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ، ئايرىم-ئايرىم ئۈچ كۈن تۇتسىمۇ بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‏لا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَكِنْ يُؤَاخِذُكُمْ بِمَا عَقَّدْتُمُ الأَيْمَانَ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلاثَةِ أَيَّامٍ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن قىلغان  قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ. (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم.» [سۈرە مائىدە 89-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا ئايەتتە ئۈزۈلدۈرمەي تۇتۇش دەپ بايان قىلمىدى. ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇھەللا" ناملىق ئەسەر 6-توم 345-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "قەسەمنىڭ كاپارىتىگە ئايرىم-ئايرىم ئۈچ كۈن روزا تۇتسا ئاللاھ خالىسا كۇپايە قىلىدۇ، بۇ ئىمام مالىك، ئىمام شاپىئىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى، ئاللاھ تائالا روزا تۇتۇشتىن ئارقىمۇ-ئارقا تۇتۇشنى خاس قىلمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك روزىنى قانداق شەكىلدە تۇتسا بولىدۇ".

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 23-توم 22-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "قەسەمنىڭ كاپارىتىگە تۇتىدىغان روزىنى ئۈزۈلدۈرمەي تۇتسا ياخشى بولىدۇ، لېكىن ئايرىم ئايرىم شەكىلدە تۇتسىمۇ بولىدۇ". ["ئەلئىنساپ" 11-توم 42-بەت، "ئەلمۇغنى" 10-توم 15-بەت ۋە "ئەلمۇدەۋۋەنە" 1-توم 280-بەتكە قارالسۇن].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى