پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رامزاندا مۇزىكا ئاڭلاش توغرىسىدا

12647

تارقاتقان ۋاقىت : 03-07-2014

كۆرگۈچىلەر : 4998

سۇئال

رامزاندا كۈنلىرىدە مۇزىكا ئاڭلاش چەكلىنەمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

مۇزىكا ئاڭلاش رامزاندا بولسۇن ياكى رامزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن ئوخشاشلا ھارامدۇر. ئەمما رامزاندا بولسا گۇناھى كۆپ ۋە ھاراملىقى كۈچلۈك بولىدۇ. چۈنكى روزا تۇتۇشتىكى مەقسەت پەقەت يېمەك-ئىچمەكتىن چەكلىنىشلا بولماستىن بەلكى روزا تۇتۇش ئارقىلىق بەدەن ئارقىلىق ئىشلەيدىغان ۋە ئاڭلايدىغان، ئاللاھقا ئاسىيلىق بولىدىغان بارلىق ئىشلاردىن چەكلىنىش نەتىجىسىدە ئاللاھ تائالاغا بولغان ھەقىقى تەقۋادارلىقنى روياپقا چىقىرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى پەرز قىلىندى. [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: يېمەك-ئىچمەكنى تەرك قىلىش بىلەنلا روزا تۇتقان بولمايدۇ، ھەقىقى روزا تۇتۇش بولسا، بارلىق ناچار-بىھۇدە ئىشلاردىنمۇ ساقلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. [ھاكىم رىۋايىتى ۋە بۇ ھەدىسنى مۇسلىم شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس دېگەن].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا دەلىللەشكە يىتەرلىكتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر بۆلەك كىشىلەر دۇنياغا كېلىدۇ، ئۇلار زىنانى، ئەرلەر يىپەك كېيىم كىيىشنى، ھاراق-شاراپ ئېچىشنى ۋە ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشنى توغرا دەپ قارايدۇ [ئىمام بۇخارى، تەبرانى ۋە بەيھەقىي رىۋايىتى].

بۇ ھەدىس ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئىككى تەرەپتىن ئىسپاتلايدۇ:

بىرىنچى: ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلار ناخشا-مۇزىكىنى ھالال ياكى توغرا دەپ قارايدۇ، دېگەن سۆزىدىن ھەدىستە بايان قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ كەسكىن ھارام ئىكەنلىكى ئوچۇق بايان قىلىنىدۇ. شۇنداقلا مەزكۇر كىشىلەر بۇ نەرسىلەرنى ھالال-توغرا دەپ قارايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى: ھەدىستە ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى زىنا، ھاراقنىڭ ھاراملىقى بىلەن بىرگە كەلتۈرۈشى ئۇنىڭ كەسكىن ھارام ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. [شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 91- ھەدىسكە قارالسۇن].

مۆمىن-مۇسۇلمانلار بۇ مۇبارەك ئاينى ئىنتايىن قەدىرلىشى ۋە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىپ رامزاندىن ئىلگىرى ئادەتلەنگەن گۇناھ-ھارام ئىشلاردىن تەل-تۆكۈس قول ئۈزۈشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ ۋە ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى