جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىسلامى پوركىس شېركىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

   ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى بايان قىلىپ ئۆتكەندەك، ئادەتتىكى پوركىس سىستېمىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ جازانە ۋە باشقا شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلىرى بىلەن ھارام بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن، مېنىڭ سوئالىم: بەزى شەرىئەتكە زىت ئىشلار بولسىمۇ ئوچۇق جازانە بولمىغان ئىسلامى پوركىس سىستېمىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا، مەن بۇنىڭدا پەقەت بىر سودىنىلا قىلىپ پايدا ئالىمەن، ئۇ بولسىمۇ، ئالتۇننى باھاسى چۈشكەندە ئىلىپ، باھاسى ئۆرلىگەندە ساتىمەن، ئارىدىكى پەرقنى قازىنىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا نەرسە بىلەن مۇئامىلە قىلمايمەن، ئۇنىڭدىن زور پايدا ئالىمەن، پوركىسنىڭ مېنى مەن ئامانەت قويغان پۇل بىلەنلا تىجارەت قىلغىلى قويمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ زىيانغا قويۇلغان سۇغۇرتا ئىكەنلىكى، ئەگەر زىيان بولسا، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدىم، ئۇنىڭدا تىجارەت مالىيەنى كۆتۈرۈش يولى بىلەن بولىدىكەن يەنى قويغان مالغا يۈز ھەسسىگىچە ئاشۇرۇپ ئالغىلى بولىدىكەن،  مەن مىڭ دوللار ئامانەت قويغان بولسام  ئۇنىڭ بىلەن يۈز مىڭ دوللارلىق سودا قىلالايدىكەنمەن، ئۇلار بۇنىڭغا پايدا ئالمايدىكەن، لېكىن تەلەپ بىلەن سېتىش ئارىسىدىكى پەرقتىن پايدىلىنىدىكەن، يەنى ماڭا كۆز ئالدىمدا قەرىز بەرمەيدىكەن، مەن قەرىز ئالمىغان بولىدىكەنمەن، گەرچە ئۇلار جازانە ئالمىسىمۇ مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۇل بىلەن تىجارەت قىلىدىكەنمەن، ئاندىن ئۇلارمۇ پايدا ئالىدىكەن، مەن بۇ شەكىلدە پايدا ئالغان ماللارنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر گۇناھ بولۇپ قالسا ئۇ كىمگە بولىدۇ؟ ئەگەر پايدا ئالغان مالدىن مەلۇم مىقدارنى ئايرىۋەتسەم قالغىنى ماڭا ھالال بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    پەرقلىق پايدا ياكى پوركىس سىستېمىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھاراملىقى ۋە چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى قارار چىقاردى. 106094- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا قارارنىڭ تېكىستى بار شۇنىڭغا قارالسۇن. قاراردا ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرى  ۋە  ئىسلامى پوركىس دەپ ئاتالغان سېستىمنىڭ پەقەت بىر چەكلىمىدىن ساقلانغانلىقىنى  بايان قىلغان.  ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى  بايان قىلغان ھاراملىقنىڭ سەۋەبلىرى:

   1-ئۇ سېستىم ئوچۇق جازانىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان، قەرىز پۇلنى ئاشۇرۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ قوندۇرۇش ھەققى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ  جازانىنىڭ تۈرىدىندۇر.

   پەرقلىق پايدا بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بەزى شىركەتلەرنىڭ بۇ ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىشى بۇ شىركەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇلاردا يەنە تۆۋەندىكى چەكلەنگەن ئىشلار بار:

   2- ئۇلار قەرز بېرىش بىلەن ئالماشتۇرۇشنىڭ ئارىسىنى جۇغلىدى، سىز سۆزلەپ ئۆتتىڭىز: ئۇلار سىزگە بىكارغا قەرىز بەرمەيدۇ، شۇلارنىڭ ئارىسىدىن سېتىۋالىسىز ۋە ساتىسىز ئۇلار ئارىدىكى پەرقنى پايدا ئالىدۇ.

ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ قارارىدا مۇنداق كەلگەن: "ئىككىنچى: ئوتتۇرىدا تۇرغۇچىنىڭ ئىش قىلغۇچىغا ئۇنىڭ تىجارىتىنىڭ ئۆزىنىڭ يولى بىلەن بولىدىغانلىقىنى شەرت قىلىشى بۇ قەرىز بىلەن ئالماشتۇرۇشنى(دەللاللىقنى) جۇغلاشقا ئىلىپ بارىدۇ، بۇ قەرىز بىلەن سودىنى جۇغلىغانلىقتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قەرىز بىلەن سودىنى جۇغلاش توغرا بولمايدۇ» دېگەن سۆزى بويىچە شەرىئەتتە چەكلەنگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد 3-توم 384-بەتتە، تىرمىزى 3-توم 526-بەتتە بايان قىلىپ، سەھىھ ھەسەن دېگەن.

   ئۇ كىشى مۇشۇ سودىدا قەرىزدىن پايدىلانغان بولدى، پىقھى ئالىملىرى مەنپەئەتكە ئىلىپ بارىدىغان ھەر قانداق قەرزنىڭ جازانە بولىدىغانلىقىغا ئىتتىپاققا كەلدى.

   3-پۇل سودىسى ۋە ئالتۇن-كۈمۈش سودىسى قاتارلىق نەخمۇ-نەخ تاپشۇرۇپ ئىلىش شەرت ئېتىلىدىغان سودىلاردا نەخ تاپشۇرۇپ ئىلىش ھاسىل بولمايدۇ.

ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ قارارىدا: پۇل ئىلىپ-سېتىش سودىسىدا كۆپ ۋاقىتتا شەرىئەتتە تەسەررۇپ قىلىش دۇرۇس بولىدىغان شەكىلدىكى نەخ تاپشۇرۇپ ئىلىش ئەمەلىلەشمەيدۇ.

   4- ئىقتىسادقا زىيان يەتكۈزۈش بولىدۇ، ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ قارارىدا: تۆتىنچى: بۇ شەكىلدىكى سودا بۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان كىشىلەرگە يېتىدىغان ئىقتىسادى زىياننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بولۇپمۇ مەبلەغ سالغۇچىغا، ئومۇمى شەكىلدە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، چۈنكى بۇ قەرزنى كېڭەيتىش، تەخمىنگە ئىش قىلىش ئاساسىغا تۇرىدۇ، يەنە كۆپ ۋاقىتلاردا شەرىئەت چەكلىگەن يوللار ئارقىلىق باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇش يولى بىلەن تىز باي بولۇشنى نىشان قىلىپ، ئالدامچىلىق، ئازدۇرۇش، بېسىمدارلىق قىلىش، ئالمىسىمۇ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويۇش، تىزدىن ئالماشتۇرۇۋېتىش قاتارلىق  ئالدامچىلىق، ساختىكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ باشقىلارنىڭ ھەققىنى ھەقسىز يەۋېلىشنىڭ قاتارىدىندۇر. بۇ يەنە ئىقتىسادنى جەمئىيەتتە خەلقكە مەنپەت بېرىدىغان ھەقىقى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ھېچ قانداق پايدىسى بولمايدىغان تەمىن بىلەن بولىدىغان سودىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر، بۇ جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان ئىلىپ كېلىدىغان زوراۋانلىققا ۋە ئىقتىسادى يىمىرىلىشكە ئېلىپ بارىدۇ". 

   ئىسلامى پوركىس دەپ ئاتالغان سېستىم پەقەت بىر چەكلىمىدىن ساقلانغان، ئۇ بولسىمۇ كېچىلىك ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، لىكىن ئۇ سېستىم قەرىز بىلەن ئالماشتۇرۇشنىڭ ئارىسىنى جۇغلاشتىن، تاپشۇرۇپ ئېلىشنى كېچىكتۈرۈشتىن ۋە ئىقتىسادقا كېلىدىغان زىياندىن ساقلانمىدى.

بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز! ئاللاھدىن قورقۇڭ، كەسىپ جەريانىدا ھارامغا ئىلىپ بارىدىغان مەزكۇر ۋاستىنى تاشلاڭ. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇكاپاتقا پەقەت ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ، ھارامنىڭ ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ، بەرىكەتنى ئۆچۈرىدۇ، ئاللاھ تائالادىن بىزگە ۋە سىزگە سالامەتلىك تىلەيمىز.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى