جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاشقازاننى ئاپپارات ئارقىلىق تەكشۈرۈش روزىنى بۇزامدۇ؟

124205

تارقاتقان ۋاقىت : 06-05-2020

كۆرگۈچىلەر : 3632

سۇئال

ئاشقازاننى ئاپپارات ئارقىلىق تەكشۈرۈش روزىنى بۇزامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئاشقازاننى ئاپپارات ئارقىلىق تەكشۈرۈش بولسا، ئېغىز ئارقىلىق ئاشقازانغا كىرگۈزۈلىدىغان تىببى ئۈسكۈنىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاشقازاننى سۈرەتكە ئالىدۇ ياكى ئاشقازاندىن مەلۇم بىر نەرسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋەياكى باشقا تىببى سەۋەبلەر ئۈچۈن مەزكۇر ئاپپارات ئارقىلىق ئالىدۇ. تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ ئۈسكىنىنى يەنە كاناي يولى ئارقىلىق چىقىرىۋالىدۇ.

ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا، ئاشقازانغا بىر نەرسە كىرسە يەنى يېمەكلىك ياكى باشقا نەرسىلەر بولسۇن ئوخشاشلا روزا بۇزۇلامدۇ؟ ياكى پەقەت يېمەكلىك تۈرىدىكى نەرسىلەر كىرسە بۇزۇلامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىدۇ.

مالىكى، شافىئى ۋە ھەنبەلى مەزھىپىدىن ئىبارەت بولغان ئۈچ مەزھەپ پېشۋالىرى ئاشقازانغا ھەرقانداق نەرسە كىرسە روزا بۇزۇلىدۇ، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ كۆزقارىشىغا ئاساسلانغاندا ئاشقازانغا تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى كىرگۈزۈش بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ.

ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرى يۇقىرىدىكى ئۈچ مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ ئاشقازانغا ھەرقانداق نەرسە كىرسە روزا بۇزۇلىدۇ دېگەن قارىشىغا مۇۋاپىق كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاشقازانغا كىرگەن نەرسە ئاشقازاندا قالسا روزا بۇزۇلىدۇ ئەمما ئاشقازاندا قالمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ دەپ كىرگەن نەرسىنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇپ قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ.

ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بۇ قارىشى بويىچە، رامزاندا ئاشقازانغا تەكشۈرۈش ئۈسكىنى كىرگۈزۈش روزىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى مەزكۇر ئاپپارات ئاشقازاندا قالمايدۇ، بەلكى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چىقىرىۋىلىنىدۇ. [تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن: زەيلەئىينىڭ "تەبيىنۇل ھەقائىق" ناملىق ئەسىرى1-توم326-بەت، "ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 6-توم317-بەت، "شەرھۇل كەبىر" 7-توم410-بەت،"شەرھى مۇنتەھا ئەلئىرادات" ناملىق ئەسەر 1-توم448-بەت، "بىدايەتۇل مۇجتەھىد" 2-توم153-بەتلەردىكى مەلۇماتلارغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ: "بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدىغان نەرسە ئاشقازانغا كىرگۈزۈلسە روزا بۇزۇلىدۇ ئەمما يىمەكلىك دائىرسىدىكى نەرسە بولمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ دېگەن قاراشنى كۈچلەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى يېمەكلىك دائىرىسىگە كىرمەيدىغان نەرسىنى مەسىلەن تاش- مەرۋايىت قاتارلىق نەرسىلەرنى يۇتۇپ سالسا ئۇلارنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ". تۈگىدى. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" ناملىق ئەسىرى 20-توم 528-بەت].

يۇقىرىقى قاراشقا ئاساسەن، ئاشقازانغا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى كىرگۈزۈش روزىنى بۇزمايدۇ، بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر. چۈنكى قۇرئان-ھەدىستىكى بۇ ھەقتە كەلگەن ئايەت-ھەدىسلەر روزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك بىلەن بۇزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ۖ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِتەرجىمىسى:تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، [سۈرە بەقەرە 187-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

تەكشۈرۈش ئاپپاراتى يېمەك-ئىچمەك دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى ئىنسان جىسمى بۇ نەرسىدىن ھېچ مەنپەئەت ھاسىل قىلمايدۇ، ئۇ پەقەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدۇ. لېكىن مەزكۇر تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى ئاشقازانغا كىرگۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ كىرىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈستىگە بەزى مايلىق ماددىلارنى سۈركىسە ياكى ئاپىراتنىڭ ئاشقازاننى سۈرەتكە ئېلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن توسالغۇلارنى يوق قېلىشقا پايدىلىق بولغان بەزى ماددىلارنى قويسا، بۇ ماددىلارنىڭ روزا تۇتقۇچىنىڭ ئاشقازىنىغا يىتىپ بېرىشى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئىنسان جىسمى بۇ ماددىلارنى سۈمۈرۈپ غىزالىنىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھۆكمى يېمەك-ئىچمەككە ئوخشاش بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى بويىچە ئاشقازانغا يەتكەن ھەرقانداق نەرسە روزىنى بۇزىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن روزا تۇتقۇچىنىڭ ئاشقازىنىغا دۇربۇن كىرگۈزۈلسە، دۇربۇن ئاشقازانغا يەتكەندە ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ".(بۇ ھەنبەلى مەزھەپ قارىشى). ["شەرھۇل مۇمتىئ ناملىق ئەسىرى" 6-توم 370-371-بەتلەر].

توغرا قاراشتا تەكشۈرۈش ئاپىراتىنى ئاشقازانغا كىرگۈزۈشتە ئۇنىڭغا مايلىق ياكى باشقا ماددىلار سۈركەلمىگەن بولسا روزا بۇزۇلمايدۇ، ئەمما شۇنىڭغا ئوخشاش ماددىلار سۈركەلگەن بولسا ئاپپارات ئۈسكىنى ئاشقازانغا يىتىش بىلەنلا روزا بۇزۇلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جىددى ئەھۋال بولمىسا رامىزان روزىسى تۇتىۋاتقاندا كۈندۈزدە ئاشقازان تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم.

"ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ قارارىدا" مۇنداق بايان قىلىنغان: تۆۋەندىكى ئىشلار بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ... ئاشقازانغا كىرگۈزۈلىدىغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ئەگەر سۇيۇقلۇق ماددىلار يىپىشتۇرۇلمىغان بولسا بۇنىڭ ئاشقازانغا كىرگۈزۈلىشى بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ" تۈگىدى. ["ئاكادېمىيە ژۇرنىلى"(102453-455-بەت)].

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ئاشقازانغا كىرگۈزۈلىدىغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغاباشقا ماددىلار يىپىشتۇرۇلمىغان ھالەتتە ئاشقازانغا كىرگۈزۈلسە روزا بۇزۇلمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا باشقا ماددىلار يېپىشتۇرۇلغان ھالەتتە بولسا ئۈسكۈنە ئاشقازانغا يېتىشى بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن د. ئەھمەد خەلىلنىڭ "ھازىرقى زامان روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلىرى" ناملىق ئەسىرىنىڭ 39-46-بەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى