شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

جىنازا نامىزى ئوقۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا

سۇئال

   جىنازا نامىزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغانغا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئوقۇشنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟. چۈنكى كۆپچىلىك كىشىلەر بۇنى بىلمەيدىكەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    جىنازا نامىزى ئوقۇش ئۇسۇلىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ بەرگەن، ساھابىلاردىنمۇ بايان قىلىنغان بولۇپ، جىنازا نامىزىغا بىرىنچى قېتىم تەكبىر ئېيتىلىپ ئەئۇزۇ ۋە بىسمىللانى ئوقۇپ ئاندىن پاتىھە سۈرىسىنى ۋە بەزى سۈرە ياكى ئايەتلەرنى ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئىككىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ خۇددى نامازنىڭ ئاخىرىدا  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندەك دۇرۇت-سالام يوللايدۇ، ئاندىن ئۈچىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ مېيىت ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ، بۇ دۇئانى ئوقۇش ياخشى بولىدۇ: «ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ھاياتلىرىمىزنى، ۋاپات بولغانلىرىمىزنى، ھازىر بولغان ۋە ھازىر بولمىغانلىرىمىزنى، ئەر-ئاياللىرىمىزنى مەغپىرەت قىلسىلا. ئى ئاللاھ! بىزدىن كىمنى تېرگۈزسىلە مۇسۇلمان ھالەتتە تېرگۈزسىلە، كىمنى ۋاپات تاپتۇرسىلا ئۇنى ئىمان بىلەن ۋاپات تاپتۇرسىلا. ئى ئاللاھ! مۇشۇ ۋاپات بولغان كىشىنى مەغپىرەت قىلسىلا، رەھىم قىلسىلا، سالامەت قىلسىلا، ئەپۇ قىلسىلا، ئۇنىڭ چۈشىدىغان ئورنىنى ئېسىل قىلسىلا، كېرىدىغان ئورنىنى كەڭرى قىلسىلا، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىنى خۇددى ئاق كېيىمنى كىردىن پاك قىلغاندەك، سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن پاك قىلسىلا. ئى ئاللاھ! ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىغا ياخشى بولغان تۇرالغۇنى، ئەھلىگە ياخشى بولغان ئەھلىنى ئالماشتۇرۇپ بەرسىلە. ئى ئاللاھ! ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزسىلە، قەبرە ئازابىدىن ۋە دوزاخ ئازابىدىن يىراق قىلسىلا، قەبىرسىنى كەڭرىي ۋە نۇرلۇق قىلسىلا. ئى ئاللاھ! بىزنى ئۇنىڭ ئەجىردىن مەھرۇم قىلمىسىلا، ئۇنىڭدىن كېيىن بىزنى ئازدۇرىۋەتمىسىلە» مۇشۇنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلغان دۇئالاردۇر. ئەگەر بۇنىڭدىن باشقا دۇئالارنى قىلسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: «ئى ئاللاھ! ئەگەر ئۇ كىشى ياخشى بولسا، ياخشىلىقنى زىيادە قىلسىلا، ئەگەر ياخشى بولمىسا، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتسىلە. ئى ئاللاھ! ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلسىلا، تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن مۇستەھكەم قىلسىلا»، ئاندىن تۆتىنچى تەكبىر ئېيتىپ بىر ئاز تۇرۇپ (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ) دەپ ئوڭ تەرەپكە سالام بېرىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "پەتىۋالار ۋە تۈرلۈك ماقالىلار مەجمۇئەسى" 13-توم 141-بەت