پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

زۆرۈرىيەت سەۋەبلىك قىز-خانىملارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرىسىدا

سۇئال

ئايالىمنىڭ دوستىنىڭ تۇنىستىن فرانسىيىگە سەپەر قىلىشى زۆرۈر بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ ئايال توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن فرانسىيدە ياشايتتى، ئەگەر ئۇنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا بولمىسا سەپەرنىڭ ھەممىسىدە مەھرىمى ھەمراھ بولىشى كېرەكمۇ؟، ئايالنى يولدىشى ئايدۇرۇمدىن يولغا سىلىپ قويسا، دادىسى يەنە بىر شەھەردە ئايدۇرۇمدا كۈتۈۋالسا بۇ مەھرەملىككە كۇپايە قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن، مەھرەمسىز ئاياللارنىڭ يېنىغا يات ئەرلەر كىرمىسۇن دېگەندە، ساھابىلاردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: يا رەسۇلۇللاھ! مەن ئەسكەرلەر بىلەن پالانى-پالانى ئۇرۇشقا چېقىشقا تىزىملاتقان ئىدىم، ئايالىم ھەجگە چىقماقچى ئىدى دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سەن ئايالىڭ بىلەن بىرگە ھەجگە بارغىن دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1862- ھەدىس].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كېچە-كۈندۈزلۈك سەپەر قىلىشى ھالال بولمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 1339-ھەدىس].

ئاياللارنىڭ (سەپەرنىڭ قايسى تۈرى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر) مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا كۆپلىگەن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.

شەرئىي پرىنسىپنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئىلگىرى بىر نەچچە پەتىۋالاردا ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالەتتە مەيلى ئۇ ھەج-ئۆمرە ۋە ئاتا-ئانىنىڭ زىيارىتىدەك ئىبادەت بولسۇن ياكى ئۇ مۇباھ قىلىنغان سەپەرلەر بولسۇن، ئاياللارنىڭ يالغۇز سەپەر قىلىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان ئىدۇق.

ئەمما زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا شۇنداق قىلسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى زۆرۈرىيەت چەكلەنگەن ئىشلارنى دۇرۇس قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن ئايالىڭىزنىڭ دوستى فرانسىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئېرىشسە ئۇنىڭغا كېلىدىغان زىيان ئاز بولىدىغان بولسا، مەھرىمىنىڭ بىرگە سەپەر قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئۇ ئايال ۋەتەنداشلىق ئېلىشى ئۈچۈن يالغۇز سەپەر قىلسا گۇناھ بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھدىن: ئايال كىشىنىڭ ئۈزۈرلۈك ھالەتتە يالغۇز سەپەر قىلىشى توغرىمۇ؟ ئۇ ئايالنى بىر مەھرىمى ئايدۇرۇمغا ئىلىپ چېقىپ يولغا سىلىپ قويىدۇ، يەنە بىر مەھرىمى كىلىدىغان شەھەردە ئايدۇرۇمغا چېقىپ ئۇ ئايالنى كۈتۈۋالىدۇ؟ بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئايالنىڭ يولدىشى ياكى دادىسىنىڭ بىرگە مەھرەم بولۇپ چېقىشى مۇمكىن بولمىغاندا، ئايال يالغۇز سەپەر قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندا، بىر مەھرىمى ئايدۇرۇمغا ئىلىپ چىقىپ يولغا سىلىپ ئايرۇپىلانغا چىقىپ بولغاندا قايتىپ كەتسە، يەنە بىر مەھرىمى كۈتۈۋالىدىغان شەھەردە ئايدۇرۇمغا چېقىپ كۈتۈۋالسا، كېلىدىغان ئايروپىلاننىڭ نومۇرى ۋە ۋاقتىنى ئىنىق بىلسە ئۇ ۋاقىتتا ئايالنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا بولىدۇ، چۈنكى زۆرۈر ئىشلارنىڭ ھۆكمى ئايرىم بولىدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن". ["ئىبنى جىبرىين پەتىۋالىرى" دىن ئېلىندى.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپراق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 14235-نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى