جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

شەرىئەتتە كۆرسۈتۈلگەن بەزى دۇئا ۋە زىكىرلەر توغرىسىدا

سۇئال

شەرىئەتتە كۆرسۈتۈلگەن بەزى دۇئا ۋە زىكىرلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەسەر قالدۇرۇلغان زىكىر-دۇئالار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ جۈملىسىدىن ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوقۇيدىغان زىكىرلەر، ئەتتىگەن-كەچتە، ئوقۇيدىغان زىكىلەر بولۇپ، ئەتتىگەن-كەچتە نېمە ئوقۇش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: قۇل ھۇۋاللاھۇئەھەد، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇلئەئۇزۇ بىرەببىن ناسنى ئەتتىگەن-كەچتە ئۈچ قېتىم ئوقۇش سىزگە ھەممە نەرسىگە كۇپايە قىلىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى3499-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2829- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   سەييىدۇل ئىستىغپارنى ئوقۇش: ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، سەندىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭ، مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تېلى ئارقىلىق مەندىن ئالغان ئەھدەڭ ۋە ۋەدەڭنى كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن، ساڭا سېغىنىپ قىلمىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، سىنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېئمىتىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن ۋە گۇناھلىرىمنى ئىقرار قىلىمەن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا مەغپىرەت قىلغۇچى يوقتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 6306-ھەدىس].

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئەتتىگەن-كەچتە سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى دېگەن سۆزنى يۈز قېتىم دېسە، ئۇ كىشىگە ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق دېگەن كىشىدىن باشقا ھېچ كىشى قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشى ئىلىپ كەلگەن ئەمەلدىن ئەۋزەلرەك ئەمەل ئېلىپ كىلەلمەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2692-ھەدىس].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ھەر كۈنى ئەتتىگەن-كەچتە: نامىنى ئاتىغان كىشىگە ئاسمان-زېمىندە ھېچ نەرسە زيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر دېگەن دۇئانى ئۈچ قېتىم ئوقۇسا ئۇ كشىگە ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 3388-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2689-ھەدىستە ھەسەن سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەچ ۋاقتدا: بىز كەچ قىلدۇق، بارچە پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ بولغان ھالدا كەچ قىلدۇق، بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە پۈتۈن ھەمدۇ سانالەر ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، پەرۋەردىگارىم! بۇ كېچىنىڭ ۋە كېيىنكىسىنىڭ ياخشلىقىنى سورايمەن، ساڭا سېغىنىپ بۇ كېچىنىڭ ۋە كېيىنكىسنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ ھورۇنلۇقتىن، قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ دوزاختىكى ئازابتىن ۋە قەبىردىكى ئازابتىن پاناھ تىلەيمەن دەيتتى. ئەتتىگەن ۋاقتىدا: بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، بارچە پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ بولغان ھالدا تاڭ ئاتقۇزدۇق، ھەمدۇ سانالار ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، دەيتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى 490-ھەدىس].

   پەيغەمبەرئەلەيھسسالام ساھابىلارغا تەلىم بېرىپ: سلەرنىڭ بېرىڭلار تاڭ ئاتقۇزغاندا: ئى ئاللاھ! سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇزدۇق، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن كەچ قىلدۇق، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ياشايمىز ۋە سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ئۆلىمىز، توپلىنىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر دېسۇن، دەيتتى. [تىرمىزى رىۋايىتى 3391-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ 2700-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابلەرنىڭ بىرىگە مۇنداق دېيىشنى تەلىم بەرگەن: ئى يوشۇرۇن-ئاشكارا ھەممىنى بىلگۈچى، ئاسمان-زېمىن ۋە ھەر شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم ئىگىسى ئاللاھ! سەندىن باشقا ھەقىقى ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن، ساڭا سېغىنىپ نەپسمنىڭ يامانلىقىدىن، شەيتان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، دېگىن دەپ بۇ سۆزلەرنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە ياتىدىغان جايغا كەلگەندە دېيىشكە بۇيرىغان.» [تىرمىزى رىۋايىتى 3382-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 2701-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەتتگەندە ۋە كەچتە بۇ دۇئالارنى ئوقۇشنى تەرك قىلمايتتى: ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن دۇنيا-ئاخىرەتتە سالامەتلىك تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن مەغپىرەت ۋە دىنىمدا، دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە، پۇل-مېلىمدا ئاپىيەت، تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى يۆگىگىن، قورقۇنچىلىرىمنى خاتىرجەملىككە ئايلاندۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! مېنى ئالدىمدىن، كەينىمدىن، ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستى تەرىپىمدىن قوغدىغىن، سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭغا سېغىنىپ ئاستى تەرىپىمدىن سۇيقەستكە ئۇچرىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5074-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 4239-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ كۇپىردىن ۋە كەمبەغەلچىلىكتىن پاناھ تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! سىلىگە سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، سەندىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق دېگەن سۆزنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن تەكرارلايتتى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5090-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدسلىرىدە 4245-نومۇرلۇق ھەدىستە ئىسنادىنى ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھېسابىچە، ئەرىشنىڭ زىننەتلىرىچە، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى بېزەشكە يېتەرلىك سىيالارغىچە ۋە ئۆزى مەمنۇن بولغۇچە ھەمدۇ-سانالارغا لايىقتۇر دېگەن سۆزنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە دەيتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى4905-ھەدىس].

    ئارتۇقچە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 3064 نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا ۋە بەزى سەھىھ بولغان زىكىر كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن. ئاللاھ ھەممدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد