شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇسۇلمان كىشىنىڭ كاپىر ۋە پاسىق-پاجىر كىشى بىلەن شېرىك بولۇپ تىجارەت قىلىشى توغرىسىدا

سۇئال

   كاپىر، پاسىق كىشىلەر بىلەن شېرىك تىجارەت قىلىش توغرىمۇ؟، ئەگەر تىجارەتتە پاسىق بىر مۇسۇلمان بىلەن ياكى كاپىر بىلەن شېرىك بولسام، ئاندىن ئايرىلىپ كەتسەم، لېكىن ئاساسلىق سەرمايەم ئۇنىڭ يېنىدا قالسا، ماڭا كەلگۈسىدە مال بەرگەننىڭ ئورنىغا نەخ پۇل بەرسە، ئۇ كىشى تىجارەت قىلىۋاتقان مېلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىشىم كېرەك بولامدۇ؟. مەن ئۇ مالدىن ھېچ قانداق پايدىغا ئىگە بولالمايمەن ياكى زاكاتنى شېرىكىم بېرەمدۇ؟، شېرىكىمنىڭ زاكات بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن بەرسىمۇ زاكاتنى ئۆز ئورنىغا بەرمەيدۇ، ئەگەر ئۇ مالنىڭ زاكىتىنى بەرمىسە، ئۇنىڭ زاكىتىنى مەن بېرىمەنمۇ؟، بىز ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان قەرز پۇلۇمغا ئىجارىگە بېرىش ئۈچۈن  قۇرۇلۇش قىلماقچى بولدۇق، بۇ ھالەتتە زاكات قانداق بولىدۇ؟، يەنى مەن شېرىكىمدىن ئالىدىغان قەرزىمنى نەخ ئالالمايمەن، بەلكى قەرزنى ئادا قىلغاندا، ئۇ مال بىۋاستە قۇرۇلۇشنىڭ چېقىملىرىغا كېتىپ قالىدۇ، بۇ مەسىلىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مۇسۇلمان كىشىنىڭ تىجارەتتە ياكى خىزمەتتە كاپىر ياكى پاسىق ئادەم بىلەن شېرىك بولىشى دۇرۇس بولىدۇ. ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەيبەرنى يەھۇدىيغا ئۇ يەردە ئىشلەش ۋە زىرائەت تېرىش ئۈچۈن بەرگەندە، ئۇلارغا زېمىندىن چىققان نەرسىنىڭ يېرىمىنى بېرىشنى شەرت قىلغان» [بۇخارى رىۋايىتى 2366-ھەدىس. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن يەھۇدىينىڭ ئارىسىدىكى زېمىنغا ئىشلەش توغرىسىدىكى شېرىكچىلىك ئېدى، يەھۇدىي تېرىقچىلىق قىلاتتى، زېمىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېدى، زېمىندىن چىققان مەھسۇلاتلار تەڭ تەقسىم قىلىناتتى.

    ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا بۇ ھەدىسكە: "زىرائەت-تېرىقچىلىق ئىشلىرىدا زىممىي ۋە مۇشرىك بىلەن شېرىكلىشىشنىڭ بابى" دەپ باپ كەلتۈرگەن.

   ئىككىنچى: مۇسۇلماننىڭ كاپىر بىلەن شېرىك بولۇش نەتىجىسى مۇسۇلماننىڭ كاپىرنى دوست تۇتۇشى ۋە ياخشى كۈرىشىگە ئېلىپ بارسا، بۇ  ۋاقىتتا چەكلىنىدۇ. بۇ مەسىلىدە تەلەپ قىلىنىدىغان بىر ئىش، ئەگەر تىجارەتتە شېرىك بولغاندا تىجارەت ئىشىغا مۇسۇلمان ئۆزى ئىگە بولىشى ياكى كاپىر، پاسىقنىڭ جازانى بىلەن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ھارام ئىشلار بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى كۈزۈتۈپ تۇرۇشى زۆرۈر بولىدۇ.

   شەيخ سالىھ پەۋزان "مۇلەخخەس پىقھى" ناملىق ئەسىرى 2-توم 124-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلماننىڭ كاپىر بىلەن شېرىك بولىشىدا ئىشلارنى كاپىر يالغۇز بىتەرەپ قىلماسلىق شەرتى بىلەن دۇرۇس بولىدۇ، بەلكى كاپىرنىڭ جازانى ياكى باشقا ھارام ئىشلار بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمان ئىشنىڭ بېشىدا كۈزۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك".

   شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھدىن: مۇسۇلماننىڭ خرىستىئان بىلەن چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق ياكى باشقا تىجارەت تۈرلىرىدە شېرىك بولىشى توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق دېگەن: "مۇسۇلماننىڭ خرىستىئان ياكى باشقا كاپىرلار بىلەن چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق ياكى باشقا تىجارەت تۈرلىرىدە شېرىك بولىشى ئەسلىدە كاپىرنى دوست تۇتۇش بولاپ قالمىسا دۇرۇس بولىدۇ، چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق ياكى باشقا تىجارەت تۈرلىرىدە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا بىر قىسىم ئالىملار: چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق ياكى باشقا تىجارەت ئىشلىرىدا شېرىكلىشىشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن، ئىشقا مۇسۇلمان ئىگە بولىشى كېرەك، كاپىر ئىگە بولماسلىق لازىم چۈنكى كاپىرغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ، دەيدۇ.

   بۇنى تەپسىلى بايان قىلساق: ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بۇ شېرىكچىلىك كاپىرنى دوست تۇتۇشقا ياكى ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى قىلىشقا ياكى پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى تەرك قىلىشقا ئېلىپ بارىدىكەن، ياكى بۇ ھالەت بۇزۇقچىلىققا ئىلىپ بېرىشنى تەقەززا قىلىدىكەن بۇ ۋاقىتتا شېرىك بولۇش ھارام بولىدۇ. ئەمما يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ سادىر بولىشىغا ئېلىپ بارمايدىكەن، ئىشقا مۇسۇلمان بىۋاستە ئىگە بولۇپ، نازارەت قىلىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدىكەن بۇ ۋاقىتتا شېرىك بولسا دۇرۇس بولىدۇ.

   لېكىن ھەرقانداق ھالەتتە، بۇنداق كىشىلەر بىلەن شېرىك بولۇشتىن ساقلىنىپ، ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مال-مۈلكىنى مۇھاپىزەت قىلىپ  مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ياكى باشقا كىشىلەر بىلەن شېرىك بولىشى ياخشى بولىدۇ، ئۆزىنىڭ دىنى دۈشمىنى بولغان كىشى بىلەن شېرىك بولۇش، ئىنساننىڭ ئەخلاقى، دىنى ۋە مال-مۈلكىگە خەتەر ئىلىپ كېلىدۇ. مۆمىن كىشى ھەر قانداق ھالەتتە ئۆزىنىڭ دىنىنى، يۈز ئابرۇيىنى مال-مۈلكىنى مۇھاپىزەت قىلىشى، دىن دۈشمىنىنىڭ خىيانەت قىلىشىدىن ھەزەر قىلىپ بۇلار بىلەن شېرىك بولۇشتىن يىراق تۇرۇشى لازىم، لېكىن زەرۈرەت ياكى جىددى ھاجەت بولۇپ قالغاندا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا شېرىك بولسا بولىدۇ.

   يەنى: ئۆزىنىڭ دىنىنى، يۈز ئابرۇيىنى مال-مۈلكىگە زەرەر يەتمەسلىك، ئىشقا ئۆزى ئىگە بولۇش شەرتى بىلەن بولسا بولىدۇ، بۇ ئېھتىيات قىلغانلىقتۇر. كاپىر ئىشنىڭ بېشىغا ئىگە بولمايدۇ، شىركەتتە قىلىدىغان خىزمەتلەرنى قىلسا بولىدۇ، بۇ ئىشلارغا مۇسۇلماننى ئورۇن باسار قىلسىمۇ بولىدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەرب پەتىۋاسى" 1-توم 377-378-بەت].

  ئۈچىنچى: سىزنىڭ شېرىكچىلىكتىن چىقىپ كېتىپ، سەرمايىڭىزنىڭ شېرىكىڭىزدە قەرز بولۇپ تۇرۇشى، سىزنىڭ شىركەت بىلەن بولغان ئالاقىڭىزنى ئۈزىدۇ، شىركەتكە ئالاقىدار بولغان مالدا سىزگە زاكات كەلمەيدۇ، سىزگە پەقەت شېرىكىڭىزنىڭ ئۇستىدىكى قەرز پۇلغا زاكات بېرىش كېرەك بولىدۇ، گەرچە سىز ئۇنىڭغا قۇرۇلۇش قىلماقچى بولسىڭىزمۇ، شېرىكىڭىزدە ئالىدىغان قەرزىڭىز بولىدىكەن شۇ پۇلغا زاكات بېرىشىڭىز كېرەك، قەرز پۇلنىڭ زاكىتى توغرىسىدىكى مەسىلىنى 1117- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلدۇق.

   سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئەگەر شېرىكىڭىز قەرىزنى ئېتىراپ قىلىپ بېرىدىغان بولسا، ھەر قېتىم يىل ئۆرۈلگەندە شېرىكىڭىزنىڭ قولىدا قالغان قەرزنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىسىز، ئەمما شېرىكىڭىز كەمبەغەل ياكى قەرزنى ئۇزۇنغا سوزىۋېتىدىغان بولسا، ئېھتىياتەن سىز قەرزنىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ھەممىسىگە بىر قېتىم زاكات بىرىۋەتسىڭىز بولىدۇ. تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 119047- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى