شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ۋەخپە قىلىنغان مال بىلەن ئومۇمنىڭ مېلىغا زاكات كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

پايدىسى دۆلەت خەزىنىسىگە كېرىدىغان، دۆلەت تەرىپىدىن پىلانلانغان قۇرۇلۇشلارغا ئوخشاش، تىجارەتكە پاي سالغان ۋەخپىنىڭ ماللىرىغا زاكات كېلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ۋەخپە ماللىرىغا ئۇنى تىجارەتكە پاي سالسۇن ياكى ئۆز ھالىتىدە قويۇپ قويسۇن، ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ بىر كىشىنىڭ شەخسى مۈلكى ئەمەس، ئەگەر ۋەخپىنىڭ ماللىرى تىجارەتكە پاي سېلىنغان بولسا، ئۇنىڭ كەلگەن كېرىم ۋەخپە قىلغۇچى سەرپ قىلىشنى شەرت قىلغان پىقىر-مىسكىنلەر، كەمبەغەللەر، ئاجىز-بىچارىلەر، دىنى ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە سەرپ قىلىنىدۇ. كىمكى بۇ مالدىن ئالغان بولسا، يىل توشقاندا بۇ مالنىڭ ئۆزى ياكى باشقا ماللار بىلەن بىرگە زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، بۇنىڭ زاكىتىنى بېرىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ئۇ بىر كىشىنىڭ شەخسى مۈلكى بولدى ۋە ئۇنىڭدا زاكاتنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولدى.

     سەئۇدى ئەرەبىستان دىنى تەشۋىقات، ئىلمى پەتىۋا كومىتېت ئالىملىرىدىن:"مەلۇم بىر قەبىلىنىڭ نۇرغۇن مېلى بولۇپ، ئۇلار بۇ مالنى، ئۆزلىرىگە قانداش بولغان قەبىلىلەر ئۈچۈن ۋەخپە قىلدى، بۇ مال تىجارەتكە سەرمايە قېلىندى، بۇنىڭدىن كېلىدىغان پايدا يەنىلا قانداش قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىنىدۇ، بۇ مالغا زاكات كېلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ؟ ئەگەر بۇ ماللارنى تىجارەتكە سەرمايە قىلمىسىمۇ زاكات كېلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ؟، بۇ قەبىلىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش قاتارلىق ئىقتىسادىغا زاكات بېرىشى كېرەك بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئىش يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، بۇ مالغا زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مال ۋەخپىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ئۇ مال ئىشلىتىلمەيدىغان مال بولسۇن ياكى تىجارەتكە سەرمايە قېلىنغان مال بولسۇن ئوخشاش، ئۇنىڭدىن زاكات بېرىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ مال كەمبەغەللەرگە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولغانلارغا خاس قېلىنغان مال ئەمەس". ["دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى" 9-توم291 –بەت]. 

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ: ئايلىق ئىشتىراكتىن توپلاشقان مالنى ئۆز ئەھلىگە ياردەم قىلىدىغان، قاتناش ھادىسىسى، ئۆلۈم سەۋەبىدىن ئۆتەيدىغان دىيەت، قەرىزدارلارغا ۋە توي قىلىدىغانلارغا ياردەم بېرىش ئاساسىغا قۇرۇلغان قەرەۋىي جەمئىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ساندۇققا توپلانغان مالغا زاكات كەلمەيدۇ، بۇ ئورتاق مۈلۈكچىلىكنىڭ سىرتىدىكى مال بولۇپ، بۇ مالنىڭ بېكىتىلگەن مۇئەييەن ئىگىسى يوق، مۇئەييەن ئىگىسى بولمىغان مالغا زاكات كەلمەيدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"18-توم 184-بەت].

     يەنە مۇنداق دەيدۇ: "دۆلەتنىڭ مېلى خەزىنىگە كېرىدۇ، ئۇنىڭ مۇئەييەن ئېگىسى بولمايدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئۇ مالغا زاكات كەلمەيدۇ. ["كاپىينىڭ شەرھىسىدىن"].

     سۆزنىڭ خۇلاسىسى: "دۆلەتنىڭ مېلى ياكى خەزىنىدىكى مال، شۇنىڭدەك ۋەخپە قىلىنغان مالغا ئۇ ماللارنى تىجارەتكە سەرمايە قىلسۇن ياكى سەرمايە قىلمىسۇن، زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مەلۇم بىر كىشىنىڭ مېلى ئەمەس.

     توغرىنى ئاللاھ ھەممىدىن بەك ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى