پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

بىريىگىت بىر قىز بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا، بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان قىز بىلەن توي قىلىش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ يېقىنىم بىر قىز بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ ئۇنىڭ قىزلىقىنى بۇزىۋېتىپتۇ، بۇ ئىش قىزنىڭ رازىلىقى بىلەن بولاپتۇ، رەسۋا بولۇشتىن ئەنسىرەپ قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇ قىز بىلەن توي قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپتۇ، كېيىن يېقىنىم تەۋبە قىلىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپتۇ، لېكىن ئۇ قىز بىلەن توي قىلىشنى خالىمايدىكەن، ئۇ ھازىر تېڭىرقاش ئىچىدە قاپتۇ، ئۇنىڭغا گۇناھتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ قىز بىلەن توي قىلىش كېرەك بولامدۇ؟ ياكى ئۇنى ئاللاھ دۇنيا-ئاخىرەتتە جازالامدۇ؟ياكى سەمىمىيلىك بىلەن قىلغان تەۋبە بۇنىڭغا كۇپايە قىلامدۇ؟ بىلىشىمچە ئۇ كىشى ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ، ھايات سەھىپىسىنى يېڭىدىن باشلىماقچى.  بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    سىزنىڭ يېقىنىڭىزغا زۆرۈر بولغىنى، بۇ چوڭ گۇناھتىن تېزلىكتە ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، كۆپ ئىستىغپار ئېيتىپ كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، زىنا ياكى يات ئايال بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش چوڭ گۇناھ بولۇپ، بەك قەبىھ، ناچار ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا ئايرىم جازا بېكىتكەن، ئۇ بولسىمۇ توي قىلمىغان بولسا يۈز قامچا ئۇرۇش، توي قىلغان بولسا تاش-چالما بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشتۇر.

شۇنداقتىمۇ ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىپ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۋېتىدىغانغا سەمىمى تەۋبە قىلىشنى يولغا قويدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَالَّذِينَ لا يَدْعُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَهاً آخَرَ وَلا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَلا يَزْنُونَ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ يَلْقَ أَثَاماً يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَاناً إِلَّا مَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلاً صَالِحاً فَأُولَئِكَ يُبَدِّلُ اللَّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَحِيماً  تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار) نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ، پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە پۇرقان  68ئايەتتىن 70-ئايەتكىچە].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِمَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا ثُمَّ اهْتَدَى﴾ تەرجىمىسى: « تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن.» [سۈرە تاھا  82-ئايەت].

    زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ زىنا قىلغۇچى ئايال بىلەن توي قىلىشى كېرەك بولمايدۇ، بۇ تەۋبە قىلىشنىڭ شەرتىمۇ ئەمەس، لېكىن ھەر ئىككەيلەن ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇلار توي قىلسا بولىدۇ بۇنىڭدا چەكلىمە يوق.

     شۇنىڭ ئۈچۈن يېقىنىڭىز ھىلىقى قىزنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا قارىشى كېرەك، ئەگەر ئۇلارنى ئۆزىگە مۇناسىپ دەپ قارىسا، ئۇ قىزنىڭ تەۋبە قىلىپ توغرا يولغا كىرگەنلىكىنى بىلسە، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش توغرىسىدا ئاللاھ تائالاغا ئىستىخار قىلسۇن، بۇ ئۇ قىزغا ياخشىلىق قىلغانلىقتۇر، ئۇ قىز باشقىلاردىن بەكرەك ياخشىلىق قىلىشقا ھەقلىقتۇر، چۈنكى ئۇ خاتا ئىش قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزگەن، خاتالىققا يىگىتكە شېرىك بولغان، بەلكى يىگىتنىڭ چاقىرىقى بىلەن ۋە چىرايلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئۇ ئىشنى قىلغان بولىشى مۇمكىن، ئۇ يىگىتمۇ قىز بىلەن ئورتاق قىلغان ئىشنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك، بەلكى ئەگەر ئۇ قىز بىلەن خاتا ئىش قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ قىزنىڭ سەمىمى تەۋبە قىلغانلىقىنى بىلسە، ئۇ قىزنى ئەپۇ قىلىپ ۋە خاتالىقىنى يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سەمىيمىيتىگە كۆپ ئەجىر-ساۋاپ بېرىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، ئۇ قىرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇنى ياردەمسىز تاشلاپ قويمايدۇ، كىمكى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدە بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ھاجىتىدە بولىدۇ، كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىيامەتنىڭ قىيىنچىلىقىدىن بولغان بىر قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىدۇ، كىمكى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئەيىبىنى ياپىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ.»[ بۇخارى  رىۋايىتى 242-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2580 -ھەدىس].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستىكى قىرىندىشىنى ياردەمسىز تاشلاپ قويمايدۇ دېگەندىن مەقسەت؛ قىرىندىشىنى ئەزىيەت يېتىدىغان جايدا قوغدىماستىن ۋە ياردەم بەرمەستىن تاشلاپ قويمايدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇ  زۇلۇم قىلمايدۇ دېگەندىن خاسراق بىر مەنانى بىلدۈرىدۇ. قىرىندىشىغا ياردەم بېرىش ئورۇنلارنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن بەزى ۋاقىتتا پەرىز بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا مۇستەھەپ بولىدۇ، ھەدىستىكى"كىمكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدە بولسا" دېگەن سۆزنى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان: «ئىنسان قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدە بولغان ۋاقىتتا ئاللاھ ئۇنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ.» دېگەن ھەدىس دەلىللەيدۇ، ھەدىستىكى: «قېرىندىشىنىڭ بىر قىيىنچىلىقنى ئاسان قىلسا» دېگەن سۆز، ئۇنىڭ ھەم-قايغۇلىرىنى يوق قىلسا دېمەكتۇر .  [پەتھۇلبارىدىن قىسقارتىپ ئىلىندى].

    ئايال كىشى زىنادىن تەۋبە قىلسا، ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغان كىشىگە قىزلىقىنىڭ بۇزۇلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر قىلىش كېرەك بولمايدۇ، بەلكى بۇ توغرىدا سورىسىمۇ جاۋاپ بېرىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز نەپسىنى يوشۇرۇشقا بۇيرۇلغان، قىزلىق پەردىسى دېگەن پەقەت جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش بىلەنلا بۇزۇلمايدۇ، بەلكى ھەيزنىڭ كۈچلۈك كېلىشى ۋە ئىگىزراق يەردىن سەكرەش قاتارلىق ئىشلار بىلەنمۇ بۇزۇلىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى