جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئېرىدىن تالاق تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئىيىدا تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

  ھەمشىرەم بىر كىشى بىلەن توي قىلغان ئىدى، يولدىشى ئۇنىڭغا بالا بولدى، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇ كىشى ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە ئايالىنى ئۇرىدۇ، ھەمشىرەم تاياق يېگەنلىكى ئۈچۈن خۇلئى قىلىپ سۆزىنى ئالغان ئىدى، ئەپسۇس ئۇ ئەردىن بىر قىز تۇغقان، بۇ قىز ئانىسىغا جاپا بولدى، چۈنكى ھېيت-بايرام قاتارلىق بەختلىك كۈنلەرنى ئۇ ئەر قىزىنى ئىلىۋېلىش بىلەن ئايالىغا تەھدىت سالىدۇ، ھەمشىرەم باشقا بىر كىشى بىلەن توي قىلغان ئىدى، بۇ ئايالغا ھەقىقى مۇسىبەت بۇ كىشىدىن كەلدى، چۈنكى ئۇ كىشى روھى كېسەل ئىكەن، ھەمشىرەم ھازىر بىرىنچى يولدىشى بىلەن ياشىغان قىيىنچىلىقنى تەكرار ياشاۋاتىدۇ، ئەمدى ئىككىنچى ئېرىدىن تالاق تەلەپ قىلماقچى، لېكىن ئۇ بۇ ئايدا ھامىلدار بولۇپ قاپتۇ، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئېيىدا تۆرەلمىنى چۈشۈرۋېتىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

ئايالنىڭ ۋەلىسى قىزىغا ئەخلاقى ۋە دىنى تەرەپتىن رازى بولىدىغان ياخشى ئەر تاللاشقا كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك، توي قىلىشتىن بۇرۇن ئەر تەرەپنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىش كېرەك، سىرىتقى كۆرۈنىشىگە ياكى ئېتىبارسىز دۇنيا مەنپەئەتىگە ئالدىنىپ قالماسلىقى كېرەك.

بۇ ھەمشىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھ تالادىن سەبىر، ئەجىر تىلەيمىز، ئۇنىڭغا ياخشى بىر كىشىنى ئاتا قىلىشنى سورايمىز، ھەمشىرىمىزنى سەۋىرچان بولۇشقا تەۋسىيە قىلىمىز، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يولدىشىغا شىپالىق ئاتا قىلغاي، ئەھۋالىنى ياخشىلىغاي، بۇ ، ئۇ ھەمشىرىمىز ۋە تۆرەلمە ئۈچۈن تالاق تەلەپ قىلغاندىن ياخشىدۇر.

ئەمما قىرىق كۈن بولۇشتىن بۇرۇن تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش مەسىلىسىدە پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرىكى بىر قانچە سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى. بۇنىڭ ئۈچۈن115954 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى