سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىمامنىڭ جامائەت بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلىشى توغرىسىدا

115781

تارقاتقان ۋاقىت : 10-01-2014

كۆرگۈچىلەر : 4193

سۇئال

جۈمە نامىزىنىڭ ئىككى رەكەت پەرزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىمام جامائەت تەرەپكە ئۆرۈلىدۇ-دە، ھەممەيلەن بىرلىكتە دۇئا قىلىمىز. بىزنىڭ بۇ قىلىۋاتقان ئىشىمىز توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

مۆمىننىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغانلىرىنى قىلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرك قىلغانلىرىنى تەرك قىلىش دېمەكتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّـهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّـهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّـهَ كَثِيرًا تەرجىمىسى: سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر. [سۈرە ئەھزاب 21-ئايەت].

ئىمامنىڭ جۈمە نامىزىدىن ياكى باشقا پەرز نامازلاردىن كېيىن جامائەت بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلىشى، جامائەتنىڭ ئامىن دەپ بېرىشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلمىغان ياكى ساھابىلاردىن بىرەر كىشىمۇ قىلمىغان ئىشتۇر. ئەگەر ئۇنداق قىلىش سۈننەت بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار بىزدىن ئىلگىرى ئۇ ئىشنى قىلغان بولاتتى. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، بۇنداق قىلىش چەكلەنگەن بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىچىڭلاردىن كىمكى ئۇزۇن ياشىسا كۆپ ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمنى ۋە ئۆزى توغرا يولدا بولغۇچى ۋە باشقىلارنى توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇرۇڭلار. ئۇنىڭغا چىشىڭلارنى چىشلەپ تۇرۇپ ئەمەل قىلىڭلار، دىندا ئەسلى يوق ئىشلاردىن ھەزەر قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئىبادەتتە پەيدا قىلىنغان ھەرقانداق يېڭىلىق بىدئەتتۇر ۋە ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلىقتۇر. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4607. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: كىمكى بىزنىڭ ئىشىمىزدا يوق ئىشنى قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 2697-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1718-ھەدىس].

ئىمام شاتىبىي رەھىمەھۇللاھ "ئەل-ئىئتىسام" ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-توم 349-355-بەتلىرىدە پەرز نامازدىن كېيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش توغرىسىدا توختىلىپ، مەزكۇر ئىشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار شۇنداقلا ئۇلاردىن كېيىنكى ئىماملاردىن بىرەرسىنىڭمۇ پەرز نامازلاردىن كىيىن ئىمامنىڭ رىياسەتچىلىكىدە جامائەت بولۇپ بىرگە دۇئا قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئىمامنىڭ جۈمە نامىزىدىن ياكى باشقا پەرز نامازلاردىن كېيىن جامائەت بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ بىدئەتنى تەرك قىلىش لازىمدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدىن كىيىن ئوقۇغان دۇئا ۋە زىكىرلەرنى ئېيتىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. كىمكى نامازدىن كىيىن ئاللاھقا دۇئا قىلىشنى خالايدىكەن ئۆز ئالدىغا ئايرىم قىلسا بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى