جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىن بىرەر سۈننەتنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

بىر كىشى نامازدا پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ ئاخىردا ئامىن دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، نېمە قىلىشى كېرەك؟. نامازدا قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىشتىن ئىلگىرى بىسمىللاھ دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، نېمە قىلىشى كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    نامازدا پاتىھە سۈرىسىنى ياكى باشقا بىر سۈرىنى ئوقۇغاندا بىسمىللاھ دېيىش نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىندۇر، شۇنىڭدەك پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن ئامىين دېيىشمۇ سۈننەتتۇر، ئەگەر كىمكى نامازدا بۇ سۈننەتلەرنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلسا ياخشى ئەمما زۆرۈر ئەمەس، سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلماي قالسا نامىزى توغرا بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان نامازدا مۇستەھەپ بولغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئادەتتە تەرىك قىلماي قىلىۋاتقان بولسا، مۇكەممەللىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان بۇ كەمچىلىكنى تولۇقلاش ئۈچۈن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش كېرەك بولىدۇ. ئەمما بۇ ۋاجىپ بولماستىن بەلكى كەمچىلىكنى تولۇقلاشتۇر. بۇ ھەدىس ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن: «ھەر قانداق سەۋەنلىك ئۈچۈن ئىككى سەجدە كېرەك بولىدۇ». بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئومۇم، ئەمما ئادەتتە سۈننەتنى تەرك قىلىدىغان كىشى بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئەمەلنى قىلىش ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلىگە كېچىپمۇ باقمىغان". ["شەرھىل مۇمتىئ " 3-توم 333-بەت]. 

   نامازنىڭ پەرىز، ۋاجىب، سۈننەتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن 65847 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى