ئىمان دېگەن ئەقىدە بولۇپ ئۇنىڭ ئاساسى ئالتىدۇر. بۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوئال سورىغان ھەدىستە بايان قىلىنغان: ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى-يامان بولىشىغا ئىشىنىشتۇر. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
ئەمما ئىش-ھەرىكەتلەرنى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىمان بولسا يەتمىش نەچچە شاخچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىش-ئەمەللەرنى ئىمان دەپ ئاتاپ مۇنداق دېگەن: وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُمْ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ تەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى(يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى)بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر. [سۈرە بەقەرە 143-ئايەت]. تەپسىرشۇناس ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ دېگەن بولىدۇ، چۈنكى ساھابىلار كەبىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئەقسا مەسچىتىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇغان ئىدى.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.